ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 593 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامرىكىنىڭ داڭلىق پوپى گىپىيلىنىڭ قىزى ئەننىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنكى زىيارەت سۆزى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1840
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
تۆھپىسى: 1
پۇلى: 3 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 2
ياخشى باھا: 3
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-09-04
ئاخىرقى: 2012-09-05
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-04 13:41

ئامرىكىنىڭ داڭلىق پوپى گىپىيلىنىڭ قىزى ئەننىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنكى زىيارەت سۆزى

[size=5]ئامرىكىنىڭ داڭلىق پوپى گىپىيلىنىڭ قىزى ئەننىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىنكى زىيارەت سۆزى

ئامرىكىنىڭ داڭلىق پوپى گىپىيلىنىڭ قىزى ئەننى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، ئامرىكىنىڭ مەلۇم بىر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىۋى بىلەن بىر پىروگىراممىغا قاتناشقاندا، رىياسەتچى ئاياپ ئولتۇرماي بىۋاستە ھالدا: "نىمە ئۈچۈن خۇدا بۇنچە ئىچىنىشلىق پاجىئەنى پەيدا قىلىدۇ؟" دەپ سورىغاندا، ئەننى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن مۇنداق چۈشەندۈردى:"مەن خۇدانىڭ بىز بىلەن ئوخشاشلا بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئىچىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىراق ئامرىكىلىقلار يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلاھنى مەكتەپلەردىن ھەيدىۋەتتى، ئېلاھنى ھۆكۈمەت ئىچىدىن تىپىپ چىقىرىۋەتتى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىنمۇ سىقىپ چىقىرىۋىتىلدى. مەن ئېلاھنىڭ جىمجىتقىنا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن ئامالسىز چىقىپ كەتكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئۆز ۋاقتىدا، بىز ئۆزىمىز ئېلاھنىڭ ئايرىلىشىنى ئىيتقان، ئەمدى قوپۇپ ھازىر يەنە خۇدا قەيەردە؟ دەپ سورايمىز، خۇدا ئامرىكىنى نىمىشقا قوغدىمايدۇ، دەپ خۇدانى سۇئال-سوراق ئىتىشكە بىزنىڭ نىمە ھوقوقىمىز بار؟ ". "بۇنىڭدىن كۆرە، بىز ئامرىكىنىڭ بىر قانچە يىللىق ئەخلاق تەرەققىياتىنى ئەسلەپ كۆرەيلى، بولامدۇ؟ " "مەلۇم بىر يىلى، بىرسى مەكتەپنىڭ ئىچىدە دۇئا قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى مەكتەپ چوقۇم دىندىن بىتەرەپ بولۇشى لازىم، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھوقوقى يوق، دىدى. بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. مەلۇم بىر ئايدا، بىر ئادەم، كىشىلەرگە "ئادەم ئۆلتۈرسەڭ بولمايدۇ، ئوغۇرلۇق قىلساڭ بولمايدۇ، خوشنىلىرىڭنى ياخشى كۆرۈشۈك كىرەك" دىگەندەك كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلايدىغان ئىنجىلنىڭ زاماندىن قىپقالغانلىقىنى ھىس قىلىپ، بولمىسا بىز ئىنجلىنى مەكتەپتىن يوقىتىۋىتەيلى، دىدى. بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. مەلۇم بىر كۈنى، بىر ئادەم :"بالىلارنىڭ غورۇرى بەكلا ئاجىز، بىز تەن جازاسى قوللانماسلىقىمىز كىرەك" دىدى، (بۇ گەپنى ئىيتقان ئادەمنىڭ بالىسى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان)، بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. مەلۇم بىر چاغدا، بىر ئادەم قوپۇپ:"دەۋر ئۆزگەردى، مۇئەللىملەر ئائىلە باشلىقلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىپلىمەسلىكى كىرەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىسىمى بەك ئېغىرلاپ كەتتى، چۈنكى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇپ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىپ قويۇشىدىن قورققاچقا، مەكتەپ بالىلارنى جازالاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، دىدى. بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. يەنە بىرسى :"بالىلارنىڭ كىشلىك ھوقوقى بار، ئۇلارنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيەسىىنى قوبۇل قىلىش ھوقوقى بار، ئاتا-ئانىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش مەسئۇلىيتى يوق" دىدى، بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. ئۇ دىدىكى:"بىز بۇنداق ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ تۈگۈلۈپ تۇرغاندىن كۆرە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىلارغا بىخەتەر قاپچۇق(گاندۇن) نى قانداق ئىشلىتىشنى ئۈگىتىپ قويايلى، بەرىبىر بالىلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا قىزىقىدىغۇ، تويدىن بۇرۇنقى جىنسى قىلمىشنىڭ كارايىتى چاغلىق" دىۋىدى، بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. بىرسى دىدىكى:" خىزمەت بىلەن شەخسى تۇرمۇش ئايرىلىشى كىرەك، زۇڭتۇڭ پەقەت ئىقتىسادنى ياخشىلىيالىسىلا........ بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىمىز؟! ھەممە ئادەمنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكى بولىدىغۇ؟" دىۋىدى، بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. بىرسى دىدىكى:" شەھۋانى تور بىكەتلەرنى كۆرۈش شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى، ھەتتاكى بالىلار شەھۋانى تور بىكەتلىرى بولسا نىمە بوپتۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى شەخسى پىكىر ئەركىنلىكى، سىنىڭ نىمە كارىڭ؟ دىدى، بىز بولساق:"چاتاق يوق"، دىدۇق. بىرسى:"ھازىرقى زامان كىشىلىرى چوقۇم ئىددىيەسىنى ئازاد قىلىشى كىرەك، تېلىۋىزور، كىنولاردىكى شەھۋانى، زوراۋانلىقلار پەقەت جەمئىيەتنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ خالاس. زەھەر، باسقۇنچىلىق، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، شەيتاننىڭ ناخشىسى دىگەنلەر، پەقەت كەيپىياتنى تەڭشەش، بىسىمنى پەسەيتىش.............. بۇنىڭ نىمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار؟ خالىسا قىلسا بولىدۇغۇ." دىدى، بىز بولساق:"چاتاق يوق" دىدۇق. قورامىغا يەتكەن كىشىلەر جەمئىيەت ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان "ئىجتىمائى تۈزۈم" تۇرغۇزغاندىن كىيىن، بىز يەنە:"نىمىشقا ھازىرقى بالىلاردا ۋىجدان يوق؟ نىمە ئۈچۈن بالىلار قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرىدۇ؟ نىمىشقا 13ياشلىق بالا باشقىلارغا ئاتا-ئانا بولۇپ قالىدۇ؟ نىمىشقا 11-سىىنتەبىر ئېچىنىشلىق ۋەقەسى يۈز بىرىدۇ؟" دەپ سورايمىز. خۇدا ئامالسىزلىق بىلەن مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ:"بالىلىرىم! سىلەر مىنىڭ سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارغا كىرىشىمگە رۇخسەت قىلمىدىڭلار". ئەگەر بىز ئىنچىكىلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىپ باقىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغانلىىمىزنى بايقىشىمىز تەس ئەمەس، بىز ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆزىمىز تېرىغانلىرىمىزنى نابۇت قىلىۋەتتۇق. قىزىقارلىق يىرى شۇكى، كىشىلەر خۇدانى تاشلىۋىتىدىيۇ ، يەنە تېخى پۈتۈن دۇنيانىڭ دوزاخنىڭ دەۋرازىسى ئالدىغا قاراپ كىتىۋاتقانلىقىغا قارىتا خۇدانى ئەيىپلەيدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، بىز گېزىتتە دىيىلگەنگە ئىشىنىمىزيۇ، بىراق ئىنجىلدا دىيىلگەندىن گۇمانلىنىمىز.  
مەنبە: سىنا بىلوگى

ئېلاۋە: ئەسسالامۇ'ئەلەيكۇم!
مەن بىر بۇرادىرىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن بۇ مەزمۇننى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم خالاس، غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئېلاھ، خۇدا چۈشەنچىسى بىلەن بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى ئاللاھ چۈشەنچىسى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم پەرق بولۇشى مۇمكىن، لىكىن بۇ پەرق پەقەت بىزنىڭ ئېڭىمىزدىكى پەرقتۇر، ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەتتۇر، بۇ ھىچقانداق پاكىت ۋە ئىسپات تەلەپ قىلمايدۇ.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى بولسا ئامرىكىدىكى داڭلىق بىر پوپنىڭ قىزى. خەت تەرجىمىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنغاچقا، بەزى مەزمۇنلار بىزگە غەيرى تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ماڭىمۇ شۇنداق تۇيۇلغان. ئاللاھ مەڭگۈ چەكسىز قۇدرەت ئىگىسىدۇر، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ خاھىشى مەڭگۈ چەكلىمىسىزدۇر ۋە دەخلىسىزدۇر. شۇ سەۋەبتىن بىز يۇقارقى بۇ دىئالوگنى ئۇنىڭ قانداق دىيىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەسلى نىمە دىمەكچى بولغىنىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ چۈشەنسەك، دىمەكچىمەن. «سۆزلىگۈچىدە ئەيىپ يوق، ئاڭلىغۇچى ئىبرەت ئالسۇن» دىگەن ماقالغا ئوخشاش، ئەلۋەتتە سۆزلەشتە خاتالىشىشتىن ئاللاھ ھەممىمىزنى ساقلىسۇن!
شۇ نەرسە ئىنىقكى، ئاتالمىش شەخسى مەخپىيەت ۋە كىشلىك ھوقوق ۋە شەخسى خاھىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دىگەنلەر ھەر قانداق بىر شارائىتتا مۇئەييەن بىر ئېلاھى قائىدە-تۈزۈم ۋە قىلىپ ئىچىدە بولغاندا، ئىنسانلارغا بەخت ئىلىپ كىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ چەكلىمىسىز ۋە مۇتلەق ئەركىنلىك ھالىتىدە ئىختىيارىغا قويۇپ بىرىلگەندە ئەكسىچە ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئىلىپ كىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان ھەر قانچە قۇدرەت ئىگىسى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا يۈكسەك ئېلاھى قۇدرەت ئىگىسى(ئاللاھ) ئالدىدا يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز، ئىنسان پەقەت ئىتائەت قىلىشقا، بويسۇنۇشقا، ئىبادەت قىلىشقا، ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئىنسان قانچىلىكى ھەددىدىن ئاشىدىكەن، تەكەببۇرلۇق قىلىدىكەن، ئۆزلىرىنىڭ شەخسى خاھىشى، نەپسى ۋە ئىستەكلىرىگە باش ئىگىپ، قۇل بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلىش، ئۆز-ئۆزىگە خارلىق كەلتۈرۈش، ئۆز-ئۆزىگە بەختىسىزلىك ئۇرۇقى تىكىپ، ئۇنىڭ ئاچچىق مىۋىسىنى ئامالسىزلىق بىلەن قانلىق ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ يىيىشتىن ئىبارەت باشقا نەرسە ئەمەس.
  يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كىرەككى، بىزگە ئوخشاش ماددى جەھەتتە ئاساسى ئىنتايىن تۆۋەن تۇرىۋاتقان قەۋىملەردە ئەشۇ ئامرىكا ۋە شۇنىڭدەك تەرەققى قىلغان ئەللەردە ماددى باياشاتچىلىقتىن كىكىرىپ كىتىۋاتقان بەزى كىشىلەردە يوق بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەشۇ پاراۋان تۇرمۇشتىن ھوزۇرلانغانغاندىكى ھىس قىلغان ھوزۇر-ھالاۋەتلىرىدىنمۇ نەچچە ھەسسە بىزگە ھوزۇر بىرىۋاتقان ___ ئىمان لەززىتىدىن ئىبارەت كاتتا لەززەت ھىلىھەم بىزگە ھوزۇر بەرمەكتە. تىلىكىم  ۋە ئۈمىدىم ئاللاھ ھەممىمىزنى ئەشۇ ھوزۇردىن مەڭگۈ نىسىۋىدار قىلسۇن!
تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-04, 05:44
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-04 15:30

بىز شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەيمىزكى، ئاللادىن كەلدۇق،ئاللاغا قايتىمىز...............
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1165
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 14 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 14
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-01
ئاخىرقى: 2012-09-26
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-04 17:23

تۆۋە  ما گەپ ماڭا  ئەجەپ  بىر خىل تۇيۇلدى  دەيمەن  پوپنىڭمۇ قىزى بۇلامدۇ  مەن بىر چاغلاردا ئىنجىل قىسسىلىرىدا ئۇقۇدۇممۇ  ئىش قىلىپ ھەقىقى  خىرىستىيان مۇخلىسىنىڭ  بىر ئومۇر توي قىلمايدىغانلىغى  چىركاۋغا كىرگەندىن كىيىن  بىر ئۆمۇر تائەت ئىبادەت بىلەن  ئۆتىدىغانلىنى ئۇقىغاندەك قىلغان .
يەنە بۇددا راھىپلىرىنىڭمۇ شۇنداق قىلىداغانلىغى ئىسىمدە  .
دوسلار مەندە خاتا چۇشەنچە  بۇلۇپ قالدىمۇ  ياكى شۇنداقمۇ  سەل گاڭگىراپ قالدىم  مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلىرىڭلار بولسا  ئوتتۇرغا قۇيىشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .

تېمىدىكى مەزمۇنغا كەلسەك  ئىتىقادى يوق مىللەت  يىيلتىزى يوق قامقاققا  ئوخشايدۇ  ئەشۇلارمۇ بىركۇنى ئىتىقادسىزلىقنىڭ قەدرىگە يەتكەندە ئاللا بۇرۇن كىچىككەن بۇلىدۇ
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-04 17:26

پوپ بولۇشتىن بۇرۇن خوتۇن ئېلىپ بالىلىق بولغان بولىشى مۇمكۈن........................
olumni untigan,ga nasahat kilma
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1164
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 96
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
تۆھپىسى: 14
پۇلى: 125 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 28
ياخشى باھا: 125
توردا: 22(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2012-11-09
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-04 19:40

بۇ يەردىكى گەپ پوپنىڭ قىزى بار يوقلىقىدا ئەمەس،گەپ دىن مەسىلىسىدە بولىۋاتىدۇ.ئامىرىكىلىقلارنىڭ گېپى بىزگە ئەجەپ ھەدىسلەردىنمۇ ئۇلۇغ بىلىنىپ كېتدىغان بولدى.ئايەت ۋە ھەدىسلەردىكى سۆزلەرگە ھەيران قېلىش كېرەك
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-09-05 23:52

ھەقىقىي يۈرەك سۆزلەركەن ...