ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 428 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مىللېر مۇنداق دەيدۇ:
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 189
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
تۆھپىسى: 83
پۇلى: 520 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 166
ياخشى باھا: 471
توردا: 9(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-08-20
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-03 13:26

مىللېر مۇنداق دەيدۇ:

مىللېر مۇنداق دەيدۇ:
 
1977-يىلى كانادالىق مىسسىئونېر شۇنداقلا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لوگىكا ۋە ماتېماتىكا پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور گېرىي مىللېر خىرىستىئان دىنى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش ھەمدە ئۇ ۋە ئۇنىڭدىن تارقاتقۇچى ھەمراھلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى خرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلىشىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن «قۇرئان كەرىم»نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلىم-پەن ۋە تارىخقا زىت تەرەپلىرىنى ئېچىپ تاشلاش قارارىغا كېلىدۇ. ھالبۇكى،خاتالىق تاپماقچى بولغان بۇ كىشىنىڭ قۇرئانغا ئائىت ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ  تەتقىقات، باھالىرى«قۇرئان كەرىم»نى قوغداش مەقسىتىدە يېزىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئۇنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى «قۇرئان كەرىم» دىكى ئىنسانلارغا جەڭ ئېلان قىلىنغان ئايەتلەر بولغان. مەسىلەن:«ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئەگەر قۇرئان (مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلار گۇمان قىلغاندەك)ئاللاھتىن غەيرىنىڭ بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن زىددىيەتلەرنى تاپقان بولاتتى» (سۈرە نىسا،82 -ئايەت). يەنە مەسىلەن: «بەندىمىز (مۇھەممەد)گە بىزنازىل قىلغان قۇرئاندىن شەكلەنسەڭلار، قۇرئانغا ئوخشاش بىرەر سۈرىنى مەيدانغاچىقىرىپ بېقىڭلار،(قۇرئانغا تەئەررۇز قىلىشتا) ئاللاھتىن باشقا ياردەمچىڭلارنىڭ ھەممىسىنى (ياردەمگە)چاقىرىڭلار،(قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن گېپىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار»(سۈرە بەقەرە،23-ئايەت). نەتىجىدە پروفېسسور مىللېرنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ ئاخىرىدا ھەيران قالارلىق بايقاشلار بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ،  تۆۋەندىكىسى پروفېسسور مىللېرنىڭ « ھەيران قالارلىق  قۇرئان كەرىم»دېگەن كىتابىدىكى بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرى:

   1.پروفېسسور مىللېر مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيادا ھېچقانداق بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ كىتابىنى يېزىپ بولغاندىن كىيىن"بۇ كىتابتا ھېچقانداق خاتالىق يوق" دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.لېكىن"قۇرئان كەرىم"دەل بۇنىڭ ئەكسىچە،ئۇ سىزگە ئۇنىڭدا ھېچقانداق خاتالىق يوقلىقىنى، ئەگەر بولسا تېپىپ چىقىشىڭىزنى ئېيتىدۇ، لېكىن سىز تاپالمايسىز ».

    2.«قۇرئان كەرىم»دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇچرىغان ئېغىر كۈنلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. مەسىلەن:ئۇنىڭ ئايالى خەدىچە ۋە بالىلىرىنىڭ ۋاپاتى. تېخىمۇ غەلىتە يېرى رەسۇلۇللاھنىڭ كىشىلەرنى دەۋەت قىلىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقتىدا نازىل بولغان ئايەتلەردە غەلبىدىن بىشارەت بېرىلگەن.غەلبىدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن ئايەتلەردە بولسا مەغرۇرلىنىش، كۆرەڭلەشتىن ئاگاھلاندۇرۇلۇپ،قۇربان بېرىش ۋە پىداكارلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىلغان. ئەگەر بىر كىشى ئۆز تەرجىمىھالىنى يازسا، چوقۇم ئۆز غەلبىسىنى كۆپتۈرۈپ، مەغلۇبىيەت ۋە خاتالىقلىرىغا باھانە ئىزدەيدۇ.بىراق «قۇرئان كەرىم» دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. چۈنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر ئالاھىدە تارىخىي دەۋرنىڭ كارتىنىسى بولماستىن، بەلكى ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مىزانلىرى بەلگىلەنگەن دەستۇردۇر.

3.پروفېسسور مىللېر يەنە بۇ ئايەتنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. «ئېيتقىنكى"مەن سىلەرگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، سىلەر خۇدالىق ئۈچۈن ئىككىدىن يا بىردىن تۇرۇڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن يىغىلىپ ياكى يەككە ھالدا ھەقنى تىلەڭلار) ئاندىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار". ھەمراھىڭلاردا(يەنى مۇھەممەدتە) ھېچ مەجنۇنلۇق يوق، پەقەت ئۇ قاتتىق ئازاپ نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىرئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر» (سۈرە سەبەئ،46 ئايەت). پروفېسسور بۇ يەردە تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقاتچىنىڭ «كوللىكتىپ مۇنازىرىنىڭ ئۈنۈمى» توغرىسىدىكى تەجرىبىسىنى  كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ تەتقىقاتچى بۇ تەجرىبىدە ئوخشاش بولمىغان ساندىكى كىشىلەرنى گۇرۇپپىلاپ مۇنازىرە ئورۇنلاشتۇرغان. نەتىجىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئادەم سانى ئىككى بولغان گۇرۇپپىنىڭ مۇنازىرە ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان. مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنىڭ سانى ئاشقانسېرى، مۇنازىرە ئۈنۈمى شۇنچە تۆۋەن بولغان.

   4.«قۇرئان كەرىم»دىكى بىر سۈرە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى «مەريەم» ئىسمى بىلەن ئاتالغان.مەريەم«ئىنجىل»دىمۇ بۇنداق شەرەپكە نائىل بولالمىغان. ھالبۇكى «قۇرئان كەرىم»دە ھېچبىر سۈرىنىڭ ئىسمى رەسۇلۇللاھنىڭ ئايالى ئائىشە ياكى قىزى فاتىمەنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالمىغان. ئۇندىن باشقا «قۇرئان كەرىم»دە ئىسا ئەلەيھىسسالام 25 يەردە تىلغا ئېلىنغان، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەت بەش يەردىلا تىلغا ئېلىنغان.

5.بەزى كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنى شەيتان ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم» بۇنىڭغارەددىيە بەرگەن. «قۇرئاننى شەيتانلار ئېلىپ چۈشكىنى يوق. بۇ ئۇلارغا لايىق ئەمەس، ئۇلارمۇ (ئۇنىڭغا)قادىر بولالمايدۇ»(سۈرە شۇئەرا،210،211-ئايەتلەر). «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن»(سۈرە نەھل،98-ئايەت).ئەجەبا شەيتانلار بىر كىتاب يازغاندىن كىيىن «مەن بۇنداق قىلىشقا قادىر ئەمەس»،ياكى «سىلەر بۇ كىتابنى ئوقۇغاندا مېنىڭ زەرەر يەتكۈزۈشىمدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەڭلار» دەرمۇ!؟

6.ئەگەر سىز رەسۇلۇللاھ تۇرغان شارائىتقا ئۇچرىسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ ئەينى ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئەبۇبەكرى رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ سەۋر غارىغا يوشۇرۇنىۋالغان، ئەتراپنى ئۇلارنى تۇتۇشقا كەلگەن مۇشرىكلارقورشىۋالغان ئىدى. بۇلار پەقەت پۇتىنىڭ ئاستىغا قارىسىلا، ئۇ ئىككەيلەننى تېپىۋالاتتى.بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ئەسلى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە ئوخشاش ۋەھىمىگە چۈشۈش  كېرەك ئىدىغۇ؟ «بىز باشقا چىقىش ئېغىزى تاپايلى!» ياكى «گەپ قىلما!ئۇلار ئاڭلاپ قالمىسۇن!» دېيىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ لېكىن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خاتىرجەم ھالدا:«...غەم قىلمىغىن،ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە...»(سۈرە تەۋبە،40-ئايەت) دېدى. ئەجەبا بىر يالغانچى مۇشۇنداق دېيەلەمدۇ؟ياكى ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قوغدايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنگەن بىر پەيغەمبەرمۇ؟!

7.«قۇرئان كەرىم»دىكى «سۈرە مەسەد» ئايىتى، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنىپ لەنەت قىلىنغان ئەبۇ لەھەب ئۆلۈشتىن ئون يىل بۇرۇن نازىل بولغان. ئەبۇ لەھەبنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان 365×10=3650 قېتىملىق پۇرسىتى بار ئىدى.ھالبۇكى ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۇفرىدا چىڭ تۇرغان،ھەتتا يالغاندىن بولسىمۇ ئىمان ئېيتمىغان. ئەگەر رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشەنمىسە، قانداقمۇ بۇنداق كەسكىن ھالدا ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتالايدۇ؟

   8.«(ئى مۇھەممەد!) ئەنە شۇ(قىسسە) غەيىبكە ئائىت خەۋەرلەردىندۇر، ساڭا ئۇنى ۋەھىي قىلدۇق، سەن ۋە سېنىڭ قەۋمىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنى بىلمەيتتىڭلار...»(سۈرە ھۇد،49-ئايەت). پروفېسسور مىللېر بۇئايەتكە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«باشقا ھېچقانداق بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى بۇنداق ئۇسۇلدا بايان قىلىنغان ئەمەس. بۇ كىتاب ئوقۇرمەنلەرگە بىر ئىشتىن خەۋەر بېرىپ، ئۇ ئىشنىڭ ئىلگىرى ھېچكىمگە بىلدۈرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەجەبا بۇ ئىنسانلارغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق ئەمەسمۇ؟! ئەگەر مەككىلىكلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا، ھەتتا "بىز بۇرۇنلا بۇ ئىشتىن خەۋەردار ئىدۇق"دەۋالسا، ياكى كىيىن بىرەر تەتقىقاتچى ئۇ ئىشنىڭ بۇرۇندىنلا مەلۇم ئىكەنلىكىنى ئېلانقىلسا،ئۇ ۋاقىتتا قانداق قىلاتتى؟ لېكىن بۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ يۈز بەرمىگەن».

    ئاخىرىدا پروفېسسور مىللېر تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:«"ھازىرقى زامان كاتولىك دىنى قامۇسى"دىكى"قۇرئان كەرىم"تارمىقى ئاستىغا گەرچە ھۇجۇم خاراكتېرىدىكى تەتقىقات ۋە ماقالىلار ئۆزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ مەسىلەن: ئۇ بىر كېسەل كىشىنىڭ خىيالىي تۇيغۇسى، ئىبلىسنىڭ نەپەسلىرى،ئاددىي بىر كىشىنىڭ توقۇغان ئەسىرى...دېگەندەك، بىراق بۇ كۆز قاراشلارنى نورمالبىر ئەقىل ئىگىسى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدۇ. دىنىي جەمىيەتتىكىلەر مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭ ئىلاھىي ۋەھىي ئىكەنلىكىنى، ئىسلام دىنىنىڭ توغرا دىن ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ،شۇنداقلا ھەقنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ».

   تەخمىنەن بۇندىن 30 يىل بۇرۇن پروفېسسور مىللېر خرىستىئان دىنىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە، ئىسلام ۋە خىرىستىئان دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ مەشھۇر بىر مۇنازىرە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىسلام دىنى ۋەكىلى ئەھمەد دىدات بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ. پروفېسسور مىللېر ناھايىتى پىكىرى ئۆتكۈر، سۆزلىرى راۋان كىشى بولۇپ،ھەر قانداق بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلاردىن خالىي ھالدا، ھەقنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن مۇسۇلمان ياشلار بۇ كىشىنىڭ ئىسلامغا كىرىشىنى ئارزۇ قىلىشقان ئىدى.

    پروفېسسور مىللېرنىڭ«قۇرئان كەرىم»گە قارىتا تەتقىقاتى 1977-يىلى باشلانغان. ۋەھالەنكى، ئارىدىن بىريىل ئۆتكەندىن كىيىنلا ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىسمىنى ئابدۇلئەھەد ئۆمەرگە ئۆزگەرتىدۇ. ئىسلام تەشۋىقات ئىشلىرىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىشتىن بۇرۇن،سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ۋە كان بايلىقلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر نەچچە يىل خىزمەت قىلىدۇ. ئارقىدىنلا تېلېۋىزىيە،رادىئو ۋە لېكسىيە يىغىلىشلىرىدا ئىسلام ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلايدۇ.

   ئاللاھ بۇ كىشىگەرەھمەت قىلسۇن.ئامىن.

 

خەنزۇچە نۇر ئىسلام تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. تەرجىمە قىلغۇچى:خەزىنە.
تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-03, 05:27
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1899
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
تۆھپىسى: 107
پۇلى: 2216 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 2145
توردا: 313(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-03 16:04

ئانايۇرت؛
بۇ ئېسىل يوللانمىڭىز ماڭا رامىزانلىق كۈچ-قۇۋەت ئاتا قىلدى! _ ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

دېمەك،ئاللانىڭ قۇرئانى كەرىمدە؛<< - مېنىڭ دەۋىتىمگە ئالىملارلا ئىشىنىدۇ...>>دېگەن
ھۆكۈمىدىكى ئالىملار؛ - دەل يۇقاردىكى مىللېرغا ئوخشاش ئالىملار بولسا كېرەك!   
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+20(سالمان888)
  • دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 1219
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1219دانە
    تۆھپىسى: 150
    پۇلى: 1668 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 280
    ياخشى باھا: 1548
    توردا: 394(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-03 23:50

    ئاللا خالىغان بەندىگە ھىدايەت قىلىدۇ،خالىغان بەندىنى غەپلەتتە قالدۇرىدۇ.

    -سۈرە؟
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 1219
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1219دانە
    تۆھپىسى: 150
    پۇلى: 1668 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 280
    ياخشى باھا: 1548
    توردا: 394(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-07
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-04 09:02

    شامالنىڭ :<<رامىزانلىق كۈچ -قۇۋۋەت بولدى>> دىگەن سۆزىدىن  ساپ،سەمىمى ھەم دىيانەتلىك قەلبنىڭ ساداسىنى ئىشىتكەندەك بولدۇم!
    دوستلىشىش
    سالمان888
    تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 771
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
    تۆھپىسى: 208
    پۇلى: 1269 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 406
    ياخشى باھا: 1194
    توردا: 164(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-19
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-04 11:26

    1-قەۋەت (شامال) نىڭ يازمىسىغا

    ئىنكاستەك ئىنكاس ،شامالكامنىڭ دىنى بىلىمىنىڭ چۇڭقۇرلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
    خەلقېم مەن بىلەن
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1899
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
    تۆھپىسى: 107
    پۇلى: 2216 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 2145
    توردا: 313(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-05 12:52

    يەنىلا دىننى بىلىمنى ئۈگۈنۈش ئۈستىدە...   
    دوستلىشىش
    سالمان888
    تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 771
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە771دانە
    تۆھپىسى: 208
    پۇلى: 1269 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 406
    ياخشى باھا: 1194
    توردا: 164(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2012-03-19
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-12 18:25

    ئاللاھ بىلىملىرىڭىزنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن.   
    خەلقېم مەن بىلەن
    ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
    دەرىجە: كونا ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 913
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە913دانە
    تۆھپىسى: 78
    پۇلى: 1124 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 156
    ياخشى باھا: 1074
    توردا: 189(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-12-30
    ئاخىرقى: 2012-08-17
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-12 18:47

    ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە ئەڭ ياخشى تېمىلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەخمەت.


    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1899
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1899دانە
    تۆھپىسى: 107
    پۇلى: 2216 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 215
    ياخشى باھا: 2145
    توردا: 313(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-08-19
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-13 19:59

    دىننى بىلىم ھەممىمىزگە ئورتاق بولغۇسى...
    دوستلىشىش
    ھىدايەت
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 255
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
    تۆھپىسى: 23
    پۇلى: 303 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 46
    ياخشى باھا: 303
    توردا: 62(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-12
    ئاخىرقى: 2012-08-18
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-17 19:34

    قولىڭىزغا دەېرت كەلمىسۇن قېرىندىشىم ، «مۇقەددەس كىتاب»ئاشىق بولىۋاتقانلارنىمۇ قۇرئان كەرىمنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.