جەنۇبىي دېڭىز – تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان دېڭىز تىرانسپورت مۇھىم تۈگىنى بۇلۇپ، ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت مۇداپىيەسى جەھەتتە ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. شىمال تەرىپى جوڭگۇ بىلەن، شەرقىي جەنۇبى فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرى بىلەن، غەربىي جەنۇبى ۋېتنام ۋە مالاي يېرىم ئارىلى بىلەن، جەنۇبى ھىندىنوزىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليۇن 500 مىڭ كىۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ.

جەنۇبىي دېڭىز مول كان بايلىقى، سۇ مەھسۇلاتلىرى بايلىقى، تىرانسپورت بايلىقى، بولۇپمۇ مول نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقىغا ئىگە. نېفىت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 23 مىلياردتىن 30 مىليارد توننىغىچە بۇلۇپ، دۇنيا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ %12 نى، جوڭگۇ نېفىت ئومۇمىي بايلىق مىقدارىنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
دېڭىز ئاستى بايلىقلىرىدىن يەنە ھەر خىل مىتال بۇيۇملار، كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى بۇلۇپ، پەن – تېخنىكىنىڭ كۈنسىرى ئىلغارلىشىشى ۋە دېڭىز بايلىقلىرىنى ئېچىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، غەربىي جەنۇبىي قىسىمدىكى جوڭشا تاقىم ئاراللىرىنىڭ دېڭىز ئاستى بايلىق مەنبىيى كەڭ ئېچىش ئىستىقبالى ۋە زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. تىرانسپورت جەھەتتە يىلىغا 40 مىڭدىن ئارتۇق پاراخوت جەنۇبىي دېڭىز رايۇنىدىن ئۆتىدۇ. ياپونىيە، كورىيە ۋە ئىلىمىزنىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ %90 تىن ئارتۇق نىفىتى جەنۇبىي دېڭىز ئارقىلىق تۇشۇلىدۇ. جەنۇبىي دېڭىز ئارقىلىق تۇشۇلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز دۇنيا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.