
تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى كىركۇك شەھىرىنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى
تۈركىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۆزىنىڭ مىكروبلوگىدا يوللانما يېزىپ، ئۆزىنىڭ 75 يىلدىن بۇيان كىركۇك شەھىرىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى، كىركۇك شەھىرى ئەرەبلەر، كۇردلار ۋە تۈركمەنلەر مەڭگۈ تىنچ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان شەھەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىراق دائىرلىرى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيە ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى دەپ ئەيىبلىگەن، چۈنكى تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىر داۋۇت ئوغلۇ ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرۇش قىلمايلا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كىركۇك شەھىرىنى زىيارەت قىلغان.
ئىراق دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، داۋۇد ئوغلۇنىڭ كىركۇك شەھىرىنى زىيارەت قىلىشى «مۇۋاپىق ئەمەس»، «ئىراقنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىق»، تۈركىيە «ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى» كېرەك دېگەن.
ئىراق دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 2-ئاۋغۇست بىرلا ۋاقىتتا كۇردىستان ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى دېپلوماتىيە ئەمەلدارى زىيارىتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى تەنقىت قىلغان.
مەنبە:ئوكيان تورى(نەپرەت)