پۇتىن دالاي لامانىڭ روسىيەنى زىيارەت قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىشقا ۋەدە بەردى

-ئاينىڭ 31-كۈنى، ۋىلادىمىر پۇتىن سېلىگېر-2012 ياشلار مۇنبىرىغا قاتناشتى
بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ 1-ئاۋغۇست خەۋىرى: روسىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەنزۇچە سەھىپىسىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن دالاي لامانىڭ روسىيەنى زىيارەت قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك يارىتىشتا داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.
خەۋەردە روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، دالاي لامانىڭ روسىيەگە زىيارەتكە بېرىش مەسلىسىنى «سېلىگېر-2012» (Seliger 2012 ) ياشلار مۇنبىرىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى كالمىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاممىسى ئوتتۇرىغا قويغان.
پۇتىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە:«بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەن بۇ مەسىلىنى دالاي لامانىڭ دىننىي پائالىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي پائالىيىتى بىلەن ئالاقىسى يوق دېيەلەيمەن. بىز كالمىك جۇمھۇرىيىتىدە ياشاۋاتقان ھەمدە دالاي لامانىڭ كېلىشىگە ئىنتىزار بولۇۋاتقان پۇقرالىرىمىزنى ئەلۋەتتە چۈشىنىمىز. بىز بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەن.
مەنبە:ئوكيان تورى(نەپرەت)