سەئۇدى ئەرەبىستان ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۆز ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتكەن ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋىرى: ئەرەب ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەگە تەھدىت ئۇچۇرى يەتكۈزگەن بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئىرانغا قاراپ ئۇچقان ھەر قانداق ئىسرائىلىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى توساش ئۈچۈن، ئىرانغا قورال كۈچى بىلەن زەربە بېرىشىنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتىدىغان بوشلۇق يولى ئىسرائىلىيە ئاخبارات تارماقلىرى كۆرسەتكەن ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئىرانغا زەربە بېرىشتە ئىشلىتىدىغان 4 تارماق ھاۋا يولىنىڭ بىرى.
ئىگىلىنىشچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكىدا ياسالغان كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە دەلىللىكى يۇقىرى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن قوراللانغان.
ئامېرىكا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى دېيىشىچە، ئەگەر ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەسىگە قوراللىق زەربە بەرمەكچى بولسا، ئاز دېگەندە 100 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىشى كېرەك ئىكەن، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىرانغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا 1600 كىلومېتىر ئۇچۇشى كېرەك.
مەنبە:ئوكيان تورى
(نەپرەت)