
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم تورداشلار:
بۈگۇن سەھەر زوھورلىقتىن كىيىن نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ،ئادىتىم بويىچە تاماق سىڭدۇرۇش ئۇچۇن
تۇمەن دەريا بويىنى ئايلىنۋاتاتتىم.
ئايلىنىپ يارباغ كۆۋرىكى تەرەپكە كىلىپ قالدىم،دىققىتىمنى تارىتقىنى تىخى سەھەر بولسىمۇ يوللار ئادەتتىكىدىن
تاشقىرى ئادەم كۆپ ئاۋات ئىدى. ماڭا بۇ ئىش غەلىتە تۇيۇلدى،شۇنىڭ بىلەن چوڭ يول ئۇستىگە چىقتىم.
چوڭ يول ماشىنىلار ئۇچۇن توسۇلغان بولۇپ قاتناش ساقچىلىرى ئىشلەۋاتاتتى،مەن كۆڭلۇمدە بىرەر تەكشۇرۇش ئۆمىكى، ئاپتۇنۇم رايۇندىن ياكى مەركەزدىن رەھبەرلەر كەلگەن چىغى دەپ ئويلاپ قاتناش ساقچىسىدىن
يولنىڭ قاچان ئىچىلدىغانلىقىنى سورۇدۇم.
قاتناش ساقچىسى بۇنى ئوقمايدىغانلىقىنى،كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھىيىتكار مەسچىت تەرەپكە كىتىۋاتقانلىقىنى
ئىيىتتى. مەن سەل مىڭىپ كۆردۇمكى كىشىلەر پىيادە، مۇتۇسكىلىتلىق شۇ تەرەپكە ئالدىراش كىتىپ باراتتى.
ماشىنىلار ھىيتكار تەرەپكە ئوتكىزىلمىگىنى ئۇچۇن يول قاسناقلىرى ماشىنا بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى،
كوچا-كوچىلاردىن چىقىۋاتقان جامائەتلەرنى كۆرۇپ،مىيىت نامىزى بولغانلىقىنى بىلدىمدە جامائەتكە قىتىلدىم.
كاللامدا بۇنچە كۆپ ئادەم قاتناشقان تىخى قاتناش تارماقلىرى قىستاڭچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىپ نامازنىڭ
ۋاقتىدا ئادا بولىشىغا ئاسانلىق يارتىپ بىرۋاتقان كىمنىڭ نامىزى بولغىيتى دەپ ئويلۇدۇمدە، كىمنىڭ نامىزىغا كىتىپ
بارغىنىمنى بىلۋىلىش ئۇچۇن بىر مويسىپىت بوۋىمىزدىن بۇ مەسلىنى سورىدىم.
بىلدىمكى ۋاپات بولغۇچى :
ھىيىتكار جامەسىنىڭ خاتىبى، ئوستەڭبويى سۇت-قايماق كوچىسى مەسچىتىنىڭ ئىمامى،نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە ئىلىم
مەرىپەت ئۇگەتكەن ئوستاز ،ۋەتەن پەرۋەر خەلىقچىل دىنى ئۆلىما ئابدۇقادىر قارىھاجىم ئىدى.(سىياسى كىڭەش،دىنى
جەمىيەتلىرىدە قانداق ۋەزىپىلىرى بار بۇنى ئوقمايدىكەنمەن) بۇ مىنىڭ ئومرىمدە كۆرگەن ئەڭ داغدۇغىلىق مىيىت
نامىزى ئىدى.
ئەگەر كىشىلەر چىرايىدىكى مۇسبەت قايغۇسىنى كۆرمىگەن ئادەمگە ئادەم دىڭىزى خۇددى ئايەم كۇنلىرىدىكىدەك
تۇيغۇ بىرەتتى. خانقا ئىچىگە پاتمىغان جامائەت مەيدانلاردا سەپتۇزۇپ تۇرۇپكەتكەن بولۇپ،كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە
مەرھۇمنىڭ يىقىن-يىراقتىكى شاگىرىتلىرى قەشقەرنىڭ ناھىيەلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭمۇ ئىنتايىن كۆپلىكىدىن ۋاقىپلاندىم.ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىملىك ئالىم-فازىللىرىغا بولغان ھۆرمىتىنىڭ قانچىلىك چۇڭقۇرلىقىن يەنە بىر قىتىم
ھىس قىلدىم.
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرۇش بىلەن بىللە مۇشۇنداق ئەل ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر ئۇستازنىڭ نامىزىغا داخىل قىلغان
ئاللاھقا شۇكرىلەر ئىيتتىم. ناماز ئۇيغۇر ۋاقتى سائەت5:30ئوتكەندە ئادا بولدى،كىشىلەر مەرھۇمنىڭ يىشىنىڭ70لەردىن ئاشقانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
خۇلاسە كالام ئۇيغۇر جۇملىدىن قەشقەر خەلقى بىر نۇرلۇق مەشئەلدىن، يولباشچى پاسىبانىدىن ئايرىلدى.
مەرھۇمغا ئاللانىڭ شاپائىتى يار بولسۇن، شۇنداقلا ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ،شاگىرىت-دوسلىرىغا ئاللاھ سەبىر ئاتا
قىلسۇن.ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئەلەيھى راجىئۇن.
كامالى ئىھتىرام بىلەن (سالمان ) 2012-يىلى8-ئاينىڭ 14-كۇنى
[ بۇ يازمىنىسالمان888 2012-08-14 19:35قايتا تەھرىرلى ]