تەكرار تۇغۇلدۇڭ ئۆلۈمۈڭمۇ تەكرار...
ئى.ئى.ئىبنۇرى
ئىنسان دۇنياغا
بىر نۆۋەت كېلۇر
شۇ كەلگەن كۈنى دەل
تۇغۇلغان كۈنىڭ!
... ...
ۋاي!!!
قانداق ئادەم سەن!؟
ھەر يىلى شۇ كۈندە تۇغۇلىۋېرىدىغان!؟
دەيمەنكى،شۇ سەۋەپ
ھەممىگە كايىپ -
قانچە كۆپ تۇغۇلساڭ
ئۆلۈمۈڭ شۇنداق،
ئىز قوغلاپ ھەر يىلى كېلىۋېرىدۇ...
...ئەخمەق ئادەملا تۇغۇلېۋىرىدۇ...
رەڭلىك سورۇندا
شام پۈۋلەپ.
قار كېپەن راسلايدۇ
ھاياتنى قەستلەپ...
مەنبە؛ھېكمەتلىرىم
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-09-12 11:05قايتا تەھرىرلىدى ]