ئاھ! بوزقىر...

ئۇيۇغان ئەسلىڭنى قىدىرىپ باقسام،
قوۋۇرغا ،پۈتۈكلەر سۆزلىدى سېنى .
بوسۇغاڭ تۈۋىدە ئىشىكنى قاقسام،
ئاڭلاندى بىراۋنىڭ ھەسەتخور ئۈنى .
قوينۇڭغا بىمالال ئۆزۈمنى ئاتسام ،
روھلىنىپ پېقىرنىڭ ئىللىدى تېنى.

جىڭ، ئارشاڭ سۈيۈڭدە تولغىنىپ ئاقسام،
بويلىرىم سەگىدى ،زېھنىم ئېچىلدى ...
مۇڭ سايرام ئويۇڭغا ئويۇمنى قاتسام،
ئويلىرىم بىر ئۇلۇغ ئويغا چېتىلدى.
ئاھ! ئېبنۇر،تۇزۇڭدىن چېيىمغا سالسام،
بىر يۇتۇم تۇزدىلا ۋاپا يېتىلدى

خىلۋەتتە ئۇيقۇنىڭ قوينىدا ياتسام ،
پىچىرلاپ ئويغاتتىڭ يىللاردىن بېرى .
قىسمەتلەر دەستىدىن خىيالغا پاتسام ،
سەن بولدۇڭ شىپاگەر ،مەن غەمدىن نېرى .
سايەڭنى ئېپ قېلىپ نۇرۇڭنى ساتسام ،
قاقشىدى بوزقىرنىڭ ھەر تاپان يېرى

تۈگەمدۇ ئېيتقانغا تىلسىمات ناخشام ،
ئۇنىڭغا كۆمۈلگەن قەلبىمنىڭ سىرى .
مەن يېڭى رول ئالدىم ،بىمەھەل ئاخشام،
‹‹ئارتىست››مەن ،سەن بولغىن تاماشا پىرى...
‹‹ھاك تاش››نى،‹‹قوي تاش››نى ،ئوڭۇمدا تاپسام ،
ئۇنتۇلغان چۈش بولدى ،يۇرتۇم تەسۋىر

گۈل-گىياھ، چوققاڭغا يۈزۈمنى ياقسام،
بويۇڭغا ھېرىسمەن بولدى ياش-قېرى.
ئىقبالغا رەمچى بوپ قۇمۇلاق چاچسام ،
بوزقىردىن ئەمەسكەن بەخت تاشقىرى .
تۇپراقنى سۆيگەننىڭ توپىدىن قاچسام ،
مۇشتۇمدەك يۈرەكنىڭ قالماس ساق يېرى .

2011-7-1. بورتالا
ئالمىزاردىن يۆتكەلدى.