ھەر قېتىم ئوت يۈرەك ئوغلانىمىز مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ " بىز مۇئەللىم ! يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز ، خەلقىمىزگە يوپيورۇق نۇرلار ساچىمىز. " دېگەن مىسرالىرىنى ئەسلىسەم قەلبىمدە تەسۋىرلەپ بولغۇسىز تەگسىز خىيال، ھەسرەتلەر ئەگىيتتى . بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاز قالغانسېرى ئۇنىڭ ھاياتلىق، ئوقۇتقۇچىلىق شەجەرىسىنى قايتىلاپ ۋاراقلاپ چىقاتتىم . ۋاراقلىغانسېرى ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەي 20يىللاپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغىنىمدىن نۇمۇس قىلاتتىم . ئۇنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلانغان " ئوقۇتىمىز ئەۋلادنى يېڭى پەن بىلەن، پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ئۇلى" دېگەن مىسرالىرىنى لوتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتىغا تەڭلىشىپ قالغان خىزمەت ھاياتىمغا، ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئۇزۇن ياشىغان ئۆمرۈمگە تەققاسلاپ باقاتتىم . ئويلاپ باقسام مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆمرىنىمۇ ياشاپ تۈگىتىپتىمەن . تالاي ئوت يۈرەك ۋاپات بولغان ، كۈنىمىزدە قالتىس نەتىجە يارىتىپ ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىۋاتقان ئوغلانلىرىنىزغا قاراپ بەزىدە ئۇھسىنىپمۇ قالاتتىم . مۇشۇلار قانداق ياشىغان، ياشاۋاتقان ھە!... ھاياتىمدا بالىلارغا شۇنچىلىك كۆپ ۋاقىتتا بىلدۈرگەن نەرسىلىرىم شۇنچىلىك ئاز ئىدىم . ( دەرستىن سىرتقى بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مىللىتىمىز تارىخى، مائارىپىمىز تارىخى، ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىز، كىتابلىرىمىز ، يۇسۇنلىرىمىز، كىيىملىرىمىز ، قەھرىمانلىرىمىز، يۇرت ناملىرىمىز ، كىملىكىمىز، دېگەندەك) مەن مەرھۇم سەردار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ " مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىغا نېمىلەرنى دېمەيدۇ ؟ ئۆزىنىڭ ئىنسان ، تۇرمۇش ۋە ئىستىقبال توغرىسىدىكى يېڭىلىقلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىغا دېمەي كىمگە دەيدۇ . < ھەممىلا ئىشتا خەلق تەرىپىدە تۇرۇش، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزىنىڭ كۈرەش نىشانى قىلىش ، ھەقىقەت ۋە گۈزەل ھاياتقا ئۆز خەلقىنى ئۈندەش ۋە شۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش > دېگەندەك زامان خالايدىغان سۆزلەرنى فېزىكا ، ماتېماتىكا دەرسلىرىنىڭ ئارىلىقلىرىدىمۇ دېمىسە ئۇ قانداقمۇ مۇئەللىم بولالايدۇ ؟ " دېگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسىنى بەك كېچىكىپ چۈشەنگەن ئىدىم . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتىپىنى ، ئائىلىسىنى، يۇرتىنى قوغدىيالايتتى ، مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم بىر- بىرىنى چېقىشتۇرغان ، بىر- بىرىنى ساتقان تىزىملىكلەر بىلەن مۇئەللىمىنى مەكتەپ تۈگەتكۈچە تەمىنلەپ ئىلغار، مۇنەۋۋەر ساتقىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ كېتەتتى . ئۇلار كىچىك تۇرۇپلا بىر-بىرىدىن قۇرقاتتى . كىچىگىدىن تارتىپ تىزىملىككە چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ چوڭ بولاتتى . خېلى بويى ئېگىز كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان چوڭ بالىلارنى، پۈف دېسە يىقىلىپ چۈشكىدەك كىچىك قىزلار تىزىملىك دەپتىرىنى كۆرسىتىپ قورقىتالايتتى . ئۇلاردىن بىر گەپ سورىسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكىنى دېمەي ، ئالدى بىلەن ئۆزى ئىگىلىگەن باشقىلار ھەققىدىكى ئاخباراتلىرىنى بىر ھازا دەپ بولۇپ ئۆزىگە تەستە قايتاتتى . بومۇ بىر خىل بىز يېتىشتۈرۋاتقان ئالاھىدە ماھارەت . مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ جەڭگىۋارلىقى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنى قورقۇتقانىدى . ھازىرقى بالىلىرىمىز ئاپىسى بولمىسا ھاجەتخانىغىمۇ كىرەلمەيتتى . مەمتىلى ئەپەندى دەۋرىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرىجىسى يوق ئىدى . ئۇلار دەرىجىسىنى ئەجرىگە، ئادىمىيلىكىگە قاراپ بەلگىلەيتتى . مەمتىلى ئەپەندى ئىشتىن چۈشۈپ يېڭى مەكتەپ قۇرۇشقا ئاتلانسا ،بىز يېڭى ئەسىردىكى جىسمانىي، روھى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خوراش ئالۋېڭى تويغا ، مەسلىھەتكە ( ھاراق ئىچىپ بىر-بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىشقا ، ) ماڭاتتۇق . ( ھەممە توي، مەسلىھەتلەر شۇنداق دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ .) مەمتىلى ئەپەندى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى تەشۋىق قىلسا ، بىز توينىڭ ۋاقتىنى ، ئورنىنى تەشۋىق قىلاتتۇق . ئۆلۈملەردىن خەۋەرسىز قالساقمۇ ئەڭ خىلۋەت مەھەلىلەردىكى قۇلاق تېشىش مەرىكىلىرىدىن خەۋەرسىز قالمايتتۇق . ئىلگىرى ئانىلىرىمىز ئوغۇللىرىنى جەڭگە ئەۋەتكەندەناھايىتى ئاددىي پېشانىسىگە سۆيۈپ : ئارقاڭدىن ئوق تېگىپ ئۆلسەڭ رازى ئەمەسمەن " دەپ ( ئارقىدىن ئوق تەككەننى قاچقاننى ئىپادىلەيدۇ ، دەپ ) كۆزىگە ياش ئېلىپ ئۇزىتىپ قويسا ، ھازىر بىز يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاران ئالي مەكتەپكە ئۆتكەن، تېخى ھېچقانداق بىر چوڭ نەتىجە قازانمىغان بالىلىرىمىزنى رېستۇران كۆتۈرىگە ئېلىپ، باغاق تارقىتىپ ، نەچچە يۈز مىھماننى بېشىدا يەر دەسسەتكۈزۈپ " ئالي مەكتەپكە ئۇزىتىش چېيى " غا چىللاپ ئۇزىتىۋاتىمىز . تېخى بىز مۇئەللىملەر ئۈلگە بولۇۋاتىمىز . مەمتىلى ئەپەندى قېنىنى سەرپ قىلىپ ياراتقان " ئوقۇتقۇچىلىق روھى" مەكتەپتە ئەمەس ، رېستۇراندا كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقانىدى . ( ھەممە ئوقۇتقۇچى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ .) مەن مۇئەللىم ، بىز مۇئەللىم .بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى ناھايىتى ئېغىر ئىدى . تالاي كەسپىي ئۆگىنىش ، ھەر خىل ئالۋاڭ ئۆگىنىشلىرىمىزنىڭ ئورنىغا " مەمتىلى ئەپەندى روھىنى " ئۆگىنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى . تولىمۇ كېچىكتى. روھى ساغلام، روھى سۈزۈك ئوقۇتقۇچى مىللىتىمىزنىڭ مايسىلىرىنى ئەڭ ياخشى سۇغۇرالايدۇ . ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق بېغىشلاپ ئىشلەشنى ئۆگىنىشنىڭ ۋاقتى ھەرگىز ئۆتمەيدۇ . تەۋپىق روھى گەرچە يارىتىلغىلى يۈز يىل بولسىمۇ مەڭگۈ كونىرىمايدىغان بىزنىڭ ئەڭگۈشتىرىمىزدۇر . ھەممىمىز جاراڭلىق ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ ، پەقەت خۇدۈكسىرىمەي " بىز مۇئەللىم " دەپ توۋلىيالارمىزمۇ ؟!!.. توۋلايمىز . " بىز مۇئەللىم !" . تەۋپىق روھى بىزنى چاقىرماقتا . سەن كىمنىڭ ئوغلىسەن ، ئويلىساڭچۇ ، ئىززىتىڭ ھۆرمىتىڭ كەم بولۇرمۇ ؟ تىغ ئېلىپ ئاتلىنىپ جەڭ قىلمىساڭ ، يۇرتلىرىڭ ، خەلقلىرىڭ ھۆر بولۇرمۇ ؟ -تەۋپىق شېئىرى .
سالام ئۇستازلار ! بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
(باعداش مۇنبىرى) مەنبە : .تەۋپىق روھى . ئەبەي تارىم . 2012.9.9