ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق تورداشلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ،
بۆرتالادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىتپاق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى 8- ئاينىڭ 26 - كۈنى غەلبىلىك ھالدا ئاياغلاشتى ،
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە بۆرتالادىكى پۇتبولخۇمار قېرىنداشلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن ، بۆرتالادا توختاپ قالغىنىغا بەش يىل بولغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ،
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى ، ھەر ساھە ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ، كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە ماسلىشىشى ، پۇتبولچى ئەزمەتلەرنىڭ سەرخىل ماھارەتلىرى ئاستىدا شۇنداق غەلبىلىك ، تەنتەنىلىك ھالدا ئاياغلاشتى .
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ھەقىقەتەن قىزىپ قويدى ، تاماشىبىنلارمۇ ، ئالقىش چاۋاكلىرى ئارقىلىق مۇسابىقە رىتىمگە رەڭ قوشتى ،
پەرىزىمچە بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن پۇتبولخۇمار تاماشىبىنلارنىڭ سانى 6000 دىن كەم ئەمەس ،
بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چىمبۇلاق توردىكى فىلىم ئىشلىگۈچىلەرمۇ قاتنىشىپ مۇسابىقىگە تېخىمۇ ھۆسىن قوشتى ، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇرمەممەت قاتارلىق تور گۈرپىسىدىكى يولداشلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن ،
يەنە چىمبۇلاق تورىغا ياردەملىشىش ھەم زىيارەت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان دوستۇم ئەخەت يۈسۈپكە < تۆمۈر پۇت > بۆرتالادىكى پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن .
بۈگۈنكى مۇسابىقە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك مۇسابىقە بولدى دەپ قارايمەن ، بۈگۈن ئەتىگەن ئىتپاق لوڭقىسىنىڭ ئۈچىنجىلىكنى تالىشىش باسقۇچىنى باشلاشتىن بۇرۇن ، بۆرتالاغا دوستلۇق مۇسابقىسى ئوينىغىلى كەلگەن قاراماي
11-12 ياشلىقلار كوماندىسى مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىۋاتقان مەيداندا ، تەجىربە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئوينىدى ،
بۇ مۇسابىقىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش چاۋاكلىرى بىلەن دوستانە ھالدا ئاياغلىشىپ ، بۆرتالا ، قاراماي دوسلۇقىغا ئۇل سالدى .
سائەت 10 بولغاندا قېرىنداشلار كوماندىسى بىلەن قىزىلتۇز كوماندىسى ، ئۈچىنجىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى
باشلىۋالدۇق ، كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق قېرىنداشلار كوماندىسى ، قىزىلتۇز كوماندىسىنى 0-2 يېڭىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنجىلىكىگە ئىرىشتى .
چۈشتىن كىيىن مەيدان قاينام تاشقىنلىققا چۆمۈپ مەيدانغا ئادەملەر ئېقىن سۇدەك كىرىشكە باشلىدى ، سائەت سىتىرىلكىسى ئۈچنى كۆرسەتكەندە ، بۇ قرتىمقى مۇسابىقىنىڭ قارا تۇلپارلىرى ، ئاتلان كوماندىسى بىلەن ئېھسان كوماندىسى ، مەيدانغا ئابدۇغېنى ئاكىمىزغا تون كەيدۈرۈپ بىللە ئېلىپ كىردى ، ئابدۇغېنى ئەپەندى ئىككى كوماندىنى ، ئەزالىرىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ، رىپىر مۇسابىقە باشلانغانلىق پۇشتىكىنى چالدى ،
ئىككى تەرەپ توقسان مىنۇ ئېلىشىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى چىمپىيون كوماندا بارلىققا كەلدى ، ئېھسان كوماندىسى
ئاتلان كوماندىسىنى 1-2 يېڭىپ چىمپىيون بولدى ،
ئاتلان كوماندىسىن 9- ماھىر تايىر بۇ مۇسابىقە جەريانىدا 19 توپ كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇتبولچى بولۇپ باھالاندى ،
قېرىنداشلار كوماندىسى مەدىنىيەتلىك كوماندا بولۇپ قوش مۇكاپاتلاندى ،
شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقە غەلبىلىك ئاياغلاشتى ، تاڭنۇرنىڭمۇ ئارام ئالىدىغان ۋاقتى كەلدى ، 0ئامان بولغايسىلەر ، كىلەر قېتىمقى مۇسابىقىدە كۈرۈشەيلى !
بۈگۈنكى مۇسابىقە رەسىملىرى

پىشقەدەملەر چىمبۇلاق تورىنىڭ زىيارىتىدە

لوڭقىغا ئىرىشكەن ئىھساننىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى

لوڭقا قولدىن قولغا ئۆتمەكتە

پۇتبول سۈيەر ئەزمەتلەر

چىمبۇلاق تورى سىنغا ئالماقتا
كۆرۈش سۇپىسىغا پاتمىغان تاماشىبىنلار

ئاخپارات ساھەسىدىكىلەر خىزمەتتە


قېرىنداشلار كوماندىسىنىڭ مەبلەغ چىقارغۇچىسى ، ئابدۇۋەلى ھاجىم زىيارەتتە

پىشقەدەم ئۇستازلار ،



بۆرتالا تېلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى گۈلمىرە ماڭا ياردەملىشىپ سىنغا ئالماقتا ، بۇ قىزغىمۇ رەھمەت




چىمپىيونلۇق جېڭى

ئېھسانىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادىروسى نۇر يارلاندى

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە كۈچ قوشقان دوستۇم مەردان ، ساڭمۇ رەھمەت


ئاتلان كوماندىسى


مۇسابىقە تەشكىلىگۈچى ئابدۇغېنى سۆز قىلماقتا

سىنىڭچە قايسى كوماندا ئۇتىدۇ ؟،،،، ئاتلان ..... ياق ئېھسان

بۆرتالا تېلۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى

چىمبۇلاق تورى خىزمەتتە

ئىتپاق لوڭقىسى

ئۈچىنجىلىكنى تالاشقان قېرىنداشلار كوماندىسى بىلەن قىزىلتۇز كوماندىسى



شۇنداق قىلىپ خەۋەرلىرىم مۇشۇ يەردە تۈگدى
[ بۇ يازمىنىتاڭنۇر 2012-08-27 19:05قايتا تەھرىرلىدى ]