ئىراندىكى يەر تەۋرەشتە 306 ئادەم قازا قىلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 13-ئاۋغۇست خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرى خەۋەر قىلىشىچە، ئىران سەھىيە مىنىستىرى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغا قەدەر شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 306 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 3037 ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران پارلامېنتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلىگەن. 12-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا 250 ئادەم قازا قىلدى، 1380 ئادەم يارىدار بولدى دېيىلگەن، ئەمما بۈگۈن بۇ سان يېڭىلىنىپ: 306 ئادەم قازا قىلغان، 3037 ئادەم يارىدار بولغان.

ئىراننىڭ شىمالىدىكى شەرقىي ئەزەربەيجان ئۆلكىسىدە 11-ئاۋغۇست ئىككى قېتىم 6 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۆلىشى ۋە يارىدار بولىشى كېلىپ چىقتى. ئىران ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇشنى توختاتقان بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەت ئاممىسىغا ياردەم بەرگەن.
بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئامېرىكا، روسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە ب د ت ئىراندىكى ئاپەتكە تەزىيە بىلدۈرگەن ھەمدە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

