
بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، دىرامماتورۇگ، ئۇستاز ئەدىب مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچە سائەت 1 دە ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز بۇنىڭغا قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى ۋە چوڭقۇر تەزىيەدە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇمنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئۇرۇق – تۇققان، دوست – بۇرادەرلىرىگە سەبرە تىلەيمىز.
مەرھۇم مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 1939-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1958-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچى، يېڭىشەھەر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ناخشا ـ ئۇسۇل ئۆمىكى قاتارلىق جايلاردا كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1955-يىلى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«گۈلمېھرى»، «سەھەردىكى ئۇچىرىشىش»، «ئاچا ـ سىڭىل»، «جەنۇپتىكى جەڭ مارىشى» قاتارلىق شىئېر، ھېكايە، دىرامما توپلاملىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ «قۇچاقلا ئۇ سېنىڭ داداڭ» ناملىق شىئېرى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «گۈلمېھرى» داستانى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، «ئۈچ دوست» غەربىي شىمال بويىچە مۇنەۋۋەر تېلۋىزىيە تىياتىرى سىناريىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەنبە:
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=6227