بىر مۇئەللىمنىڭ يۈرەك سۆزى

مۇئەللىم ئۇ _ بىرلا چېلەك سۇلا ئەمەس ،
ئۇ بىر شېشە غايىپ تەملىك كۇلا ئەمەس .
ئۇ ئەمەلىي بىر تىرىك جان ، ئۇ _ ئىسلاھات،
ئۇ_ ئۆزگىرىش،ئۇ _ يېڭىلىق ،< كونا > ئەمەس.

مۇئەللىم ئۇ _ نازۇ - نېىمەت، ئۇ _ داستىخان ،
ئېچىلىدۇ مېھمان دىمەي ، سائىللارغا .
ئۇ ساداقەت تانكىسىدىن ئوت ئاچىدۇ،
مەرىپەتنى كۆرەلمىگەن خائىنلارغا .

ئۇ سەھەرنىڭ گۈلخىنىغا ئوت ياققۇچى،
مۇئەللىمنى ئىنژىنىرغا ئوخشاتماڭلار،
ئۇ ئىگىلمەي كۈنگە قاراپ تىك ئۆسىدۇ،
قالايمىقان يىلتىزىنى يۇمشاتماڭلار !
ئۇ ئەسلىدە بالىجانلىق قارلىغاچتۇر،
ئۇ ئۇچۇرما پەسلىگىچە توختىمايدۇ.
مۇئەللىمگە تەۋە ئەسلى < جىننىس > رېكۇت،
ئۇ ئېھتىمال چارەك ئەسىر ئۇخلىمايدۇ.
مۇئەللىمنى پىخسىق دىمە ، ئاغزىڭغا تاش !
ئۇنىڭ سېخي ھالىتىنى مۇنبەردە كۆر .
ئۇ بىخلانغان سەمىيمىلىك ئۇرىقىدۇر ،
ئۇنىڭ ئاددىي قامىتىنى ھەر يەردە كۆر!
مۇئەللىم ئۇ_ ئەمەلدارنىڭ نۆل سىزىقى ،
ئورۇندىقى تەققاس ئەمەس كىرىسلوغا .
شېرىن پۇراق شەرەتلەرگە سۈكۈت قىلار،
ئامراق ئەمەس كۆڭۈلگە ئوت سېلىشلارغا .
ئۇ ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ ئاشپىزىدۇر ،
توق تۇرىدۇ ئۇ بولغاچقا ئەۋلاتلىرى.
ئۇ يىغمايدۇ ، بەلكى بېرەر مىللەت ئۈچۈن ،
بازار نەرقى ئەمەس ئۇنىڭ بايلىقلىرى .
مۇئەللىمنى شام دىگەنلەر . كەچۈرىڭلار ،
ئۇ شۇنچىلا ئاددي كۆيۈپ ئۆچەمدىكەن ؟
چۈجىلەرنىڭ ئەڭ مېھرىبان ئانىسى ئۇ ،
ئەتە ئۈچۈن دان تاتلىماي كېتەمدىكەن ؟
مۇئەللىمنىڭ كىگىز ئۆيى ـ دەل ئىشخانا ،
ساقلىماقتا تاپشۇرۇقلار ،تەييارلىقلار ،
چاچالمايدۇ دىققىتىنى قەلەم تۇتسا ،
قىززىقتۇرماس مىڭ بىھۇدە ھەييارلىقلار .
مۇئەللىمنىڭ كۆز يېشىنى كىم كۆرۈپتۇ ،
ئۆكسۈپ –ئۆكسۈپ يىغلاپ قويار پىنھانلاردا .
ئۇ دەريادەك يۈرىكىنى يېرىپ كۈندە ،
سۈزۈك سۆيگۈ باشلاپ كېلەر ھەر دىللارغا .
مۇئەللىمنى ‹ ئەخمەق› دىگەن ‹ چوڭ ئەخمەق ›تۇر ،
بالىسىنى تېپىپ قويۇپ ‹بولدى› دىگەن .
شۇبالىنى ‹ ئەركە تاي › دەپ سۆيۈپ تۇرۇپ
يەنىلا شۇ مۇئەللىملەر ئازار يىگەن !
مۇئەللىمنىڭ مائاشى بار ، ‹بەرىكەت › لىك ،
لىكىن ئايلار ئارىسىنى ئۇلالمايدۇ .
سودا قىلىپ يۈرگەن ئەركە بايۋەتچىلەر ،
كوچىدىكى مۇئەللىمىنى تونالمايدۇ !
مۇئەللىمنىڭ بارغۇسى بار توي – تۆكۈنگە ،
ئېچىلىپ ئۇ كاپام پولۇ يىگۈسى بار .
بازارلاردا ماركا تاللاپ ئېسىل كىيىم
باشقىلاردەك ئۇنىڭمۇ بىر كىيگۈسى بار .
ئۆيىدىكى غەملىرىنى سانىمايلى ،
ھېيت – بايرامدا ساڭزا – قۇيماق سالالامدۇ؟
كۆرپە سېلىپ ئىسسىققىنە تاماق ئېتىپ ، ،
ئانىسىنىڭ رازىلقىنى ئالالامدۇ؟
ئىككى بالا تەلمۈرىدۇ دەرۋازىغا ،
يىغىنىدىن قايتىپ كەلدى مۇئەللىممۇ ،
ئۇ ئالدىراپ پۇسۇققىدە دىمەيدىكەن ،
‹پۇت – قولۇمنى سۇنۇپ راھەت سۈرەرمەنمۇ ›
مۇئەللىمنىڭ كېسىلى يوق ، زوكامى بار ،
ئۇ بالنىستا يېتىپ قېلىپ ئاغرىمايدۇ .
ئۇ سائەتلىك ئوكۇل بىلەن ئوڭشالغاچقا ،
ئىلمىي مۇدىر ئەنسىرمەيدۇ ، ئاغرىنمايدۇ.
ئۇنى چۆيۈن يۈرەك دىسەم ، ئالايماڭلار ،
ئۇ ئالدىراپ خىزمىتىدە داتلاشمايدۇ .
تەنقىد بىلەن جازالارغا كۆنۈك تۇرسا،
كەسىپى بىلەن ئۇ ئالدىراپ ياتلاشمايدۇ.
مۇئەللىمنى زەرەتلىگۈچ دىدىم ، چاخچاق ،
ئۇ ھەر قانداق تاقاق دىلنى زەرەتلەيدۇ .
ئۇنىڭ شۇنچە تۆھپىلىرى مەۋھۇم بولغاچ ،
پەقەت ئۇنى شائىرلارلا سۈرەتلەيدۇ .
مۇئەللىملىك كەسپىمنى بەك قەدىرلەيمەن ،
مەيلى خەقلەر مېنى پىخسىق ،نادان دىسۇن ،
پەرۋايىم يوق ! ماڭقۇرۇتلار ھېساپ ئەمەس ،
‹سەن ئىشلىمە › ، دىگەن سۆزنى دادام دىسۇن !
‹مۇئەللىمنى سۆيۈش› دىگەن تام دوسكا بار ،
ئۇ تامدىكى ئۇلۇغلارغا سۆزلەپ تۇرار .
ئۇ مائارىپ ئۈچۈن بولار‹ ئادەم كۆۋرۈك ›
ئۇ بىر يىراق ئۈمۈدلەرنى كۆزلەپ تۇرار .
مۇئەللىمگە ‹رەھمەتۇف ›نىڭ كېرىكى يوق ،
ئۇ ساداقەت ئۇرىقىنى كەڭ چاچىدۇ .
قاناتلىرى يېتىلگەندە ئەۋلاتلىرى ،
سېغىنغاندا قۇچىقىنى كەڭ ئاچىدۇ.
مۇئەللىمنىڭ جەمىيەتتە بەك ھۆرمىتى بار ،
سەھنىلەردە گۈل قۇچاقلار مۈكچەيگەندە .
تاتلىق جېنى كېپىنەك بوپ چىقىپ كېتەر ،
بىرەرسى كېپ سۈيۈپ قويسا ئۈمچەيگەندە .
بىر سېغىنسا تۇيغۇسىدا مۇنبەرلەرنى
مۇئەللىمنىڭ كۆزئەينىكى تورلاشمايدۇ،
كىتاپ بىلەن بور توزانى ئەركىلىسە ،
باشقا كەسىپ بۇ ئىشلارغا قولاشمايدۇ .
ئەي، مۇئەللىم، ئايىقىڭىزنى مايلىتامسىز؟
رەھمەت بالام ، مايلامچىلىق مېنىڭ كەسپىم .
نادانلىق ۋە خۇراپاتنى سېزىپ قالسام ،
غۇرۇرم بەك تېز ئۆرلەيدۇ ، مۇشۇ ئەيپىم .
بارمىقىڭنى چىشلىۋەتكىن ، سۆزۈڭ خاتا ،
مەن مۇئەللىم ، يەنە قانداق پەتىۋا بار ؟
مىڭ شەرەپلىك ئەنئەنە بار بۇ دۇنيادا
مۇئەللىمدەك ئەڭ قىممەتلىك ئەتۋار بار !!!
ئابلەت مۇھەممەت شېئىرى
سەھرايى كۆلبەم :
توققۇزتارا