شېنجېن باۋئەن رايونى شىيەن كوچىسىدىكى تەن ئەپەندىنىڭ تۆت گېزەك ئوغلى بار، ئۇلار ھەممىسى بۇ يىل ئالتە ياشقا كىرگەن بولۇپ، يېقىندا بىرىنچى سىنىپقا كىرگەن، ئوقۇتقۇچى ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلارنى ئايرىيالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئانىسى تەنچاۋيۈن ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇش رەت سانىغا ئاساسەن «1،2،3،4»سانلىرىنى بەلگە قىلىپ چېچىنى ياسىتىپ قويغان. ئوقۇش باشلانغان بىرىنچى كۈنى، بۇ ئوماق تۆت گېزەك ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.


(بۇمۇ بىر ئاۋارچىلىق بوپتۇ،يەنىلا پىلانلىق توغۇت ياخشىمۇ نىمە؟)
»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«»«
جۇڭگۇ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇش چولپىنى
ۋاڭيى تورى خەۋىرى : 25 - ئاۋغۇست گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ خېچى شەھىرىدىكى جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى لو مېيجېن ئۆزىنىڭ 127 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى ، 1885 - يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۇغۇلغان لو مېيجېن موماي ، گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ خېچى شەھرى باما ياۋزۇ مىللىي ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ باما بازىرى لوڭخوڭ كەنتىنىڭ بامەيدۈن دېگەن جايىدا ئولتۇرىدۇ . ‹ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگودىكى ئون نەپەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى شەرەپ تاختىسى › دا ، بۇ موماي جۇڭگو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى دەپ بېكىتىلدى .



لو مېيجېن موماي
$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$$
12بالىسى بار ئانا يەنە بەش گىزەك تۇغدى
جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋىستىرالىيەلىك 48 ياشلىق بىر ئايالنىڭ 12 بالىسى بار ئىكەن. 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بۇ ئايال يەنە تەبئىي ئۇرۇقلىنىش ئارقىلىق بۇ چوڭ ئائىلىگە يەنە بەشكېزەك قوشقان. ئۇ يەرلىك داۋالاش مەركىزىدە 2 ئۇغۇل ۋە 3 قىز يەڭگىگەن، لىكىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز بۇۋاق بەخىتكە قارشى تۈگەپ كەتكەن.
بۇ داۋالاش مەركىزىنىڭ باياناتچىسى بۇ بەش بۇۋاقنىڭ ئىچىدىن قالغان 4 بۇۋاقنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز بۇۋاق بۇ دۇنياغا ئۇڭۇشلۇق كۆز ئاچالمىغان، لىكىن نۆۋەتتە ئانىسىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن. دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرشىگە قارىغاندا، تەبئىي ئۇرۇقلىنىپ بەشكېزەككە ھامىلدار بۇلۇشنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن تۈۋەن ئىكەن.
ئىگەنلىنىشىچە، بۇ شۇ يەردە 30 يىلدىن بېرى تۇغۇلغان تۇنجى بەشكېزەك ئىكەن. بۇ يەردە بۇنىڭدىن بۇرۇن 1980-يىلى بەشكېزەك تۇغۇلغان ئىكەن، لىكىن مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىدىن 11 ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ بەشكېزەكنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمىغان.

(يا ئاللا قۇدرىتىڭ چەكسىزدۇر)
##################################################################
70يىلدىن بىرى ساتىراچقا بارمىغان بوۋاي

ۋېيتناملىق 85 ياشقا كىرگەن بوۋاي 70 يىلدىن بېرى بىر قېتىممۇ چېچىنى ياسىتىپ باقمىغان
ئەنگلىيە تاراتقۇسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېيتنامنىڭ تىئېن گىئاڭ ئۆلكىسىدىكى 85 ياشقا كىرگەن بوۋاي رۇەن ۋېنجيەننىڭ بوغما يىلانغا ئوخشايدىغان ئۇزۇن چېچى بولۇپ، ئۇ 15 يېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان 70 يىل ئىچىدە بىر قېتىممۇ چېچىنى ياسىتىپ باقمىغان. ھازىرغا قەدەر، رۈەن ۋېنجيەننىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىرغا، ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگرامغا يەتكەن.
گەرچە رۈەن ۋېنجيەن دۇنيادىكى «ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت چېچىنى ياساتمىغان كىشى» بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تېخى دۇنيادىكى «چېچى ئەڭ ئۇزۇن» كىشى ئەمەس. تەن ۋەنخەي ئىسىملىك يەنە بىر ۋېيتناملىق بوۋاي 50 يىلدىن بۇيان چېچىنى ياسىتىپ باقمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 10 كىلوگرام كېلىدىكەن. ئەمما تەن ۋەنخەي ئىسىملىك بوۋاي ئىككى يىل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن. ھازىر جىننېس دۇنيا رېكورتىدا «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن چاچ» دېگەن رېكورتنى ساقلىغۇچى جۇڭگونىڭ گۈيلىن ئۆلكىسىدىكى شيې چيۇپىڭ خانىم بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ چېچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5.6 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدىكەن.
&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&&
16ياشلىق شەھەر باشلىقى

خەلقئارا تورى مەخسۇس خەۋىرى: ئاۋسترالىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، پەلەستىندىكى 16 ياشلىق كىچىك قىزچاق بەشىر.ئوسمان ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە پەلەستىننىڭ شىمالى قىسمىدىكى كىچىك شەھەر ئالىرنىڭ شەھەر باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ياش شەھەر باشلىقى بولۇپ قالغان. ئەمما يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، بەشىر مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇ يەنە بىر قېتىم شەھەر باشلىقى بولۇشىنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدىكەن.
بەشىرنىڭ ئۈستىلىگە ئۈچ پارچە رەسىم قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇلار بولسا ئايرىم-ئايرىم پەلەستىن مىللەتلەر ھوقۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى مەخمۇت. ئابباس، زۇڭلى سالام ۋە ئىلگىرىكى پەلەستىننىڭ يول باشچىسى يەسىر ئەرەفات ئىكەن. ئۇ سوفىيە.سادىكنىڭ قۇلىدىن بۇ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغان، ئۇ :«مېنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىم مۇناسىۋەتسىز، ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا شەھەر ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك» دېگەن. تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ئالىر شەھىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمى ئاھالىسى 8000 دىن ئاشىدىكەن.
*********************************************************************************************
قىرغىزىستانلىق كۈچتۈڭگۈر پالۋان 20 ماشىنىنى سۆرىدى
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى قىرغىزىستاندا بىر كۈچتۈنگۈر بار. ئۇنىڭ ئىسمى نۇرلان ئەلىسالىف. يېقىندا ئۇ پايتەخت بېشكەك شەھەر مەركىزىدىكى مەيداندا ئېغىزى بىلەن 30 توننا ئېغىرلىقتىكى 20 ماشىنىنى سۆرەپ 20 مېتىر يىراقلىققا ئېلىپ بارغان. مەيدانغا يۈزدەك تاماشىبىن يىغىلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى نۇرلاننىڭ بۇ ئۇلۇغ جاسارىتىنى كۆرۈپ ئىسپاتلىدى. نۇرلاننىڭ دېيىشىچە، بۇ ئويۇن كۆرسەتكىنىم ئەمەس. ھازىر مەن دۇنياغا ئۆزەمنىڭ بۇ ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلىماقچى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ماھارەت كېتىدۇ. بىراق، سەن ئۆزەڭنىڭ روھى كۈچۈڭگە ئىشىنىشىڭ كېرەك دېدى. ئارقىدىنلا نۇرلان ئۆزىنىڭ پۇلاتتەك چىشلىرىنى ئىشلىتىپ 50 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى تۆت دانە شارچىنى چىشلەپ ئۇدا بەش مىنۇت تۇردى. نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى بۇنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى. نۇرلان قىرغىزىستان ستانتالاس ئۆلكىسىدىن. تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، نۇرلاننىڭ بۇ قېتىمقى ئېغىر ماشىنىنى سۆرەپ يىراق ئارىلىققا ئېلىپ بېرىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا دا يېڭى رېكورت ياراتقان.

بىشكەك شەھەر مەركىزى مەيدانىدا نۇرلان 30 توننا كىلىدىغان 20 ماشىنىنى سۆرىمەكتە

نۇرلان چىشى بىلەن 50 كىلوگىرام كىلىدىغان تۆت شارچىنى چىشلەپ تۇرماقتا

(چىگۇڭ دىگەن بىزدىمۇ با مۇنداق، باشقىلا قولغا يىغسا بىز باشقا يىغىمىز شۇنداق)
مەنبە:توردىن توپلىغانلىرىم
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2012-09-07 14:31قايتا تەھرىرلى ]