بىلمەپتىمەن
سەيپىدىن ئەزىز

ئىگىلىپ قىلسا سالام، مەككار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
قاش ئېتىپ ئويناتسا كۆز، ھەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
قەدىردانىم ئۈلپىتىم، سەن جان-جىگەر دوستۇم دېسە،
يەڭ ئىچىرە خەنجىرى تەييار ئىكەن بىلمەپتىمەن.
گاھىدا بازغانمۇ ئۇردۇم، گاھىدا باستىم كۈيەك،
ئوتتا تاۋلاپ كۆرمىگەچ، تۇشمۇ- تۆمۈر بىلمەپتىمەن.
ئايلىنىپ تاغلار ئارا قازدىم باھاسىز تاشنى مەن
ئۇستا زەگەر بولمىغاچ، ئالتۇن-مىس بىلمەپتىمەن.
ئاخىرى تاپتىم بۈگۈن چىن ۋاپادار دوستىنى مەن،
ئاغرىنىپ ئېيتقان سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلمەپتىمەن.
كۆزلىرىمگە ماي تولۇپ، ئەكسىچە كۆرگەن چاغلىرىم،
ئېچىنىپ تىككەن كۆزىنىڭ زەردىسىنى بىلمەپتىمەن.