
خەلقئارا لىنىيەنىڭ مەخسۇس خەۋىرى: «بۈگۈنكى ياپونىيە» تاراتقۇسىنىڭ 29- ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالىنىڭ شىمالىي قىسمىنى كونترول قىلىپ تۇرغان ئىسلام رادىكال تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن: زىنا قىلغان بىر جۇپ ئەر- ئايالغا 29- ئىيۇل ئاگۇلخوكتا چالما- كېسەك جازاسى ئىجرا قىلىندى.
«ئىسلام قوغدىغۇچىسى» ناملىق بۇ رادىكال تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى ساندا ئابوئۇ مۇھەممەد مۇنداق دېدى: بۇ ئەر- ئايالغا ئىسلام قانۇنى بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بۇ كۆرۈنۈشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر ئاھالە مۇنداق دېدى: بۇ بىر جۇپ ئەر- ئايال گەدىنىگىچە توپىغا كۆمۈلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆلگەنگە قەدەر چالما- كېسەكنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى.
بۇ يىل 4- ئايدا مالىنىڭ پايتەختىدە سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن بۇيان، مالىنىڭ شىمالىي قىسمى ھازىر توپىلاڭچى قوشۇن ۋە ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدى.
مەنبە:نۇر تورى