«مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى» ناملىق بىر كىنو كىشىنى چۆچۈتىدىغان قانلىق دېلونى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتارلىقلار 11- سېنتەبىر كەچتە غەزەپلەنگەن ئېتىرازچىلارنىڭ زەربىسىدە قازا قىلدى. ئىسلامغا قارشى بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى 12- سېنتەبىر بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قورققىنىدىن «ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى»، ھازىر ئۇ كېلىشمەسلىككە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن يوشۇرۇنۇۋالدى.


شۇ جاي ۋاقتى 13- سېنتەبر، نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى «مۇسۇلمانلارنىڭ نادانلىقى» ناملىق كىنونى ئىشلىگۈچى قوشۇمچە رېژىسسورى سام باسىلېنىڭ لوس ئانژېلېستىكى تۇرالغۇسى ئالدىدا خەۋەر كۈتمەكتە.

لىۋىيە ياشلار تەنھەرىكەت تەشكىلاتىنىڭ Facebookنىڭ باش بېتىگە چىقىرىۋالغان سىتىۋىننىڭ رەسىمى.
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىۋىيەدە قازا قىلدى[كۆچۈرۈلمە]
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى 11-سېنتەبىر لىۋىيەنىڭ بەنغازى شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تراگېدىيە كېلىپ چىقتى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى.
شۇ كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلاردىن يەنە ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ بار بولۇپ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر «بىز ھەممىمىز بىن لادىن» دېگەن شوئار بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئامېرىكا«11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقىنىدا، بەنغازى ۋە قاھىرەدىكى ئامېرىكىغا قارشى ئامما قانلىق «زوراۋانلىق كېچىسى» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى چىقارماقتا ئىدى.
«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلابى بۇ رايونغا ئېلىپ كەلگەن مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر،بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرالمىغان. بەزى غەرب ئەللىرى تاراتقۇلىرى يەنە ئەمدىشە ئىچىدە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى تېخى ئەمدىلا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
بەنغازىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئىچىدە پارتلاپ كەتكەن ماشىنا يېىنىدا تۇرغان قوراللىقىلار

ئامېرىكا ئەلچىسى سىتىفىنس
ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى 11-سېنتەبىر لىۋىيەنىڭ بەنغازى شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تراگېدىيە كېلىپ چىقتى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى.
شۇ كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلاردىن يەنە ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ بار بولۇپ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر «بىز ھەممىمىز بىن لادىن» دېگەن شوئار بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئامېرىكا«11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقىنىدا، بەنغازى ۋە قاھىرەدىكى ئامېرىكىغا قارشى ئامما قانلىق «زوراۋانلىق كېچىسى» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى چىقارماقتا ئىدى.
«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلابى بۇ رايونغا ئېلىپ كەلگەن مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر،بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرالمىغان. بەزى غەرب ئەللىرى تاراتقۇلىرى يەنە ئەمدىشە ئىچىدە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى تېخى ئەمدىلا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلىشماقتا
مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۇ فىلىم توغرىسىدا بەرگەن خەرۋرى.
فىلىم ئىشلىگۈچى يۇشۇرنىۋاپتۇ. فىلىمدە مۇھەممەد(س.ئە.ۋ) ئەلەيھىسالامنى دۇنيادىكى ئەڭ سەت تىللارنىڭ ھەممىسى بىلەن تىللاپتۇ.
دۇنياغا نەزەر پىروگراممىسىنىڭ 9-ئاينىڭ 13- كۈندىكى خەۋەرنى ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.
(2012-09-13)
http://www.uycnr.com/wqhg/sszzيەنە بىر خەۋەردەفىلىم ئىشلىگۈچىنى ئامىركا فىدىراتسىيە ئىدارىسى تۇتۇپتۇ، كۆرسىتىلىشچەبۇ ئىككى ئەرەب خىرىستىياننىڭ قىلغان ئىشىكەن.ئۇ ئىككىسى بۇرۇن نەچچە قېتىم تۈرمىگە كىرىپ چىققان نىمىلەركەن.
مەنبە:
http://islamnewsroom.com/news-we-need/1970لىۋىيەدە ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈشلەر باشلىنىپ كەتتى.
ئامېرىكىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن ھەرىكەتتە ئۆتتى.
ئامېرىكا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىۋەتكەن بولسا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى لىۋىيە دېڭىزىغا ئىككى ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتتى.
50 كىشىلىك تېررورىزمغا قارشى زەربە بېرىش ئەترىتىمۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
لىۋىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان بىر تۈركۈم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.
باش ئەلچى كىرىس سىتېۋېنىس بىلەن كونسۇلخانا خادىمى، لىۋىيە ۋە ئامېرىكىلىق ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن بىخەتەر جايغا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان ئەسنادا، ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا 2 نەپەر ئامېرىكىلىق ئۆلۈپ، 30دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
لىۋىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 4 گۇماندارنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ ئارىلىقتا، ئامېرىكىلىق بىر مەسئۇل، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىققان فىلىمنىڭ سىنارسىتى ۋە رىژوسسورىنىڭ ناكولا باسسېلېي ناكولا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
دۇنيا مىقياسىدا فىلىم ۋە ھۇجۇملارغا نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارى كىلىنتون، ئىسلام دۇنياسىدا نارازىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ فىلىمنىڭ ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتتى.
كىلىنتون فىلىم ھەققىدە توختىلىپ، «نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك ئۇرۇقى تېرىيدىغان فىلىم» دەپ باھا بەردى.
بۇ فىلىمنىڭ ھەقىقەتەن ئەيىبلىنىشكە تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كىلىنتون، فىلىمگە زوراۋانلىق قىلىش بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ چارە ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ، ئامېرىكا ئەلچىخانسىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەپ، لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ، ئىسلامغا ھاقارەت قىلىنغان فىلىم ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
(مەنبە:توردىن توپلاندى)