غاپىل ئىدىم ،نادان ئىدىم ساڭا كىرمەستە،
يەنە ئاتتا مۇسۇلمانتىم ساڭا چۆكمەستە.
مۇھتاجلاردىن غەمكىن ئىدىم ھەسرەتتە ئىدىم،
دەرتلىرىمگە بىر ئاللاھدىن داۋا كۈتمەستە.
ئار-نۇمۇسنى جىنىم بىلەن قوغداپ كىلەتتىم،
چاقچاقنىمۇ دوستلۇرۇمغا باشلاپ بىرەتتىم.
ئىچىپ قويۇپ چاچلىرىمنى ،بىلەكلىرىمنى،
ئۆز -ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ مەغرۇر يۈرەتتىم.
تانسىخانا رىستۇراننى تۇراتتىم يوقلاپ،
بەزەن ناماز ئىغىر كىلىپ قالاتتىم ئۇخلاپ.
بارماي دەيتىم شۇ گۇناھقا شىرىك سورۇنغا،
قەدەملىرىم يەنە ئۇندا قالمايتى توختاپ.
ئۇ-بۇنىڭدىن گۇناھ قانداق ئاڭلاپ تۇراتتىم،شۇ گۇناھقا يەنە قولنى تەڭلەپ تۇراتتىم.
ئازغۇن قەدەم تۇرسىمۇ گەر ھەر بىر قەدىمىم،
ئۆزۈمنى پاك مۇسۇلمان دەپ داڭلاپ تۇراتتىم.
ئىستىقامەت كۇرزىسىدا ساڭا باش قويۇپ،
بۇ يوللارنىڭ ھەقلىغىنى يۈرۈگۈم تۇيۇپ.
ھوزۇرۇڭغا سەۋدالىغىم باشلاندى رەببىم،
كەلدىم شاپائىتىڭ ئىزلەپ، ھەممىگە تويۇپ.
كىتابىڭنىڭ قۇرلىرىدىن نۇرلاندى دىلىم،
يوللىرىڭدا پىدا بولماق شۇدۇر قەسىمىم.
ئۆتمۈشتىكى ئۆز-ئۆزۈمدىن نۇمۇسلىنىمەن،
ئىسىت گۇناھ-كىبىرگە يار بولغان قەدىمىم.
يۈزلىرىمنى نۇرلاندۇردى پەرھىزىڭ ناماز،
ئۇنسىز ئۆتكەن شۇ كۈنلىرىم ئەسلىكەن ئاياز.
ياشلىغىمنى گۈلگە پۈركەپ ئۆتكەن چاغلىرىم،
زىمىستانكەن ،بولماپتىكەن ھاياتىمدا ياز.
ئەخلاق-ھايا، پەردىشەپنى ئەمدى ئۈگەندىم،
ئىھ ئىلاھىم مەغپىرىتىڭ مەن تىلەپ كەلدىم.
ئىسلام دىلغا قۇياش كەبى نۇرىنى چاچقان،
ئازغۇنلۇقتا ئۆتكەن دىلغا خاتىمە بەردىم.
سەجىدەڭگە ياشلىرىمنى تۆكۈپ بارىمەن،
ئىبادەتكە بۇ قەددىمنى پۈكۈپ بارىمەن.
نادانلىقتا چىچەكلىگەن ئەستىلىگىمنى،
نەپرەتلەردە ،لەنەتلەردە سۆكۈپ بارىمەن.
ھەقنى تەرىك ئەتكەن نادان، نادان بەندىمەن،
يوللىرىڭدا ساھىل بولۇپ كىيەي جەندىمەن.
ئۆمرۈمنى خاراپ ئەتكەن گۇناھلىرىمغا،
سەندىن تىلەپ مەغپىرەتلەر كۈن-تۈن غەمدىمەن.
مىنى بىزەپ ئاقلىق بىلەن كۆكلەتتى ئىسلام،
قەدىمىمنى توغرا يولغا يۈزلەتتى ئىسلام.
نامەرتلىكنى، ناكەسلىكنى، مەردانىلىقنى،
ئەجەپ نۇرلۇق تەپەككۇردا كۆرسەتتى ئىسلام.
مىڭ شۈكۈرلەر ھىدايىتىڭ بەرگەنگە رەببىم،
سەن بۇيرىساڭ جىنىم پىدا شۇدۇر قەسىمىم.
شۇنچە يىللار دىل ئىنتىزار بولغان بەخىتنى،
مەن نۇرانە قۇرئان كەرىم ئىچىدىن تاپتىم.
پەزلىڭ بىرلە توسۇپ كەلدىڭ بىزنى ياماندىن،
ھىدايىتىڭ ۋاز كەچتۈردى ئەمدى ناداندىن.
تىگىشمەيمەن ئىمانىمنى، ئىتىقاتىمنى،
بەرسە دۇنياچە جاۋاھىر ،كەچسەممۇ جاندىن.
ياخشىلىقنىڭ دەۋىتىدۇر ئىسلام شۇئارى،
زىيان تارتۇر ئىككى دۇنيا بولمىغان كارى.
مانا ئۇشبۇ ھاياتلىقتا ئىشرەتتە ياشاپ،
دەۋزەخ ئىچرە چەككەن ئازاپ شۇلارنىڭ زارى.
يۈرۈگۈمنى ئىسلام ئۈچۈن يىرىپ كىلىمەن،
ھاياتىمنى بىر دىنىمغا بىرىپ كىلىمەن.
جەينامازنىڭ ھوزۇرىدا بىر قۇلدۇر تىنىم،
”اللە نامىڭ زىكرى قىلىپ ئېرىپ كىلىمەن.
مەنبە:ئەسانەت
يازمىلىرىمنى رۇخسىتىمسىز قالايمىقان كۆچۈرمەڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەسانەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-3 12:12