
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «پۇتبول كېچىسى» پروگراممىسى شىنجاڭ 16 ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ئۆزبىكىستاندىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ پروگرامما ئىشلىدى. مۇسابىقىدىن بۇرۇن كىچىك ئەزىمەتلەر خوشاللىققا سىمۋول قىلىنغان قىزىل رەڭلىك مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ ئۆزبىكىستان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى تۆت كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرى بولغان پويىز بېشى ياشلار كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ۋە روزى ھېيتتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقە داۋامىدا ئەزالار تېرىنىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇملىرى بىلەن نەق مەيداندىكى بارلىق پۇتبول مەستانىلىرىنى قايىل قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى كىچىك ئەزىمەتلەر 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.
[

كىشىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى بۇ كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ مەيداندىكى قەيسەر ۋە تىز پۈكمەس روھى. ئۆزبىكىستاندىكى 10 كۈن داۋامىدا شىنجاڭ 16 ياشلىقلار كوماندىسىدىكى ئەزالار تۆت مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ، ئۈچ مەيدان ئۇتۇپ، بىر مەيدان تەڭلەشكەن ۋە بىر مەيدانمۇ ئۇتتۇرماسلىقتەك ياخشى نەتىجىنى ياراتقان، بىر مەيدان مۇسابىقىدە پۇخادىن چىققۇدەك ئويناپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە كەينىدە قالغان ئەھۋال ئاستىدا قىلچە بوشاشماي، يەنە ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبەنى قولغا كەلتۈردى، بىر مەيدان مۇسابىقىدە تىرىشىپ-تىرمىشىپ قارشى تەرەپ بىلەن تەڭلەشتى، بۇنىڭدىن بۇ شىنجاڭنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى پۇتبول ئۈمىد يۇلتۇزلىرىنىڭ تولىمۇ قەيسەر، شىجائەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن ئەزايىمىز مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى بۇ مۇسابىقە بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىمىز بولغاچقا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشتۇق.» بۇ بالىلاردىكى ئاددىي-ساددىلىق كىشىنى ھەقىقەتەن بەكلا تەسىرلەندۈرىدۇ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدا ئەڭ كەم بولىۋاتقىنى نەرسىلەرنىڭ بىرى دەل قەيسەرلىك ئەمەسمۇ؟

گەرچە بۇ كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان بولسىمۇ، ئەمما باش تېرىنىر پولات يەنىلا كوماندىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە كوماندىدا ئاساسىي جەھەتتىن كوماندا دوختۇرى يوق دېيىشكە بولىدىغان بولۇپ، بىرەرسى يارىدار بولۇپ قالسا ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىدىكەن. بۇ كىچىك ئەزىمەتلەر ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەسكەن بەلكىم بىرەر كۈنلەردە ئۇلاردىن بىرى يارىدار بولۇپ، پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىشىمۇ مۇمكىن.

ئەڭ مۇھىمى، تېرىنىر پولات ئىلگىرى بىر ھۇجۇمچى بولۇپ، بۇ ئورۇندىن باشقا ئورۇندىكى ئەزالارغا يېتەكچىلىك قىلغاندا «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق» بولۇپ قېلىپ، ئۆزىمۇ سەل تەمتىرەپ قالىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تېرىنىرلىق سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئىقرار قىلىپ، بالىلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپلا مۇسابىقە ئويناشقا بۇيرۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ياش نوتىلارنى نابۇت قىلىپ قويىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيدىكەن. شىنجاڭدا پۇتبولنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بالىلارنىڭ بەدەن ساپاسىمۇ ناھايىتى ياخشىكەن، ئەمما ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تېرىنىرلار يوق ئىكەن. ھالبۇكى بۇ بالىلارنىڭ تېرىنىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق» بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.

بىز تېرىنىر پولاتنىڭ تېرىنىرلىق سەۋىيىسىنى ئەيىبلىمەيمىز، ئەكسىچە، ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئالقىش ياڭرىتىمىز. ئەگەر جۇڭگو پۇتبولىدىكى ساقلىنىۋاتقان، شۇنچە يىللاردىن بۇيان بايقىيالماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەتتاكى ساقايماس، داۋاسىز كېسەل دېسەك، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا تېرىنىر پولات ۋە بۇ بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى پەقەت ئادەتتىكى جاراھەت دېسەك بولىدۇ، ئەمما ئوخشاشلا جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا موھتاج، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا موھتاج. مەلۇم بىر كۈنلەردە بۇ بالىلارغا پۇرسەت بېرىلسە، بەلكىم ئۇلار جۇڭگو پۇتبولچىلىقىغا پۇرسەت يارىتىشى مۇمكىن.
مەنبە:news.timedg.com
نۇر تورى تەنتەربىيە خەۋەرلىرىدىن