




ئىلاۋە:بۇ پەقەت ئالىملارنىڭ پەرىزى،شۇڭا ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇنى ئوقۇغاندا توغرا چۈشىنىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلمەن!
ئەنگىليە «مۇتەخەسسىسلەر ژۇرنىلى» نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،يېقىنىدا،ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئالاھىدە بىر دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ،دوكلاتتا پەرەز قىلىنىشىچە 2012-يىلى 22-سېنتەبىر كۈچلۈك قۇياش بورىنى كۆرۈلىدىكەن،تەھلىلدە دېيىلىشىچە بىر قېتىملىق چوڭ يەر شارى ئوت ئاپىتى بولۇش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئىكەن،90 سېكۇنت ئىچىدە ئامېرىكا رايونى بۇ ئاپەتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىكەن.ناھايىتى تېزلىكتە ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى چېكىنىپ،تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدىكەن،ئومۇمى ئىقتىسادى زىيان نەچچە تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن،بۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن 4 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن،ھەمدە بۇنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچى كاتىرىنا ناملىق دېڭىز بورىنىنىڭ ۋەيران قىلىش كۈچىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
2012-يىلى سېنتەبىر ،نىيۇيۇرۇك بىلەن مانخاتتاننىڭ ئاسمىنىدا كۈچلۈك چاقماق چېقىش ۋە رەڭگارەڭ ھالەتتىكى ئاسما كۆرۈلۈپ،ناھايىتى ئالاھىدە بولغان يەنى ئىنسانلار ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان مەنزەر شەكىللىنىدىكەن،ھەمدە بۇ قېتىم يەنە جەنۇبى قۇتۇپنى كۆرگىلى بولىدىكەن.ناھايىتى قىسقا بولغان ۋاقىت ئىچىدە،ئاھالىلەرنىڭ رەڭگارەڭ چىراغلىرىنى خىرە بولغان يالقۇن ئېلىپ ئىنسانلار خۇددى بۇرۇنقى زامانغا قايتقاندەك ھالەت شەكىللەنگەن.ئۇنىڭدىن باشقا،بۇ ئاپەت باشلىنىپلا لامپۇچكىلار يېنىشتىن توختاپ 90 سېكۇنت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسمىدا توك توختاپ زور دەرىجىدىكى ئېلېكتر كرىزىسى يۈز بېرىدىكەن.
بىر يىلدىن كېيىن،نەچچە مىليون ئامېرىكىلىق ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈشكە باشلايدىكەن،دۆلەتنىڭ ئاساسى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدىكەن.دۇنيا بانكىسىنىڭ دېيىشىچە ئامېرىكا تېزلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدىكەن،ياۋروپادىكى بىر قىسىم تاقىم ئاراللار يەنى (شۋېتسارىيە،دانىيە)،جۇڭگو ۋە ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئوخشاش بولغان ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن،بۇ بىر قېتىملىق ئاپەت بولسا قۇياشتىن كەلگەن كۈچلۈك ماگنىت ئېقىمى بولۇپ، ئاساسلىق يەر شارى يۈزدىن 150 مىليون كىلومېتىر كېلىدىغان قۇياش يۈزىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن كۈچلۈك زەرەت ئېقىمى ئىكەن.
يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئاڭلاشقا كىشىنى ناھايىتى شۈركۈندۈرىدۇ،نۇرغۇن ئادەم بۇنداق ئاپەتنىڭ بولۇشىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيدۇ.ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ ئاڭلاپلا تېپىلغان كوچا خەۋىرى ئەمەس،بۇ يىل 1-ئايدا،ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى تەتقىقات مەبلىغى ئاجراتقان بولۇپ،تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسى ناھايىتى ئالاھىدە بولغان بىر قېتىملىق ئېغىر ھادىسە «قۇياش بورىنى» نى ئېلان قىلىپتۇ.دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە 10 يىلنىڭ مابەينىدە،غەرب مەدەنىيىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان بىلەن تەڭ يەنە ناھايىتى ئېغىر بولغان ئاپەتكە دۇچار بولىدىكەن،ھازىرقى زامان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە پەن-تېخنىكا ئاستا-ئاستا ئىنسانلارنى ناھايىتى ئالاھىدە بولغان ئاپەت ئىچىگە باشلاپ كېرىدىكەن.—يەنى قۇياش يۈزىدىن قۇيۇپ بېرىلگەن بۇ كۈچلۈك ئېلېكترون ئېقىمى ئېلېكتر تورىنى ۋەيران قىلىپ،ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن.
ئامېرىكا كالورودا شتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھاۋا رايى مۇتەخەسسىسى بەكىرنىڭ دوكلاتىدا دېيىلىشىچە:«بىز نۆۋەتتە ناھايىتى ئېغىر بولغان ئاپەتكە يېقىنلاشتۇق» قۇياش يۈزدىن قۇيۇپ بېرىلگەن كۆپ مىقدارىدىكى زەرەت—ناھايىتى يۇقىرى ئېنېرگىيىگە ئىگە،ئۇ قۇياش يۈزىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ قۇياش بورىنى شەكلىدە پۈتۈن ئالەم بوشلۇقىغا تارقىلىدىكەن.بەزى ۋاقىتتا قۇياش بورىنى نەچچە مىليارد توننا زەرەت شارچىسىنى بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن،ئەگەر كۆپ مىقداردىكى زەرەت يەر شارىنىڭ ماگنىت قۇتۇبىغا ئېقىپ كىرسە،پەۋقۇلئاددە ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.1980-يىلى 3-ئايدا،كانادادا بۇ خىل ئاپەت يۈز بەرگەن بولۇپ،كانادانىڭ شىمالى قىسىمدا توك توختاش ھادىسىسى بولۇپتۇ،6 مىليون ئادەم توكسىز قىلىپ قىيىنچىلىقتا قېلىپتۇ،ھەمدە توك توختاش ئەھۋالى 9 سائەت داۋاملىشىپتۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىقتىسادى زىيان پەيدا قىلىپتۇ.
بۇ خىل ئاپەت 1859-يىلى بىر قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ،بۇ بولسا يەنى نامى ناھايىتى مەشھۇر بولغان كارىنتون ۋەقەسى ئىكەن،مەزكۇر ۋەقەگە ئەنگىليىدىكى ئالىم رىچارد كارىنتون تەبىر باھا بەرگەن بولۇپ،شۇڭا ئۇ كارىنتون ۋەقەسىنى دەپ ئاتىلىپتۇ،بۇ قېتىم قۇياش دەرىجىدىن تاشقىرى تۇتۇلغان بولۇپ،بۇ خىل ئەھۋال 8 كۈن ئەتراپىدا داملىشىپتۇ.1859-يىلدىكى كارىنتون ۋەقەسىنى تەتقىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى جامۇسنىڭ دېيىشىچە،گەرچە قۇياش يۈزدىكى بۇ خىل پارتلاش ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولسىمۇ،ئەمما ھازىرغا قەدەر بۇ خىل ئەھۋال يەر شارىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەپتۇ.2012-يىلدىكى قۇياش بورىنىغا نىسبەتەن پەرەز قىلىپ ئېيتقاندا،ئىنسانلار يەنىلا ھايات قالىدىكەن.ئەمما ئىنسانلار يەنە مۇنداق مەسىلىگە يۈزلىنىدىكەن.ئالدى بىلەن،يەنى ھازىرقى زامان ئېلېكتر تورى،ھازىرقى زامان ئېلېكتر تورى ناھايىتى نۇرغۇن رايونلارغا تارقالغانلىقى ئۈچۈن،ئۇ بۇ قېتىمقى قۇياش بورىنىنىڭ زەربە بېرىشىدىكى ئاساسلىق ئوبىكىتى بولۇپ قالىدىكەن.
ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ قۇياش ھەرىكىتى تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى مايكىنىڭ دېيىشىچە،«مەن بۇ قېتىمقى ئالاھىدە خەۋەرنى يالغان دەپ قارىمايمەن،ئالىملارنىڭ تەبىئىي ئاپەتلەرگە بولغان تەتقىقات كۆز قارىشى بىر قەدەر ئوبيېكتىپ بولىدۇ،ئۇلارنىڭ تەھلىلى ناھايىتى ئەستايىدىل تەتقىقات ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقىلغان.بۇ بولسا بىر پەن تېخنىكا دوكلاتى،چوقۇم ھەممە ئادەم دىققەت نەزىرىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك».
مەنبە؛(نۇرتورى)