ۋاڭ لىجۈن ئەيىپلەشكە يوللاندى

شىنخۇا تورى چىڭدۇ 5 – سىنتەبىر تېلىگىراممىسى . چوڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ، ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ لىجۈن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى ، ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش جىنايىتى ، ھوقۇقىنى كەلسە كەلمەس ئىشلىتىش جىنايىتى ، پارە ئىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دىلوسىنى يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىلىك چىڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە چىڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىپلەشكە يوللىدى .
تەپتىش ئورگىنى تەھقىقلەپ ئەيىپلەش باسقۇچىدا قانۇن بويىچە جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ، جاۋاپكارنى سوراق قىلىپ ئاقلىغۇچىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدى . دىلونىڭ بارلىق ماتىرياللىرىنى تەكشۈردى . سىچۈەن ئۆلكىلىك چىڭدۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلەشنامىسىدە : جاۋاپكار ۋاڭ لىجۈن چوڭچىڭ شەھرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تۇرۇپ ، بۇگۇكەيلەينىڭ نىر ۋۇدىكە زىيانكەشلىك قىلىشتا زور گۇمانلىق كىشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ، ۋەزىپىسىدىكى مەسئۇلىيىتىگە خېلاپلىق قىلىپ ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇپ ، بۇگوكەيلەينىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ؛ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۆتەش جەريانىدا خىزمەت ئورنىدىن ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن ئايرىلىپ ، ئاسىيلىق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ چىڭدۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا قىچىپ كىرىۋالغان بولۇپ ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ؛ تېخنىكىلىق رازۋىتكا تەدبىرلىرىنى ئىجازەتسىز ياكى ساختا ئىجازەت رەسمىيەتلىرى بىلەن قانۇنسىز ئىشلەتكەن بولۇپ ھوقۇقىنى كەلسە كەلمەس ئىشلىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ؛ خىزمەتتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ زور مىقداردا پارە ئالغان بولۇپ پارە ئىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ . جاۋاپكار ۋاڭ لىجۈننىڭ يۇقارقى جىنايى پاكىتى ئېنىق ، دەلىل – ئىسپات تولۇق ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى ، ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش ، ھوقۇقىنى كەلسە كەلمەس ئىشلىتىش جىنايىتى ، پارە ئىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تېگىشلىك ، دىيىلدى .
سىچۈەن ئۆلكىلىك چىڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دىلونى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان بولۇپ ، يېقىندا سوت ئىچىپ قاراپ چىقىدىكەن .
http://news.ifeng.com/photo/news/detail_2012_09/05/17374343_0.shtml