ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 389 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوغلۇم، داداڭنى دورىما!
دوستلىشىش
ئاقتۇلپار
adam tanha kelip tanha ketidu amma tanha yaxiyalmaydu.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1090
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
تۆھپىسى: 20
پۇلى: 85 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 40
ياخشى باھا: 85
توردا: 10(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-02
ئاخىرقى: 2012-11-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-13 00:16

ئوغلۇم، داداڭنى دورىما!

ئابدۇۋەلى ئىسھاق
ئوغلۇم، داداڭنى دورىما
(ھېكايە)

- ئوغلۇم، چوڭ بولغاندا ھەرگىز داداڭنى دورىما!
  ئايالىمنىڭ ئىچىگە سىغماي قالغان بارىلىق دەرت-ئەلىمى بىلەن سەككىز ياشلىق ئوغلۇمغا ئىسەدەپ تۇرۇپ دىگەن بۇ گىپى قۇلىغىمغا كىرىپ، گويا قەلبىمدە ئاتوم بومبىسى پارتىلىغاندەك يۈرۈكۈمنى لەختە-لەختە قىلىۋەتتى. بۇنىڭلىق بىلەن بايا ئىچكەن ھاراقنىڭ كەيپى ئالىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولۇپ، چىدىغۇسىز خورلۇق ۋە ئازاپتىن ۋۇجۇدۇم سىلكىنىپ كەتتى. بۇ بىر دادا بولغۇچىغا نىسبەتەن نەقەدەر ۋەزنى ئېغىر، دەھشەتلىك سۆز-ھە! بۇنىڭدىن ياخشى: «ئوغلۇم، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، داداڭ ئۆلۈپ كەتتى» دىگەن بولسا بۇنچە ئازاپلانماس ئىدىم. قاباھەتلىك ئۆلۈمدىن بەتەر ئاڭلانغان بۇ سۆز قاراڭغۇلۇشۇپ تۇرغان ئۆينىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن ئەكىس ساددا بولۇپ جاراڭلاپ قايتقانچە، مېنى بەرباتلىق ئالىمىدە تالان-تاراچ قىلىۋاتاتتى. دىمىسىمۇ مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمدە ئوغلۇم پەخىرلىنىپ دورىغىدەك، ئوغلۇمغا ئۆرنەك بولغۇدەك نىمە سالاھىتىم بولسۇن؟! ئەتتىگەندە ئىشقا بارىمەن دەپ ياسىنىپ، تارىنىپ ھەر ھالدا ئادەم سىياقىدا چىقىپ كېتىمەن-دە، تۈن يېرىم بولغان چاغدا يىرگىنىشلىك ھايۋانغا ئايلىنىپ، كىرىپ چىقىۋاتقىنىمغا ئون يىلچە بولغان ئۆيۈمنى ئاران تەستە تېپىپ قايتىپ كېلىمەن. ھايۋانغا ئايلىنىش جەريانىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك تۇيۇلىدۇ. بىر-بىرىگە ئۇلۇنۇپ كەلگەن ئايىغى ئۈزۈلمەس زىياپەتلەردە ئېغىزىمىزدا شە ئېلىپ، كۆڭۈلنى قايتۇرسا تە ئېلىپ، خۇددى دوختۇر بۇيرىغاندەك بەسلىشىپ ئىچىشىش. سىڭلىمىزدەك قىزلار بار رەڭلىك سورۇندا ھاياسىزلىق بىلەن ئۇلارغا تاماقنىڭ تاتلىقىنى، ھاراقنىڭ ئاچچىقىنى مەجبۇرى تېتىتىش. پۇلنىڭ قىممىتى يوق قىمار سورۇنىدا «دەتكام» دەپ مەيدىمىزگە مۇشلاپ، شىشىخالنى قوشلاپ دىڭ-دىڭ ئېتىشىش. مانا بۇلار مېنى ھەر كۈنى تاقەتسىز ھالدا ئىشتىن بالدۇر چۈشۈشكە ئالدىرتىدىغان، خىزمەت ۋە ئائىلەمدىنمۇ مۇھىم بولغان پائالىيەت دائىرەم. يۇمۇلىغان قار پومزىكىدەك بۇ دائىرە كۈندىن-كۈنىگە زورىيىپ بارىدۇكى، ھەرگىز كىچىكلەپ قالمايدۇ. قار پومزىكىدەك ئاپتاپتا ئىرىپ، يۇقاپ كېتىدىغان كۈنى يوق. قىشمۇ-ياز شۇنداق ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. چۈنكى مەن سورۇنلىقى بار «ئوغولبالا ئەركەك». نەزىرىمدە، سورۇندىن  ئالدىراپ قاچقان، ئايالىدىن بۇرۇن قايتىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچقان ئەر ئەر ئەمەس. پەقەت سورۇندا يۈز تاپالىغان، پۇلنى سورۇندا بۇزۇپ چاچالىغان ئەرلا لاياقەتلىك ھەقىقى ئەر بۇلالايدۇ. تاكى سورۇن دىگەن بەش ھەرىپلىك سۆزنىڭ ئاخىرىدىكى «ن» ھەرىپى «ل» ھەرىپىگە ئۆزگۈرۈپ قالغۇچە...
-ئۆزىنى بىلىۋالا دەپ گەپ قىلمىسام، ھەددىڭىزدىن ئاشقىلى تۇردىڭىزغۇ.
  ئايالىمنىڭ سەۋىر قاچىسى بۈگۈن ئاخىرى توشقان ئوخشايدۇ، بۇسۇغىدىن قۇلاشمىغان پۇتلىرىمنى ئالماپ، كەلسە-كەلمەس ناخشىغا تىلمىنى چايناپ سەنتۈرلۈپ كىرىشىمگىلا، كېلىشىمنى كۈتۈپ سافادا مۈگۈدەپ ئولتۇرغان ئايالىم ئورنىدىن چاچىراپ تۇردى-دە، ھىچقاچاندا كۆرۈلۈپ باقمىغان قەھىرى بىلەن ئالدىمغا دىكىنىپ كەلدى.
- مۇشۇ ۋاققىچە نەلەردە يۈندە پۇراپ يۈردىڭىز؟ خىيالىڭىزدا بۇ ئۆي بارمۇ-يوق؟- دىدى غەزەپلىك كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ.
- نىمە، تېخىچە ئۇخلىمىدىڭما؟ مېنى قاچان كېلەركىن دەپ تاقىتىڭ تاق بوپتۇ دە، ئاپپىغىم.
كىرگەن پېتىم ئۇنىڭغا ھاياسىزلارچە ئېسىلدىم.
- ۋۇ، نۇمۇسسىز ھايۋان! نەرىڭ دۆلەت كادىرى سېنىڭ؟- ئايالىم ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، قوپال سىلكىشلىگەنچە بىردىنلا سەنلەشكە ئۆتتى،- بۇ گىپىڭنى چىقىپ كوچىدىكى بۇزۇقلىرىڭغا دەپ بەر. قارا ئەپتىڭگە، بۇ ھالىتىڭنى كۆرسە كىممۇ سېنى تەربىيە كۆرگەن ئالى مەلۇماتلىق زىيالى دەپ ئويلايدۇ؟ ئىسىت، شۇنچە يىل ئوقىغانلىرىڭ.
- ۋوي. ۋوي، پەيلىڭلا يامانغۇ بۈگۈن.
- يامان بولماي ئەمسە، پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركىشى تۇرۇپ ھۈكىمەتنىڭ تەييار مۇئاشىنى يەپ، كۆڭۈل خۇشى قىلىشتىن باشقا قولۇڭدىن نىمە ئىش كېلەتتى سېنىڭ؟ ئالغان مۇئاشىڭ ئۇيۇنىڭدىن ئاشمىسا يا. ھىلىمۇ ياخشى سەندەك ئەرنىڭ قولىغا قاراپ قالماي، مۇئاشلىق بوپقاپتىكەنمەن. بولمىسازە.... ئەر كىشى بوپقالغىنىڭغا لەنەت سېنىڭ!
- ئېغىزىڭغا بېقىپ گەپ قىل جۇما، ھىلى بىكا. ئەجىبا، ئۇقىغان ئالى مەلۇماتلىق ئادەم ئىچىپ، ئوينىسا بولمامدىكەن؟  
- ھەر ئىش ئۆز يۇلى بىلەن بولىدۇ. مۇشۇنداق خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى سىرتتىكى ھەممە مەينەتچىلىكنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىشتىن چوڭ بوپقالغان بالاڭ ئالدىدا  نۇمۇس قىلساڭچۇ.
- نۇمۇس؟!... بىلەمسەن خۇتۇن، مەنمۇ شۇ نۇمۇسنى دەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ كۈنلەردە ئىچمىگەن، ئوينىمىغان، سورۇندىن قاچقانلار نۇمۇس قىلسا بولىدۇ. ساڭا دەپ قۇياي، بىز دىگەن ئۇنداق خۇتۇندىن قورقىدىغان ناچار باللا ئەمەس، ھەقىقى ئەركەك جۇما.
- ھەئە، سەن بەك نوچى. نوچىلىقىڭدىن بالاڭمۇ سەندىن ھېيىقماس بولدى. شۇنىڭ ئورنىغا ئۆيگە بالدۇراق كىلىپ، بالاڭنىڭ ئوقىشىغا كۆڭۈل بىلگەن ھالدا ياخشى تەسىر بەرسەڭ، ھەر ھالدا سەندىن سۈيۈنۈپ، تەپتارتىدىغان بۇلىتى. مۇشۇنداق يۈندە-شالتاق بىلەن ئەقلىڭنى بۇلغاپ، كىملىكىڭنى ئۇنتۇپ يۈرىۋەرسەڭ ھىچكىممۇ سىنى ئېلىۋەتكەن تىرنىقىچىلىك كۆرمەيدۇ. ئەركەكمىش تېخى.
- ھەي، گەپ قىلمىسام ماڭا دەرس بەرگىلى تۇردۇڭغۇ. دەرىسىڭنى مەكتىپىڭگە بېرىپ ئۆت ئاداش. ئۆيدە خۇتۇنكىشلىكىڭنى قىل. بۇنداق تولا جاۋۇلداپ غۇرۇرۇمغا تىگىدىغان گەپنى قىلغۇچى بولما.
– ۋاي قۇۋۇرغام، سەندە قانچىلىك غۇرۇر بارتى؟
- سېسىق ئېغزىڭنى يوم!
«چاڭڭىدە»قىلىپ تەككەن بىر تەستەك بىلەن تەڭ ئايالىمنىڭ زۇۋانى ئۆچتى. ئەر كىشى ھامان ئەر كىشى-دە. خۇددى بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جەڭدىن غالبىيەت تۇغىنى كۆتۈرۈپ قايتقان يېڭىلمەس سانغۇندەك مەغرۇر ھالدا، ئېغىر قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ياتاق ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. بولۇنغان غەلۋە-غوغىدىن تاتلىق ئۇيقىسى بۇزۇلغان سەككىز ياشلىق ئوغلۇم ياتقان يىرىدىن يۈگىرەپ چىقىپ، بىردە ماڭا، بىردە كاچىتىنى تۇتۇپ ئىسەدەپ ئولتۇرۇپ قالغان ئاپىسىغا مۆلۈلدەپ قارىغانچە ئۆمچىيىپ تۇرۇپ قالدى. ئوغلۇمنىڭ كۆزىچە قىلغان بۇ ئىشىمدىن چەكسىز پەخىرلىنگەندەك ئاتىلىق ھەيۋەم بىلەن:
- نىمە قاراپ تۇرىسەن؟ كىرىپ ئۇيقىڭنى ئۇخلا،- دەپ ۋاقىرىدىم.
  ئوغلۇم ئىشىكنى تاراققىدە يېپىپ كىرىپ كەتتى. مەنمۇ كارۋاتقا ئاران ئۈلگۈردۈم. كىيىن ئوغلۇم ئاپىسىغا چىدىماي، يېنىغا قايتىپ چىققان بولسا كېرەك، ئايالىمنىڭ مېنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈد-چىرىغىم، كەلگۈسىدىكى ئىز باسارىم بولغان ئوغلۇمغا نەسىھەت ئورنىدا ئېيتقان «ئوغلۇم، داداڭنى دورىما»دېگەن گېپى، تاشتەك قېتىپ كەتكەن يۈرۈكۈمگە بازغاندەك تىگىپ، ئاتىلىق شەرىپىمنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. دىمەك، ئايالىم ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ تۇرۇپ دىگەن بۇ گىپى ئارقىلىق ئۇرغان بىر تەستىكىمنى ئۆزۈمگە ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ بەرگەنىدى. تېخى ھىلىلا كەيىپنىڭ كۈچىدىن قانلىرىم قىزىپ، ھاياجانلىنىپ تۇرغان تېنىم مۇزدەك ئۇيۇشۇپ، ئۆزۈمنى بىردىنلا ئۆلۈپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. شۇنداق، مەن ئۆلگەن ئىدىم. ۋۇجۇدۇمدىكى يىمىرىلگەن ئەخلاقىم ۋە ئۇنتۇلغان ئاتىلىق بۇرچۇم مېنى شەپقەتسىزلەرچە ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلغانىدى. بىر ئايال، ئاجىز بىر ئايالنىڭ ئاھ-زارى بىلەن ئۆلۈش نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھەم قاباھەتلىك- ھە!...
- بارىكاللا ئوغلۇم، داداڭنى دورۇپسەن.
دادامنىڭ كىشى ئەيمىنگۈدەك سۈر- ھەيۋىتىدىن، بىر نەرىسى بىلەن تاغنى تالقان قىلغۇدەك كۈچ-جاسارىتىدىن ۋە ئەركەكلەرگە خاس ۋىجدان- غۇرۇرىدىن ھېيىقىپ، بىر ئۆمۈر كۆزىگە تىكىلىپ قاراشقا پېتىنالماي كەلگەن ئاپامنىڭ، كىچىكىمدە كۆڭلىگە ياققان قانداقتۇر بىر ئىشىم ئۈچۈن مەندىن سۈيۈنۈپ، پەخىرلىنىش تۇيغىسىدا دىگەن بۇ گېپى ئۇنتۇلغان ئەسلىرىمدە قايتا جاراڭلىدى. تۇمۇرۇمدا ئەشۇنداق غەيۇر روھقا ئىگە بىر ئاتىنىڭ ساپ قېنى ئېقىۋاتقان مەندەك بىر ئەرنىڭ بۇ ھالدا تىرىك تۇرۇپ شەرمەندىلەرچە ئۆلۈشى ئۆز ئەجدادىنىڭ، ئۆز قەۋمىنىڭ بۈيۈك روھىغا ئاسىيلىق قىلىش بولماي نىمە؟!
- ئادەم ياشىغان ئىكەن، قانداق ياشاش بىلەن قانداق ئۆلۈشنى ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇرۇشى كېرەك،- دەيتتى دادام،- مېھىرىمۇ، قەھرىمۇ يوق، ئۆزلىكىنى يۇقاتقان پاسىق ئادەم مەۋجۇتلۇقتىكى ئەڭ قەدىرسىز، ئەڭ چىركىن، مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن ئەڭ بىچچارە ئادەم.
دادامنىڭ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىغىم ئۈچۈن قايتا-قايتا تاپىلاپ دەيدىغان بۇ دۇردانىسىنى قاچاندىن بېرى بەتبۇي قۇسۇق بىلەن قوشۇپ قەي قىلىۋەتكەندىمەن؟ قاچاندىن بېرى ئاتامنىڭ، جۈملىدىن ئەجدادىمنىڭ يۈرەك قېنى بىلەن يېزىپ چىققان نەسەپ شەجەرىسىنىڭ مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغۋار شەنىگە ئۆچمەس داغ چۈشۈرۈپ كەلگەندىمەن؟ شۇ تاپتا دادام ئاخىرەت ئىشىگىدىن ماڭا نەپرەتلىك بېقىپ، غۇۋالىشىپ، ئۆچۈپ بېرىۋاتقان ھاياتلىق ئىزناسىنى ئىزدەۋاتقاندۇ؟… ئارقامغا ئۆرۈلۈپ قاراپ چۇچۇپ كەتتىم. كۆردۈمكى، ماڭا، مېنىڭ قىممەتلىك ھاياتىمغا ھەمراھ بولۇپ كەلگىنى، مەن مىھرىمنى ئۈزەلمىگەن، ئاخىرقى ھەسرەت يېشىغا تولغان رومكا، مەيدەمنى مۇشلاۋىرىپ بىچچارە يۈرۈكۈمنى ئىزىپ، زەردىگوش قىلىۋەتكەن تەۋكا، مەن ۋە مېنى ئازدۇرغان گۈلچىرايلارنىڭ ئۆتكۈنچى نازى، ۋۇجۇدۇمدا ئويغۇنۇپ تەنتەنە قىلغان شەيتاننىڭ ياڭراق سازى ئىكەن. نىمە دىگەن دەھشەت! ھىچبولمىغاندا ئەشۇ رومكىدا ئىچ-ئىچىمدىن ھوزۇرلۇنۇپ بىرەر قېتىم بەخىت شارابى ئىچەلىگەن بولسامچۇ كاشكى، بىرەر مىسكىن، بىقۇۋۇلغا تۇتقۇزالمىغان پۇلۇمنى غازاڭدەك سورىيدىغان ئەشۇ تەۋكادا، ئادىمىيلىكىم ئۈچۈن ئەرزىمەس جېنىمنى بىرەر قېتىم دو تىكەلىگەن بولسامچۇ كاشكى، مۇھتاجلىق تاپتىن چىقارغان ئەشۇ گۈلچىرايلارغا چىقىش يولى كۆرسۈتۈپ بىرىپ، ئەرلىكىمنى ئەمەس، ئەركەكلىكىمنى ئىپادىلەپ بېرەلىگەن بولسامچۇ كاشكى. گۈش بىلەن تېرەم ئارسىدىن قۇتىراپ چىققان شەيتاننى يۈكسەك ئىرادە ۋە ئىمان-ئىتىقادىم بىلەن بىرەر قېتىم تىزگىنلىيەلىگەن بولسامچۇ كاشكى. لېكىن، مېنىڭ بۇلغانغان قېنىم، ئۇنتۇلغان ئەقىدەم، تەۋرەنگەن ئىرادەم، يىمرىلگەن ئەخلاقىم ۋە چىرىگەن قەلبىم ئۇنداق قىلىشقا ئىمكانىيەت بەرمىدى. دانكودەك يۈرۈكۈمنى قولۇمغا ئالالماي، قاراڭغۇ جاڭگالدا تىمسىقلاپ يۈرۈپتىمەن. مانا ئەمدى ئەشۇ ئازغۇنلۇق يولىدا باسقان ھەر بىر ئىپلاس قەدىمىمدىن «ھالاكەت»دىگەن قاباھەتلىك قارا خەت ھۇۋلاپ تۇرۇپتۇ.
  ئايالىم توغرا ئېيتىدۇ. مەن ھەقىقەتەن كۆپ ئۇقىغان، ئالى مەلۇماتلىق ئىلغار زىيالى. كىتاۋى بىلىمىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى قايناپ، كۈپۈكلىنىپ كەتكەن ئېغىزىمغا قارىتالايمەن. ئاغزاكى بايانلىرىم بىلەن ئەجداتلارنىڭ ئەركەك روھنى ئۇرغىتىدىغان قەھىرىمانلىق ئەپسانىللىرىنى، سارغايغان تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، قەۋمىمنىڭ مەرتلىك، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن تۇيۇنغان دۇنياۋى شان- شۆھرىتىنى، ئەسىرلەردىن بېرى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈزۈلدۈرمەي كەلگەن ئار-نۇمۇس، شەرم-ھايا، كۈيۈم-ۋاپاسى بىلەن ياراتقان ئىسىل ئەخلاق مەدىنىيتى ۋە غايە-ئىنتىلىشلىرىنى پەخىرلىك ھىسياتتا، ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ تەلقىن قىلالايمەن. شۇ ھالدا ئۆز قېرىنداشلىرىمنى قۇرۇق ھاياجانغا سېلىپ كولدۇرلىتىشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. چۈنكى مەن ئەمىلىيتىم ئارقىلىق ئەجداتلارنىڭ شۇ خىل ئۆلمەس روھىنى ۋۇجۇدىمىزغا چىللاپ كېلىشتىن تولۇمۇ يىراق. ئۆيدىن قەدەم ئېلىپ چىقىشىم بىلەن تەڭ ئادىمىيلىك ئەخلاق-مىزانىدىنمۇ چىقىپ كېتىمەن. مەن ئۈچۈن ھاياتنىڭ قىززىقى ئەخلاقنىڭ سىرتىدا. قىزغىن ھەۋەس-ئىشتىياقىمنى قوزغايدىغىنى روھىمنى ئۇرغىتىدىغان قەھىرىمانلىق ئەپسانىسى ئەمەس، بەلكى، نازۇك تۇيغۇلىرىمنى غىدىقلايدىغان ئەپسانە يۇمۇر-پاراڭلار، ئەرلىك جاسارىتىمنى نامايان قىلىدىغان جەڭگاھ، شەھۋانى ئىشىقۋازلىققا تولغان پىنھان كۈنجى بۇلۇڭلار. «ئەخلاق»دەپ جار سالغۇچىلارنى «ئەخماق»دەپ ناتىقلىق قابىلىيتىم بىلەن قايىل قىلىپ، ئارقامدىن ئەگەشتۈرەلەيمەن. شۇ ھالدا، ھالاكەت ئېغىزىغا ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ سىيىت نوچى خەت تۇنىماسلىق سەۋەبىدىن بارغان بولسا، مەن نوچى ئۆز قولۇمدا يېزىپ بارىمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئەمىلىيتىم. ئاتىلىق مەجبۇرىيتى ئۇنتۇلغان، ئەركەك روھى ئۆلگەن، غاپللىق پاتقىقىغا پاتقان، ئادىمىيلىكنى يۇقاتقان، زاۋالىققا يۈزلەنگەن بىر ئەرنىڭ رېئاللىقى.
ئايالىم توغرا دەيدۇ. بۇنداق مەنىۋىيتى بوھران بولغان لاياقەتسىز ئاتىنى ھەر قانداق ئوغۇل دورىماسلىقى كېرەك. پەرزەنت بۈگۈننى كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرغۇچى ئىز باسار. بۈگۈننىڭ تەربىيلەنگۈچىسى، ئاتىلار روھىنى قېدىرىپ، ئۆزلەشتۈرگۈچى.  شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىگە ئول سالغۇچى. لاياقەتلىك ئاتىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ھايات چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، داۋاملاشتۇرغۇچى. ئەپسۇس، تولۇمۇ ئەپسۇس! ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، جەمىيەتنىڭ غەلدە-غەشلىرىدە ئەلەڭلەپ يۈرگەن مەندەك بىر تىرىك موردىنىڭ ئوغلۇم دورۇپ داۋاملاشتۇرغىدەك نىمە نىشانى بولسۇن؟!..
  بىر ئاتا، ۋۇجۇدىدا ئەجداتلارنىڭ پاك ۋە قۇدىرەتلىك روھى تىنىپ ياتقان بىر ئوغولنى ھاياتلىق قەۋمىگە ئاپىرىدە قىلغان بىر ئاتا، ئۆز قەۋمىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىغا قۇشۇلغان ئوغلىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇقەددەس روھنى قوزغىتىشقا قۇربىتى يەتمەي، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەغلۇبىيتىگە نۇمۇسسىزلارچە سۈكۈت قىلماقتا.  ئۆزى تىرىك، ئەمما روھى زەئىپلەشكەن ئەشۇ ئاتىنى دورۇپ، ئۇنىڭ ئىزىنى باسقان پەرزەنت كەلگۈسىنىڭ ئىشىگىنى قانداق بىر سىياقتا قاقار؟ ئەنسىرەپ قالدىم. ھاياتلىق دېڭىزىدا ئەمدىلا سەپەرگە چىققان ئوغلۇم مۇشۇ ھالدا ماياكسىز قېلىپ، قۇيۇق تۇمانلار قېتىدا يول تاپالماي ئېزىقىپ قالارمۇ؟ ھايات دېڭىزىنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرىدا تايانچىسىز، تەجربىسىز، پەرۋىشسىز قالغان ئوغلۇم كۆز ئالدىدىكى قىرغاققا يىتەلمەي، دولقۇنلار قېتىدا تۇنجۇقۇپ، غەرىق بۇلارمۇ؟ ...
– يا...ق!-دەپ ئۆزۈمنى كاچاتلاپ، ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ نەرە تارتتىم،- بۇ ھالدا ئوغلۇم مېنى دورىسا بولمىغۇدەك. چۈنكى مەن ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى يۇقاتقان يىرگىنىشلىك مەخلۇق. ئاتىلىق سەلتەنەتىدىن ئايرىلغان پاسىق. ئەجدات روھىغا خىيانەت قىلغان ئاسىي. كەچۈر ئوغلۇم! يۈرىكى دات باسقان تۆمۈردەك چىرىپ،  قەلىپ ئەينىكى خىرەلەشكەن لاياقەتسىز داداڭنى كەچۈر. ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىم كۆزۈمنى كور قىلغۇچە، ئاھانەتلىك ئۆلۈم گىردابىدىن ئازغۇن داداڭنى تارتىۋال. قەلبىڭنىڭ يېزىقسىز ئاق بەتلىرى ئاچچىق قىسمەتلىرىم بىلەن تامغىلىنىپ قالمىسۇن. ئىلتىجالىق بېقىشىڭدا ئەقىل تىغىمنى بىلەپ، قايتا تىرىلىشىمگە ئىشەن. يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن چوغلانغان ئوتلۇق يۈرىكىم غالبىيەت يولۇڭغا شۇلا چاچقۇسى.
ئاسايىشلىق ئاچچىق نىدايىمدىن گۈردەك قاراڭغۇ ئۆي ئىچى لەرزىگە كەلدى. تاملار تىتىرەپ، دەرىزىلەر جاراڭلاپ كەتتى. دەھشەتلىك سىلكىنگەن ۋۇجۇدۇمدا چۇچۇپ ئويغانغان ئىلاھى قۇدىرەت ئۆلۈك جىسمىمنى قايتىدىن يېڭى ھاياتلىققا ئاپىرىدە قىلىپ، مېنى تىرىلدۈرمەكتە ئىدى. شۇنداق، ئەمدى تىرىلمىسەم بولمايتتى. ئاستا-ئاستا سۈزۈلۈپ بېرىۋاتقان قەلبىمنىڭ تىرەن تەكتىدىن ئادىمىيلىكىمنىڭ چاقنىشىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-13, 03:37
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2552
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2552دانە
تۆھپىسى: 157
پۇلى: 2979 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 315
ياخشى باھا: 2898
توردا: 480(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-13 13:03

ھېكايە ئىجادىيىتىدە بورتالادا كۆزگە كۆرۈنگەن قەلەمكەشلەردىن بولۇپ قېلىشىڭىغا ئىشەنچىم كامىل
تىرىشىپ داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ!؟
- شۇڭقار كۆز ئىسقاقوف......................   
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-13 16:54

ناھايىتى  تەسىرلىك يېزىپسىز. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن .