ئەردوغاننىڭ ئايالى بېرما مۇسۇلمانلىرىنى يوقلايدۇ

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتىكى تېلېۋىزىيە پروگىراممىسىدا، ئۆزىنىڭ ئايالى ۋە قىزى سۇمەييە نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بېرمىنىڭ ئاراكان (Arakan) شىتاتىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئەردوغاننىڭ ئايالى ۋە قىزى بېرمىنىڭ ئاراكان (راكخاين شىتاتى) شىتاتىغا بېرىپ، زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان، ئاچارچىلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە كېسەللىكتە قالغان روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىدىكەن.
باش مىنىستىر مەھكىمىسىمۇ يېقىندا روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىپ پائالىيتى ئۇيۇشتۇرىدىكەن.
ھۆكۈمەت گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان گېزىلەردە دېيىلىشىچە، باش مىنىستىر بېرمىنىڭ ئاراكان شىتاتىدىكى نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قوشنا دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
تۈركىيە باش مىنىستىرى روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ رامزان ئېيىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن بارلىق ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
(نەپرەت)