يىراقلارغا كەتكۈم بار
بىلسەڭ بىزدە نۇررغۇنلىغان خسلەت بار ،
شۇ خىسلەتكە يۇشۇرۇنغان ھىكمەت بار .
ئەمدىلىكتە شۇ خىسلەتلەر كىمدە بار ،
ئەزەلدىنلا مەندە مۇنداق تىلەك بار ،
مىنىڭ راسلا يىراق يەرگە كەتكۈم بار .
دېھقانلارنى كۆرۇپ دەرھال غادايغان ،
يىتىملارنىڭ رىسقىنى ھەم يەۋالغان .
باشلىقلارغا ئىت مۇشۇكتەك يېلىنغان ،
ئادەملاردە ئىنساپلارمۇ يوقالغان ،
بۇنداق يەردىن يىراقلارغا كەتكۈم بار .
بالا تۇرۇپ ئاتىسىغا مۇشىت ئاتقان ،
مىراسنى دەپ قېرىنداشلار سوقۇشقان .
پۇل_مال ئۇچۇن بىر-بىرىگە قەست قىلغان ،
ئادەملەردە مىھىر-ۋاپا يوقالغان ،
بۇنداق يەردىن يىراقلارغا كەتكۈم بار .
ئۆي-ئۆيلەردە بەزمە مەشرەپ قاينىغان .
ھاراق ئىچىپ بىر سورۇندا ئوينىغان .
ئاتا - بالا ھاراقكەشلەر قاپلىغان ،
ئادەملەردە شەرمى ھايا يوقالغان ،
بۇنداق يەردىن يىراقلارغا كەتكۈم بار .
ئۆيى تۇرۇپ دىبالارغا ئۆي سالغان ،
قىزى تۇرۇپ ئانىسىنى قاخشاتقان .
ئۆزگىلەرنىڭ يانچۇقىغا قول سالغان ،
ئادەملەرمۇ ئىنساپىنى يوقاتقان .
بۇنداق يەردىن يىراقلارغا كەتكۈم بار .
ئاتا قىزغا ھىججابنى ئال دەيدىغان ،
ئانا قىزنى دىينىڭدىن يان دەيدىغان .
يەنە قورقماي مەن مۇسۇلمان دەيدىغان ،
يۇرت - يۇرتلارنى مۇناپىقلار قاپلىغان .
بۇنداق يەردىن يىراقلارغا كەتكۈم بار .
ئىمان ئىيتسا خۇراپاتلىق سانالغان ،
رومال ئارتسا ھەم قاتماللىق بوپ قالغان .
روپاچ بولسا جىنايەتچى ئاتالغان .
مۇسلىمەلەر ئەندىشىگە چۈپ قالغان .
بۇنداق يەردىن يىراقلارغا كەتكۈم بار .
* * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * * *
ئەل غېمىنى يەيدىغان جاسارەتلىك ئەر بولسا ،
نۇزۇگۇمدەك ھەم قورىقماس پارراسەتلىك قىز بولسا .
يىگانە شۇ ئاللاھقا تەلپۇنگەن ساپ دىل بولسا ،
پىتنە ، غەيۋەت يوقالغان خاتىرجەم بىر يەر بولسا .
بۇنداق يەردىن مەڭگۈگە شۇنداق يەرگە كەتكۈم بار .
مەنبە:ئۆزبېك مۇنبىرى(خىلىل)