ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7941 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: شەھەردىن قوغلانغان دەرۋىش(14-باپ)روماندىن پارچە
hasrat iqida seni kuylayman...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 209
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
تۆھپىسى: 51
پۇلى: 402 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 82
ياخشى باھا: 305
توردا: 17(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-01-31
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-17 21:26

شەھەردىن قوغلانغان دەرۋىش(14-باپ)روماندىن پارچە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئۈمۈديار تەرىپىدىن يۇرۇتۇش بىكار قىلىندى(2011-02-18)
ئەكبەر ئىمام كۆك بۆرە

قۇم قەلئە
 
ئون تۆتىنچى باب
 

شەھەردىن قوغلانغان دەرۋىش
(1)
قۇياش شەرىقتىكى بىر ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يەككە-يېگانە قەسىرگاھىدىن كۆپكۈك ئاسمانغا نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەل ئىدى. قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا تىكلىنىشىگە ئەگىشىپ قىزىتقۇ ئىسسىق ھارارەت سەھەرنىڭ راھەتبەخش سۈزۈك ۋە سالقىن سەلكىننى بارا-بارا ئاجىزلاتماقتا ئىدى. بىر توپ يېزا بالىلىرى ئۆلۈك يىلاندەك سوزلۇپ ياتقان يول بويدىكى بىر توپ قېرى ئۈژمە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ھەر خىل ئويۇنلارنى قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئويناشماقتا ئىدى. شۇ تاپتا ئۇلار ئويۇنلىرىغا شۇ قەدەر كىرىشىپ كەتكەن ئىكەنكى، قۇياش نۇرىنىڭ تەنلەرنى كۆيدۈرىشىنىمۇ، ئۆتكەن-كەچكەن يولۇچىلارنىڭ، دەرتمەن-غېرىپ، مۇساپىر-تىلەمچىلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ھەۋەس بىلەن نەزەر تاشلاپ ئۆتىشىۋاتقانلىقىنىمۇ؛ چارلىغۇچى لەشكەرلەرنىڭ سۈرە-ھەيۋە كۆرسۈتۈپ سۆلەت بىلەن كوچا چارلاشلىرىمۇ؛ قىسقىسى شەھەرنىمۇ، دۇنيانىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ... ھەممە-ھەممىنى بىردەملىككە ئۇنۇتقان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ غەم ئەندىشە، قان-ياش مەۋجۇت بولمىغان سەبىي دۇنياسىدا ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇپ ياشىماقتا ئىدى.

-- ئەمدى توي قىلىپ ئوينايمىز،-- دېدى قارامتۇق كەلگەن ئون ياشلاردىكى بىر بالا يەنە بىر يېڭى ئويۇن باشلاپ.

-- ئۇنداق بولسا سېنىڭ تويۇڭنى قىلىمىز، قېنى ئۆزۈڭ دە، كىمنى ئالىسەن؟-- دېدى يەنە بىر بالا قارا مۇتۇق بالىغا ھەييارلىق بىلەن قاراپ.

-- مەن ئالسام مايسەمنى ئالمەن. قاراڭلار، مايسەمنىڭكىدەك قاپقارا ئۇزۇن چاچ كىمدە بار؟ مايسەم خۇددى چۆچەكتىكى كاپ-كاپ كۈچىگى، مىسران قىلچى بار چىن تۆمۈرنىڭ سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا نېمە دېگەن ئوخشايدۇ؟!

باشقا بالىلار قارامۇتۇق بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئىككى تال تۇم قارا ئۆرۈم چېچى بىلىدە يېيىلىپ تۇرغان قوي كۆزلۈك قىز شەلپەردەك قىزارغىنىچە چېچىنى ئويناپ تۇرۇپ،

-- نېمە، يەنە مېنى ئالامسەن؟ تۈنۈگۈنمۇ مېنى ئالغانتىڭغۇ؟-- دېدى.

-- نېمە، سەن ئۇنىمامسەن مايسەم؟ قارا، مەن دېگەن چىن تۆمۈر باتۇردەك ھېچنىمىدىن قورقمايمەن. مەن دېگەن باتۇر بالا، ماقۇل دېگىنە مايسەم.

قارامتۇق بالا بىلىكىگە كۈچ يىغىپ قەددىنى تىك تۇتتى.

-- ئۇنداقتا، مايسەمنى يالماۋۇز تۇتۇپ كەتسە سەن ئۇنى يالماۋۇز مومايدىن قۇتۇلدۇرۇپ كېلەلەمسەن؟-- دېيىشتى بالىلار زىل ئاۋازدا قوڭغۇراقتەك چۇقۇرشۇپ.

-- قۇتۇلدۇرمايچۇ،-- دېدى قارامۇتۇق بالا مۇشتۇمىنى بوشلۇقتا پولاڭلىتىپ تۇرۇپ، -- مەن يالماۋۇز مومايغا مايسەمنىڭ بىر تامچە قېنىنىمۇ ئىچىرمەيمەن. قاراڭلارچۇ، مەن يەنە ماۋۇ يوغان دەرەختىكى ئۈژمىلەرنىڭ ھەممىسىنى مايسەمگە قېقىپ بېرىمەن تېخى.

بالىلار ئۆزئارا قىزغىن دەتالاش قىلىشىۋاتقاندا يىراقتىن كېلىۋاتقان ئىشەكلىك بوۋاي ئۇلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى. بالىلار ئىشەكلىك بوۋاينى كۆرۈپلا ھەممىنى ئۇنۇتۇشقان ھالدا ۋاقىراشتى.

-- ھوي، قاراڭلارچۇ، كىم كېلىۋاتىدۇ؟

-- ئوھۇي، ھېلىقى دەرۋىش بوۋامغۇ ئۇ.

-- راستكەن، دەرۋىش بوۋىمىز يەنە كەپتۇ ئاينا.

-- دەرۋىش بوۋا...

-- بوۋا...

بالىلار بىر تەرەپتىن ۋاقىرىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن يالىڭاچ پۇتلىرى بىلەن توپا تۇزتۇپ، ئېشەكلىك بوۋاينىڭ ئالدىغا پىڭلداپ يۈگىرىشتى.

بالىلار قىيا-چىيا ئاۋاز بىلەن ئەتىراپنى بىر ئېلىپ بوۋاينىڭ يېنىغا بىر-بىرىدىن بالدۇر يېتىپ بېرىش ئۈچۈن كىرىچىدىن ئايرىلغان ئوقدەك تېزلىك بىلەن يۈگۈرەيتتى.

يىراقتىن كېلىۋاتقان ئۆسكىلەڭ چاچ ، قويۇق چار ساقاللىق بۇ ئادەم ئوتۇنچى بوۋاي ئىدى.

ئوتۇنچى بوۋاينىڭ شەھىرىۋەتەننىڭ ھەرقايسى شەھەر-يېزىلىرىدا، قىشلاق-دالىلىرىدا بىردە پەيدا بولۇپ، بىردە غايىب يۈرگىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان ئىدى. ئۇ ھەر دائىم تونۇش ئېشىكى بىلەن پەيدا بولۇپ يۇرت ئىچىنى ئارلايتتى. لېكىن ھېچكىم بىلەن پاراڭلاشمايتتى. خۇددى ئۇ بۇ دۇنياغا تىكەندەك يەككە-يېگانە يارىلىپ قالغاندەك. لېكىن ئۇ ھەر قېتىم پەيدا بولغاندا بالىلار بىلەن ئۇزاقتىن-ئۇزاق بىرگە بولاتتى. ئوتۇنچى بوۋاي ھەر قېتىم كەلگەندە قۇرۇق قول كەلمەيتتى. بەلكى بالىلارغا گۈلە-قاق، ياڭاق-چىلاندەك يەل - يېلىمىشلەرنى ئالغاچ كېلەتتى.

-- يەڭلار بالىلىرىم، بۇ مېۋىلەر قانداقتۇر بىر ئىگىسى بار باغلاردىكى ئاھانەتلىك مېۋىلەر ئەمەس بەلكى تەبىئەت قوينىدا ئۆزى پىشقان مېۋىلەر،-- دەيتتى ھەر بىر قېتىم ئوتۇنچى بوۋاي بالىلارغا يەل-يېمىشلەرنى ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەندە قايتا-قايتا تەكرارلاپ.

-- بوۋا، ھېلىقى كۈنى سىز كەتكەندىن كېيىن قېلىچ ئاسقان ئىككى ئادەم مەندىن، ئاۋۇ كەتكەن ئىشەكلىك بوۋاي ساڭا نېمە دېدى، دەپ سوراپلا كەتتى ئەمەسمۇ،-- دېدى قارامۇتۇق بالا.

-- سەن نېمە دېدىڭ بالام؟-- دەپ سورىدى ئوتۇنچى بوۋاي قارامۇتۇق بالىدىن.

-- مەن،-- دېدى قارامتۇق بالا ئوتۇنچى بوۋاينىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرىپ،-- ئۇ بىزنىڭ دەرۋىش بوۋىمىز بولىدۇ. ئۇ بىزگە نۇرغۇن-نۇرغۇن ياخشى چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ. يەنە جىق يەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ بېرىدۇ. ئۇ بەك ياخشى ئادەم. ئىشەنمىسەڭلار باشقا ئاداشلىرىمدىنمۇ سوراپ بېقىڭلار دېدىم شۇ.

-- قىلىچ ئاسقان ئادەم مەندىنمۇ شۇنداق سورىدى.

-- مەندىنمۇ سورىدى.

-- مەندىنمۇ.

بالىلارنىڭ تۆت-بەشى كەينى-كەينىدىن ۋاقىرىشىپ كەتتى.

-- مەنمۇ چۆچەكچى بوۋام ياخشى ئادەم دېدىم.

-- مەنمۇ شۇنداق دېدىم.

-- مەنمۇ...

ئوتۇنچى بوۋاي بالىلارنىڭ قىقاس-سۈرەنگە تولغان جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى زوقمەنلىك بىلەن ئەركىلەتكەچ سۆز باشلىدى.

-- ئوھۇي، ئەقىللىق بوتىلاقلىرىم، ناھايتى توغرا ئېيتىپسىلەر. مەن سىلەرگە دەپ بەرسەم چۆچەك دېگەننى ھەممە ئادەم سۆزلەيدۇ. مەسلەن، ياخشى ئادەممۇ يامان ئادەممۇ سۆزلەيدۇ. ھەر قانچە يامان پادىشاھمۇ چۆچەك سۆزلىگەنلەرنى دارغا ئاسمايدۇ. چۈنكى پادىشاھلارمۇ چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولىدۇ. ياخشى ئادەملەر ياخشى چۆچەك سۆزلەيدۇ،  يامان ئادەملەر يامان چۆچەك سۆزلەيدۇ. پەقەت ئادەملەرلا ئەمەس ئالەمدىكى بارلىق جانلىقلارمۇ چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولدۇ. يەنى مەسىلەن،  چوڭ ئادەم كېچىك بالىلارغا چۆچەك سۆزلەپ بەرگەندەك،  چوڭ جىن-ئالۋاستىلار كىچىك جىن-ئالۋاستىلارغا چۆچەك سۆزلەپ بېرىدۇ. چوڭ قۇشلار كىچىك قۇشلارغا، چوڭ دەرەخ كىچىك دەرەخلەرگە چۆچەك سۆزلەپ بېرىدۇ. شۇڭا چۆچەك دېگەننى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

-- بوۋا، يىلان ۋە ھەرىلەرنىڭ پادىشاھى بار دەيدىكەن، ئۇنداقتا قۇش-دەرەخ، جىن ۋە ئالۋاستىلارنىڭمۇ پادىشاھى بولامدۇ؟

ئۇزۇن چاچلىق قىز ئوتۇنچى بوۋاينىڭ تىزىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ سورىدى. ئوتۇنچى بوۋاي قاداق ۋە قۇرۇق باسقان يىرىك ۋە يېرىق توم ئالقىنى بىلەن سۇئال سورىغان قىزنىڭ توم قارا چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ،

 -- شۇنداق قىزىم، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇتلۇقنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. يەنى قۇشلارنىڭ دۇنياسىدا قۇشلارنىڭ پادىشاھى قاناتلىق قۇش شەكىلدە بولىدۇ، دەرەخلەرنىڭ پادىشاھى دەرەخ شەكلىدە بولىدۇ. خۇددى ئادەملەرنىڭ پادىشاھى پەقەت ئادەم شەكلىدىلا بولغاندەك قايسى خىل جانلىق بولسا ئۆز پادىشاھىنى شۇ خىل شەكىلدە يارىتىدۇ،-- دېدى.

-- ۋاي-ۋۇي... ئۇنداق بولسا پادىشا دېگەن بىز بالىلاردىنمۇ جىقمۇ نېمە، بوۋا؟!

ئۇزۇن چاچلىق قىز ھەيران بولغان ھالدا يەنە قايتۇرۇپ سوردى.

-- ئېھتىمال شۇنداقتۇر،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي ئەلەم تولغان كۆزلىرىنى يىراق- يىراقلارغا تاشلاپ تۇرۇپ.

-- ئۇنداقتا ، بىزنىڭ پادىشاھمۇ بىزگە ئوخشاش لاتا قوچاق ئوينامدۇ؟

ئۇزۇن چاچلىق قىز يەنىمۇ قىزىققان ھالدا داۋاملىق سورىدى.

-- بىزنىڭ پادىشاھ؟!

ئوتۇنچى بوۋاينىڭ كۆز نۇرى ئۇزۇن چاچ قىزنىڭ ساددىلارچە سورىغان سۇئالى بىلەن تەڭ نەگىدۇر قادالدى.

-- ھەئە، بىزنىڭ پادىشاھ!

ئۇزۇن چاچ قىزنىڭ تەكرار ئاۋازى ئوتۇنچى بوۋاينى ئېسىگە كەلتۈردى. ئوتۇنچى بوۋاي نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. راست، نېمە دەپ جاۋاپ بېرىش كېرەك؟ تېخى ھازىرلا ئۆزى بۇ بالىلارغا ئىشەنچ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئۆز پادىشاھ بولىدۇ دېمىگەنمىدى. مانا ئەمدى بىزنىڭ پادىشاھ يوق دېسە بالىلار ئىشنەرمۇ؟

قۇياشنىڭ ئىسسىق ھارارىتى نەپەسنى بوغاتتى. تۇمۇزغۇلارنىڭ يېقىمسىز چىرىلداشلىرى قولاق-مېڭىگە يېڭنىنىڭ ئۇچىدەك سانجىلىپ كۆڭۈلىنى بىئارام قىلاتتى.

دىمىق ئىسىقتا تەلەپ-تەپچىرەپ كەتكەن ئوتۇنچى بوۋاي بولسا سۈكۈتتە ئولتۇراتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدىن شەھىرىۋەتەندە يۈز بەرگەن بىر-بىردىن دەھشەتلىك پاجىئەلەر، قانلىق قىرغىنچىلىقلار، رەھمىسىز باستۇرۇشلار لەيلەپ ئۆتمەكتە ئىدى.

ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۈنسىز-ئۈمۈتسىز ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن ئەنە شۇ دەھشەتلىك پاجىئە، قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھازىر ھېچكىم ئېغىز ئاچمايدۇ. خۇددى شەھىرىۋەتەن تارىخىدا بۇنداق پاجىئە ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق بولۇپ باقمىغاندەك، ئەزەل - ئەزەلدىن بۇ زېمىننىڭ ئۆز پادىشاھى بولۇپ باقمىغاندەك ھەم.

ئوتۇنچى بوۋاي خېلى ئۇزاق ۋاقىت تەگىسىز خىياللار بىلەن سۇغا چۇشكەن تاشتەك جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ۋەزمىن ئاھاڭدا ئېغىز ئاچتى،

-- كىم بىلىدۇ بالىرىم، بىزنىڭ پادىشاھ لاي قوچاق ئوينايدىغان سىلەردەك بالىلارمۇ ياكى سۈرلۈك قويۇق قارا ساقالىق ئادەممۇ ۋە ياكى ۋۇجۇدىدىن شان-سۆلەت، جاسارەت پارلاپ تۇردىغان نەۋقىران زاتمۇ بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ پادىشاھى بولىشى مۈمكىن ئەمەس. بىزنىڭ پادىشاھ بەلكىم بۇ ئالەمگە ئاپىرىدە بولمىغاندۇر ۋە بەلكى تۇغۇلۇپمۇ بولغاندۇر. ئىھتىمال ئەنە ئاۋۇ يوللاردىكى ئۇ ياندىن-بۇ يانىغا كېلىپ-كېتىپ يۈرۈشكەن ئادەملەرنىڭ مەلۇم بىرى بىزنىڭ بولغۇسى پادىشاھدۇر. ياكى قايسى بىر تاغ- ئېدىرلاردا سەرسان-سەرگاردان بولۇپ يۈرگەن يولىچى بىزنىڭ بولغۇسى پادىشاھتۇر ۋە ياكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى مەلۇم بىرىڭلار بىزنىڭ پادىشاھ بولۇپ قالامىسىلەر تېخى. بىلگۈچى بىر خۇدا.

-- ئوھۇي...

بالىلار ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئېھتىمالىق بىلەن تولۇپ كەتكەن پادىشاھ ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاپ ۋاقىرىشىپ كەتتى.

-- تېخى بىز ھەممىمىز پادىشاھ بولۇپ كېتەمدۇ-ھە، بوۋا؟

قارامتۇق بالا ئەتىراپىدىكى بالىلارغا نەزەر سالغاچ سورىدى.

-- ياق، ياق، ھەرگىز شەيتاننىڭ ۋەسۋىسىگە كىرمەڭلار،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي شۇ ھامان بالىلارنىڭ سۆزىگە جىددىي تەرۈزدە رەدىيە بېرىپ،-- ئىلگىرى بىزنىڭمۇ بىر پادىشاھ بولىدىغان بالىلىرىم ، بىز ئەنە شۇ پادىشاھلىق زاماندا شاد-خۇرام، قۇۋناق ھايات كەچۈرەتتۇق. بىراق كېيىن بىردىنلا باشقىلارنىڭمۇ پادىشاھ بولۇپ باققۇسى كېلىپ بىر- بىرىنى رەھىمىسىزلارچە ئۆلتۈرۈشتى. ئارقىدىنلا ھايات قالغانلارنى يات ئەل ياۋلىرى دارغا ئاستى. ئاقىۋەتتە بىز پادىشاھسىز قالدۇق. پادىشاھى يوق ئەل خۇددى بىر سەركىسى يوق پادىغا ئوخشايدۇ، سەركىسى يوق پادىنى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. چۈنكى گۆش يېمەيدىغان مۈشۈك يوق-دە بالىلىرىم،-- دېدى تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا ئەلەملىك ھالدا.

-- ئۇنداقتا،-- دېدى قارامۇتۇق بالا،-- بىز ياخشى پادىشاھلاردىن بولساقچۇ، بىز ھەرگىز بىر-بىرىمىزنى ئۆلتۈرمەيمىز بوۋا.

ئوتۇنچى بوۋاي قارامۇتۇق بالىنىڭ ساددىلارچە سۆزىنى ئاڭلاپ،

-- تەخت دېگەن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان ئورۇن بالىلىرىم، شۇڭا ئالتۇننىڭ ئۈستىدە ئولتۇردىغان ئادەمنىڭ ئالتۇننىڭ ئۈستىدىن قوپۇپ كەتكۈسى ياكى ئۇنى باشقىلارغا بېرىۋەتكۈسى كەلمەيدۇ. ئاقىۋەتتە ئالتۇن دېگەن بۇ سېرلىق نىجاسەت ئەقىلىنى بۇلغاپ، كۆزىنى كور قىلىپ تاشلايدۇ. ئەقىل-ھوشى بولغانغان ئادەمدە ئىنسانىي پەزىلەت ۋە ئىنسانىي ئاڭ بولمايدۇ. بۇنداق ئادەم يىرىتقۇچ ھايۋاندەك رەھىمسىز بولىدۇ. رەھىمىسىز ئادەم ھەتتاكى ئادەم تۈگۈل خۇدا بىلەنمۇ سىغىشالمايدۇ. كونا كىتاپلاردا ئۇلۇغلار شۇنداق بايان قىلغاندۇر:

بىر پالاس ۋەتەندۇر ئون دەرۋىش ئۈچۈن،
ئىككى شاھ سىغمايدۇ بىر تەختكە نېچۈن.
بىر قىزدىن تاپالماس جۈپ ئاشىق ۋىسال،
بىر - بىرىنى يەيدۇ كۆز بولمىسا بۇرۇن.
-- بولدىلا بوۋا،-- دېدى قارامۇتۇق بالا،-- بىز پادىشاھ بولماي چۆچىكىڭىزنى ئاڭلاپ ، لاي قورچاق ئويۇنىمىزنى ئوينايلى.

ئوتۇنچى بوۋاي بالىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. شۇ تاپتا ئوتۇنچى بوۋاي ئازاپتىن ئاچچىق كۈلىۋاتامدۇ ياكى پادىشاھ بولىشىدىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان شەھىرىۋەتەنلىكلەر ئۈچۈن كۈلۈۋاتامدۇ، بىلگىلى بولمايتتى.

شۇ ئەسنادا قىلىچ-قالقانلىق بىر توپ لەشكەرلەر قېرى ئۈژمە يېنىدا يەنە پەيدا بولدى.

-- ھوي قېرى دەرۋىش،-- دەپ ۋاقىرىدى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدىكى خام سېمىز بىرى قولىنى ئوتۇنچى بوۋايغا قاداپ تۇرۇپ غەزەپلىك ئاۋازدا،-- سەن ئۆزۈڭچە يۈرىكىڭنى قاپتەك قىلىپ كۈپكۈندۈزدە كېمىڭنى پادىشاھ قىلماقچىدىڭ؟

ئوتۇنچى بوۋاي سالماقلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ،

-- ئوھۇ پالۋانلار، ئوقۇشماسلىق بوپتۇ، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ . ئەممازە، ئادەم دېگەنمۇ قېرىغانسېرى كىچىك بالىدەك بولۇپ قالدىكەن ئەمەسمۇ. قېرىلىق يېرىم ساراڭلىق دەپ ئەمدى مۇنۇ گۈدەكلەر بىلەن بەڭگىنىڭ خىيالىنى سۈرۈپ كېتىپتىمەن. لېكىن-زە، بىزنىڭ خىيالىرىمىزنىڭ ھەر قايسىلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ قويۇشنى بىلمەپتۇق. گۇناھلىرىمىزدىن ئۆتسىلە،-- دېدى يالغان كۈلگەن ھالدا.

خام سېمىز لەشكەر ئوتۇنچى بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك ۋاقىراپ سۆزلەشكە باشلىدى.

-- سەن قالايمىقان بىلجىرلاپ كىمىڭنى ئەخمەق قىلماقچىسەن؟ قېنى دەپ باقە، پادىشاھ بولۇش ئۈچۈن پادىشاھنى ئۆلتۈرۈش كېرەكقۇ دەيمەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دېمەك سەن خىيالىڭدا پادىشاھنى ئۆلتۈردۈڭ. ھۇ قېرى توپىلاڭچى، پادىشاھنى قانداق ئۆلتۈرگىنىڭنى سۆزلە، سۆزلە دەيمەن!

-- يوقسۇ-يوقسۇ پالۋانلىرىم،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي،-- پادىشاھنى ئۆلتۈرۈش ھەددىمىزمۇ بىزنىڭ. راست پالۋانلىرىم، ئۇنداق خىيالنىڭ كۆتۈگە ئوت كەتسۇن، راست دەيمەن پالۋانلىرىم، ئۇلۇغ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ مۇبارەك نامىدىن دىر-دىر تىتىرەپ تۇرغان يەردە پادىشاھنى ئۆلتۈرۈش نەدە تۇرۇپتۇ بىزگە.

خام سېمىز لەشكەر ئوتۇنچى بوۋاينىڭ سۆزىنى بۆلۈپلا يەنە ۋاقىرىدى،

-- نېمە-نېمە، تېخى سەن ئەمدى پادىشاھ دېگەن خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايدۇ دېمەكچىمۇسەن، سېنىڭ يۈرىكىڭ نېمانچە يوغان-ھە؟!

ئوتۇنچى بوۋاي شۇ ھامان سۆز ئارىلىدى،

-- يوقسۇ-يوقسۇ پالۋانلىرىم، ئۇنداق دەمدىغان. بىز ئۆلۈك ياكى تىرىك بولايلى ئۇلۇغ شانى-شەۋكەتلىك شاھ ئالىلىرى بىلەن خۇددى قان بىلەن گۆشتەك، ياغ بىلەن بۆرەكتەك.

-- شۇنداقمۇ،-- دېدى خام سېمىز لەشكەر يەنە،-- سېنىڭ پادىشاھ بولۇش خىيالى سۈرگىنىڭنىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھ. ماڭ، پادىشاھ بولۇشنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى مەھكىمىگە بارغاندا دەپ بېرەي.

-- بىراق پالۋانلىرىم، خىيالىدا پادىشاھ بولىۋالدى دەپ جازاغا تارتقان نەدە بار؟ بۇ ئۆزى زادى قانداق ئىشبۇ ئەمدى؟ ياكى بىز تېخى پادىشاھ بولىۋالمىساق؟

-- نېمە، ئۆتەپ تىشىپ ئەمدى پادىشاھ بولۋالساڭ بولامتى؟-- دېدى خام سېمىز لەشكەر زەردە بىلەن ۋە لەشكەرلەرگە دەرھال بۇيرۇق قىلدى.

-- مۇنۇ توپلاڭچىنى مەھكىمىگە ئاپىرىش!

لەشكەرلەر شۇ ھامان ھەركەتكە كېلىپ ئوتۇنچى بوۋاينى مەھكەم باغلاپ مەھكىمىگە ئېلىپ ماڭدى...

 

(2)
--توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ، ئۆچىكە جاڭگال دەپ ئەمدى سېنىڭ سۈرگەن خىيالىڭنىڭ كاتتىلىقىغا نېمە دەي،-- دېدى يوغان باش، كالا كۆز سوراقچى ئەمەلدار قۇرۇتچىلىك كۆزىنىڭ ئىچىدىن ئوتۇنچى بوۋايغا نەشتەردەك قاراپ. ئوتۇنچى بوۋاي ئىككى لەشكەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قوشۇمىللىرى تۈرۈلگەن، كۆزلىرى غەزەپتىن يانغان ھالدا تۇراتتى.

-- ئىسمىڭ نېمە؟

سوراقچى ئەمەلدار  سورىدى. ئوتۇنچى بوۋاي ئۇدۇللا جاۋاپ بەردى.

-- ئوتۇنچى بوۋاي.

-- نېمە؟!

-- ئوتۇنچى بوۋاي.

-- يالغان!

-- راست، ھازىر يەنە دەرۋىش بوۋا دەپمۇ ئاتىلىمەن.

-- بۇ قانداق ئىسىم ئەمدى؟

-- بۇ دىگەن لەقەم.

-- لەقەم؟!  ئۇنداقتا نېمە دېگەن تولا لەقەم-بۇ؟!

-- خوش ئالىيلىرى، بىزدە لەقەمنى خىزىر قويىدۇ دېگەن گەپ بار. ئېھتىمال خىزىرغا بەك كۆپ يولۇقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك.

-- ئۇنداقتا ھەقىقىي ئىسمىڭ نېمە؟

-- بىلمەيمەن.

-- يالغان!

-- راست ئالىيلىرى. مەن كىم، نېمە ئىش قىلمەن، نەگە بارىمەن ... بىلمەيمەن، شۇڭا ئەل كېزىپ ئۆزۈمنى ئىزلەيمەن.

سوراقچى ئەمەلدار ئوتۇنچى بوۋاينىڭ جاۋابلىرىدىن بىمەنلىك ھېس قىلىپ، بۇمۇ چوقۇدىن كەتكەنلەرنىڭ بىرى ئوخشايدۇ، دېگەننى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئوتۇنچى بوۋايغا ئېغىرراق دەررە جازاسى بېرىپلا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىۋىتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ سوراقنى داۋاملاشتۇردى. چۈنكى شەھىرىۋەتەندە يات شەھەرلىكلەرنىڭ تىلى بىلەن ئېيتىقاندا بۇنداق چوقۇدىن كەتكەنلەر نۇرغۇن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپ مەڭگۈلۈك شاھ شەھىرىۋەتەننى ئۆزىگە قارام ئەل قىلىۋالغان يىللاردىلا چوقىدىن كېتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇنداق چوقىدىن كەتكەنلەر يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىدى. يات شەھەرلىكلەر بۇنداق چوقىدىن كەتكەنلەرنى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈشكە تامامەن ئامالسىز ئىدى. چۈنكى ئۇلار ساراڭنى ئۆلتۈرگەن ئادەممۇ ساراڭ بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارايتتى.

سوراقچى ئەمەلدار بىر ھازا خىيال سۈرۈپ تۇرۋالغاندىن كېيىن سوراقچى  يەنە داۋاملاشتۇردى،

-- گۇناھىڭنى  بىلەمسەن؟

-- يوقسۇ، بىلمەيدىكەنمەن.

-- نېمە، بىلمەيمەن؟ پادىشاھ بولۇش خىيالىڭدىن پاقىراپ تۇرۇپ تېنىۋالماقچىمۇ سەن؟

سوراقچى ئەمەلدار ئالدىدىكى شىرەنى زەرب بىلەن مۇشتلاپ تۇرۇپ ۋاقىراپ سورىدى. ئوتۇنچى بوۋاي ئەمدى پەرۋاسىزلارچە جاۋاپ قايتۇردى.

-- بۇ دېگەن پەقەت قۇرۇق خىياللا شۇ.

-- خىيال؟! سېنىڭ بۇنداق بىمەنە خىيال سۈرۈشكە نېمە ھەددىڭ؟ دۇنيادىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ دەسلەپ بىمەنە خىيال ئىدى. خۇددى شەھىرىۋەتەن ئەڭ دەسلەپ ئۇلۇغ مەڭگۈلۈك شاھ ئالىيلىرىمىزنىڭ چۈشى بولغىنىدەك. دېمەك، خىيال قانچە ئۇلۇغ بولسا رېئاللىق شۇنچە پارلاق بولىدۇ، ئۇقدۇڭمۇ؟

-- بۇنى سىلىدەك دانالارلا تولۇق بىلىدۇ ئالىيلىرى.

-- لەشكەر، مۇنۇ قېرى ساراڭنى قاتتىق دەررىگە بېسىپ يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىڭلا!

-- خوپ ئالىيلىرى!

ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارقىسىدا پەرمان كۈتۈپ تۇرغان ئىككى لەشكەر ئوتۇنچى بوۋاينى باغلاقلىق پىتىلا يەرگە ياتقۇزۇپ، كەڭ ئەنلىك دەررە پالىقى بىلەن ئۇرۇشقا باشلىدى. دەررە پالىقى ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئېتىگە ھەر بىر تەگكەندە ئوتۇنچى بوۋاينىڭ كۆزى چىڭ يۇمۇلۇپ چىشلىرى كىرىشەتتى...

بىر پەستىلا دەررىنىڭ زەھەرلىك تىلى ئوتۇنچى بوۋاينى قىپقىزىل قانغا بوياپ تاشلىدى.

لەشكەرلەر قان ئىچىدە ئىڭراپ ياتقان ئوتۇنچى بوۋاينىڭ قوللىرىنى يېشىپ ئاندىن ئوتۇنچى بوۋاينى چىغ زەمبىلگە سېلىپ ئىككى چاكارغا زەمبىلنى كۆتەرگىنىچە مەھكىمىدىن چىقىپ كەتتى.

 

(3)
-- ئەنە-ئەنە، چۆچەكچى بوۋام ئاۋۇ يەردىكەن!

قارامتۇق بالا چەت يېزا يولىدىكى ئاخىرىقى ئاچالدا ئۆزلىرى تەرەپكە ئاجىز قەدەملەر بىلەن بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ كېلىۋاتقان ئوتۇنچى بوۋاينى يىراقتىنلا كۆرۈپ ۋاقىرىدى.

-- بوۋا...

-- دەرۋىش بوۋا...

بۇ چاغ ئالتۇنرەڭ قۇياش غەرىپ تەرەپتىكى ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ ئېگىز ۋە ئۇچۇق چوقۇلىرىغا قونغان مەزگىل بولۇپ، قۇياشنىڭ ئۆچۈش ئالدىدىكى قىزغۇچ نۇرى ئاجىز پارلاپ تۇراتتى.

-- بوۋا ھېلىقىلا سىزنى ئۇردىمۇ؟ قان بولۇپ كېتىپسىزغۇ؟

بالىلار ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئەپتىگە شۈركۈنۈپ تۇرۇپ قارىغاچ سوراشتى.

-- ياق بالىلىرىم، ئۇلار ئۇرغان بولسا بۇ كەمگىچە ئۆزۈمنى ئۆلۈكلەرنىڭ قاتارىدا كۆرەردىم. ئۇلار مېنى ئەركىلىتىپ قويدى،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي بوش ئاۋازدا.

-- ئەركىلىتىپ قويدى؟

بالىلار ھەيرانلىق بىلەن ئوتۇنچى بوۋاينىڭ سۆزىنى تەكرارلاشتى.

-- ھەئە، ئەركىلىتىپ قويدى،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي بالىلارنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ.

-- ئۇنداق بولسا نېمانچە قان بولۇپ كەتتىڭىز بوۋا، ئۇلار سىزنى نېمىدە ئەركىلەتتى؟

بالىلار ئوتۇنچى بوۋايدىن يەنىمۇ ھەيران بولغان ھالدا سوراشتى.

-- نېمىدە بولاتتى بالىلىرىم، ئۇر توقماقتا،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي جاۋابەن.

-- ئۇر توقماق؟! ئۇ قانداق بۇۋا،-- دەپ سوراشتى بالىلار يەنە.

ئوتۇنچى بوۋاي بىر ئاز ۋاقىت جىمجىت ئولتۇرۇپ چوڭقۇر-چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى باشلىدى.

-- ئۇر توقماق، ئۇ قانداق توقماق بولاتتى بالىلىرىم. ئۇ مانا مۇشۇنداق تەگكەن يېرىدىن قان چىقىرىدىغان توقماق.

-- ئۇ ئەسكى توقماقنى ئاشۇ يامان ئادەملەر ئۆزى ياساپتىكەندە-ھە، بوۋا؟!-- سورىدى ئۇزۇن چاچ قىز.

-- ياق قىزىم ئۇنداق ئەمەس،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-- ئۇر توقماق ئادەملەرنىڭ ئەمەس بەلكى تەبىئەت ئاتا قىلغان مۆجىزىلەرنىڭ بىرى. بىز ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ دۇنيا بىر دانە كومىزەككە ئوخشايدۇ. كومىزەكنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقى بىر سىردۇر. بىز ئەنە شۇنداق سىر بىلەن تولغان دۇنيادا ياشايمىز. ئاشۇ سىرلارنىڭ ماھىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرشىمىز. لېكىن ئالەمنىڭ سىرى بۇنىڭ بىلەن تۈگەپ كەتمەيدۇ. قۇياش نېمە ئۈچۈن تۆت چاسا ياكى ياپىلاق ئەمەس؟ نېمە ئۈچۈن شەرىقتىنلا چىقىپ غەرىپتىن چىقمايدۇ؟ قوياش، ئاي، يۇلتۇزلار نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ؟ قۇشلار باھار ئىزدەپ ئۇچۇپ كېتىدىغان <<جەنۇپ>> زادى قەيەر؟... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىردۇر. دېمەك، ئۇر توقماقمۇ مانا شۇنداق سىرلارنىڭ بىرىدۇر.

-- ئۇنداقتا،-- دېدى قارامۇتۇق بالا،-- ھېلىقىلار نېمە ئۈچۈن سىزنى تۇتۇپ كېتىدۇ؟ ياكى چۆچەك سۆزلىدىڭ دەپمۇ، بۇۋا؟

-- ياق بالىلىرىم، بۇنىڭ ئۇزى قورسىقى ئاغرىق ئادەم تاۋۇز يېيىشتىن قورققاندەكلا بىر ئىش. قاراڭلار بالىلىرىم، بۇ يەرلەر ئەسلى ئاجايىپ گۈزەل بوستانلىق ئىدى. كېيىن يات ياۋلار بۇ يەرلەرنى بىزدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋىلىپ مانا مۇشۇنداق قاقاسلىققا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇلار بولسا ئەنە شۇ ياۋلارنىڭ ئەۋلادلىرى. بۇ زېمىن ئۇلارنىڭ بولمىغاچقا ئۇلار ھەر دائىم مۇشۇنداق ھەممىدىن گۇمانلىنىپ قورقۇپلا يۈرىدۇ. بۇ زېمىننى بىزنىڭ دېگۈچە خۇددى قىلتىرىق يۈتىۋالغاندەك بىر يەرلىرى مىڭ قېتىم سىقىرايدۇ. ئۇلار سۆلەت بىلەن يۈرگەن بىلەن ھەتتا بىر كېچىمۇ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇلار بۇ زېمىنغا دەككە- دۈككىدە تۇغۇلۇپ يەنە شۇنداق دەككە-دۈككىدە ياشاپ، ئاخىرىدا يەنە شۇ دەككە- دۈككىدە ئۆلىدۇ. قايسى بىر يىلى بىر چوڭ ئەمەلدار ئۆزىنىڭ بىر نەچچە چەۋەندازلىرى بىلەن مەيخورلۇق قىلىپ ئولتۇرسا ئاشپەز ئوتياش توغرايدىغان پىچىقىنى تۇتقان ھالدا ئۇلارنىڭ يېنىغا شۇنداقلا كىرسە چەۋەندازلارنىڭ قورقىندىن جان-پىنى چىقىپ ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە ئېتىپ دالدا ئىزدەپتۇ. مەي شېرەسىدە ھېلىقى ئەمەلدار بىلەن نەگە قېچىشىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ قالغان بىرلا چەۋەنداز قاپتۇ. ئەمەلدار بۇ تاسادبىي ۋەقەدىن ئەقىل تاپقاندەك بولۇپ، شۇ يەردىلا باشقا ھەممە چەۋاندازلارنىڭ تۆھپە-ئورۇنلىرىنى بىكار قىلىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي ئۆزى بىلەن مەي شىرەسىدە قالغان چەۋەندازنى ماختاپ شۇنداق دەپتۇ.

-- مەن مانا بۈگۈنلا تۇنۇپ يەتتىمىكى، سەنلا ھەقىقىي باھادىر بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنسەن. قىنى ئۆزۈڭ ئېيىتقىنكى، نېمە تەلەپ قىلساڭ مەڭگۈلۈك شاھ خاندانلىقىمىز نامىدىن ساڭا شۇنى بېرىمەن.

ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھېلىقى چەۋەنداز،

-- ئالىيىلىرى، مۈمكىن بولسا بىر تامبال بەرگەن بولسىڭىز ئالماشتۇرۋالسام، -- دەپتۇ بىر قولى بىلەن بۇرنىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

دېمەك ئۇلار بىر دەقىقىمۇ قورقۇنچتىن خالىي بولالمايدۇ.شۇڭا ئۇلار ئۇر توقماقنىڭ سېھىرىلىك كۈچىگە تايىنىپلا ياشايدۇ. دېمەك ئۇر توقماق كىمنىڭ قولدا بولسا شۇ ھەممىگە قادىر بولىدۇ.

بۇ چاغدا قۇياش ئۇپۇق قەسىرگاھىغا چۆكۈپ كۈلرەڭ گۇگۇم زېمىنغا ئۆزىنىڭ ئېتىكىنى يايماقتا ئىدى.

ئوتۇنچى بوۋاي سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئېشىكىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئېشەك سالپاڭ قولاقلىرىنى ئىككى يانغا پۇلاڭلاتقاچ ئوتۇنچى بوۋاينى پۇشقۇرىتىپ پۇراشقا باشلىدى.

-- بوۋا، ئەمدى كەتسىڭىز كەلمەمسىز؟

ئۇزۇن چاچ قىز ئالدىراپ سورىدى.

-- بىلگۈچى خۇدا، ئامان بولۇڭلار بالىلىرىم.

ئوتۇنچى بوۋاي ئېشىكىگە مىندى ۋە بالىلارغا خوش ئېيتقاچ ئېشىكىنى تىقىمداپ تۇرۇپ ماڭدۇردى.

-- خوش بوۋا!

-- بوۋا خوش!

بالىلار ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن چۈچۈك ئاۋازلىرى بىلەن خوش ئېيتىپ، توپا تۇزۇتۇپ كېتىۋاتقان ئوتۇنچى بوۋاينىڭ ئارقىسىدىن قۇشقاچ بالىلىرىدەك چۇقۇرىشىپ قالدى.

ئوتۇنچى بوۋايمۇ نېمە ئۈچۈندۇر كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا تاكى غايىب بولغانغا قەدەر پات-پات بىر خىل ئوتلۇق مېھرى بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغىنىچە يىراقلاپ كەتتى.

-- مومامنىڭ چۆچەكلىرىدە دەرۋىش بوۋامدەك ئېشەك بىلەن شەھەرمۇ شەھەر، يۇرتمۇ يۇرت، يېزىمۇ قىشلاق كېزىپ يۈرۈيدىغان بىر ئادەم بولغان ئىكەن،-- دېدى قارامۇتۇق بالا ئوتۇنچى بوۋاي ئۇزاپ كەتكەن يولدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ،-- ئۇ ئادەممۇ دەرۋىش بوۋامدەك نۇرغۇن-نۇرغۇن چۆچەكلەرنى، ئاجايىپ قىزىق گەپلەرنى بىلىدىكەن. يەنە ئۇ ئادەمنىڭ بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن كىچىك دوستلىرىمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئادەم جاھان ئەسكىلىشىپ كەتتى دەپ دەرت-ھەسرىتىنى ئېشىكىگە سۆزلەپ بېرىدىكەن. كىم بىلىدۇ ئاداشلار، ئۇ ئادەم مۇشۇ دەرۋىش بوۋامنىڭ دادىسى ياكى بوۋىسىمۇ تېخى؟ ئۇنداق بولمىسا دەرۋىش بوۋام ئۇ ئادەمگە نېمە دېگەن ئوخشايدۇ-ھە.

ئوتۇنچى بوۋاي ئاستا-ئاستا يىراقلاپ سۈكۈت ئىچىدە ئۈنسىز سوزلۇپ ياتقان قۇم- بارخانلار قوينىغا كىرىپ كەتتى. ئېشەك غەم ئاستىدا قالغاندەك قەدەملىرىنى ئېغىر-ئېغىر يۆتكەپ ماڭتتى. ئوتۇنچى بوۋاي ئېشەككە ھەدەپ سۆزلەيتتى.

-- راستلا ھازىر دۇنيا پادىشاھ بىلەن تولۇپ كەتتىمۇ  نېمە؟ بولۇپمۇ بىزگە ھەممىلا ئادەمنىڭ پادىشاھ بولۇپ باققۇسى كېلىدۇ دېسە.

ھوي سۆزۈمنى ئاڭلاۋاتامسەن سالپاڭ قولاق،-- دېدى ئوتۇنچى بوۋاي ئېشىكىنىڭ كۈلرەڭ تۈكىنى ئالقىنى بىلەن سىلاپ قويغاچ،-- دېسەم-دېمىسەم سېنىڭمۇ ھەرقاچان پادىشاھ بولۇپ بېقىش خىيالىڭ باردۇر-ھە؟! ھە، ئەلۋەتتە بار-دە! شۇغۇنىسى پادىشاھ بولىمەن دەپلا پادىشاھ بولىۋالغىلى بولمايدۇ-دە. بەزىدە شۇڭىمۇ ئويلاپ قالمەن، ھازىر بىزنىڭ بۇ زېمىندا پادىشاھ تۇغۇدىغان ئانىلار قالمىدىمىكىن-دەپ!

ناۋادا مەن ئادەملەرگە، سەن ئېشەكلەرگە پادىشاھ بولۇپ باقساڭ قانداق بولار ھە؟ ئۇ چاغدا سەن ھازىرقىدەك مىسىلداپ ئەمەس بەلكى سۆلەت بىلەن بېشىڭنى تىك تۇتۇپ، قەددىڭنى كېرىپ ھەيۋەت بىلەن يورغىلاپ مېڭىپ كېتەتتىڭدە.

مەنچۇ؟!... مەنمۇ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھازىرقىدەك بۇنداق شۈمشىيىپ ئەمەس بەلكى بايۋەتچىلەردەك سۆلەت بىلەن ئولتۇرۇپ كېتەتتىم-دە!

پاھ... پاھ... پاھ... پادىشاھنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ مىنىۋىلىش دېگەن نېمە دېگەن قىززىق-ھە؟!

كىم بىلدۇ، سېنىڭ بىرەر تەخەي-پەخەيلىرىڭ راستلا بىر كۈنلەردە ئېشەكلەرنىڭ پادىشاھسى بولۇپ قالامدۇ-تېخى! يىلان، ھەرە دېگەنلەرنىڭغۇ بۇرۇندىنلا پادىشاھلىرى بولارمىش. لېكىن ئېشەكلەرنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ بولغان-بولمىغانلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن. شۇنداقتىمۇ نېمە بولاتتى-ھە؟! پادىشاھلىق پەقەت بىر نەچچىلا مەۋجۇداتقا بەخشەندە بولمىغاندىن كېيىن.

پاھ... پاھ... پاھ... ئۇ چاغدا پادىشاھ بولالمىساڭمۇ پادىشاھنىڭ ئانىسى بولۇپ قالاتتىڭدە! ئۇ چاغدا ئىككىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۇنداق يۇرتمۇ - يۇرت قوغلىنىپ يۈرگىنىمىز يادىڭغا يېتىپ قالسا قۇيرىقىڭنىڭ ئاستىغا بىر نېمە كىرىۋالغاندەك چىچاڭشىپ-ھاڭراپ كېتىسەندە.

راست، سەنلا ئەمەس مەنمۇ چىچاڭشىپ كېتىمەندە! چۈنكى بۇ يەرلەر قانداقتۇر بىر ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان ياكى يەردىن ئۈنۈپ قالغان يەرلەر ئەمەس بەلكى بىز تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلەردە-بۇ! مەن ساڭا ئېيتسام سېنىڭ ئاناڭمۇ مۇشۇ زېمىندا تۇغۇلۇپ يەنە مۇشۇ زېمىندا ئۆلگەن. مانا ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ زېمىنىدىن ئۆزىمىز قوغلانساق راسلا چىچاڭشىپ كەتكۈدەك قورساق كۆپۈكى بولىدۇ-دە! يەنە كېلىپ سەن ئېشەكلەرنىڭ پادىشاھى مەن ئادەتتىكى ئوتاقچى دېھقان بولغان تەقدىردىمۇ سەن بەرىبىر ھايۋان، مەن يەنىلا ئادەم دە. لېكىن بۇنداق دېسەم كۆڭلۈڭگە ئالما جانۋىرىم، ھازىر دېگەن بەزى ئادەملەر سەندىنمۇ بەتەرلىشىپ كەتتى. بۇرۇنلاردا ئۇنداق ئادەملەرنى سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئىشەك دەپ تىللايتتۇق . ھازىر ئۇنداقلارنى سېنىڭ نامىڭ بىلەن تىللاشمۇ ھېچقانداق گەپ بولماي قالدى.

تۈفى، ئۇلارنىڭ ئادەملىكىگە! شۇڭىمۇ ھازىر ئۇنداقلارنى ساڭا تەڭ قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ. چۈنكى ئادەم بۇزۇلسا ھايۋاننى نەچچە قاتلايدۇ. ھەقىچان، ئۇ قانداق ئىشتى دەپ سورىغۇڭ باردۇرغۇ سېنىڭ؟ ماقۇل، ساڭا سۆزلەپ بېرەي. بۇ ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىش. ئۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئاناڭنى مىنىپ، شەھەر-سەھرالارنى كېزىپ يۈرەتتىم. ئاناڭمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاش ئېغىر بېسىق كەم سۆز ئېشەك ئىدى.

نېمە بېشىڭنى كۆتۈرىسەنغۇ؟ ھەيران بولۋاتامسەن نېمە؟ بۇ دېگىنىم، ئاناڭنىمۇ ساڭا ئوخشاش كەلسە-كەلمەس ھاڭرىمايتتى دېگىنىم. ئۇ چاغلاردا شەھەردىن قوغلىنىش دېگەن نەدىكى گەپ دەيسەن. دېسەم ئىشەنمەيسەن، ئۇ چاغلاردا ئاناڭ ئىككىمىز نەچچە قېتىم شاھلىق ئوردىغمۇ كىرىپ كەتكەن كۈنلەر بولغان. لېكىن كېيىن ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كاللىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ قانداق، پادىشاھنى ئالماشتۇرۇش خىيالىغا كېلىپ قالدى. ھەممە پاجىئە ئەنە شۇ پادىشاھ ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىقتى. يېڭى پادىشاھنى مەڭگۈلۈك شاھ دەپ ئاڭلىدىم. مەن ئۇنى ئالۋاستى شاھمىكىن دەيمەن. چۈنكى ئۇ ئوردىدىن تارتىپ شەھەر-سەھراغا قەدەر ھەممىلا يەرنى قان دېڭىزغا ئايلاندۇرىۋەتتى. ھەتتا ئۇ پادىشاھ ئالماشتۇرغۇچىلارنىمۇ ئامان قويمىدى. جەسەت ئىگىلىرىدىن جەسەتلەر كۆپۈيۈپ كەتتى. كېيىكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن، دەپ جان چىقىپ بولغاندا ئەستەغپۇراللانىڭ نېمە كېرىكى. شۇڭا دەيمەن، ئۇلارنى سېنىڭ نامىڭ بىلەن تىللاشمۇ ھېچ گەپ ئەمەس دەپ. كىم بىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سەنلەر بىر-بىرىڭلارنى بىزنىڭ نامىمىز بىلەن تىللايدىغان بولىۋېلشتىڭلارمۇ تېخى؟!

ئوتۇنچى بوۋاي يولىنى داۋاملاشتۇرغاچ سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى. بۇ چاغدا تۈن پەردىسى چۆللۈككە تولۇق تارتىلغان بولۇپ، كۈندۈزدىكى تىنىجىق ئىسسىق ھاۋا بېسىلىپ ئەتراپتىن راھەتبەخىش چۆل شامىلى كېلىۋاتاتتى. ئون بەش كۈنلۈك تولۇن ئاي خۇددى يۈزىدىكى كۈلرەڭ داغلاردىن نومۇس قىلغاندەك سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ بىر چېتىدىن لەرزان لەيلەپ كەلمەكتە ئىدى.

-- قارا جانۋىرىم، نېمە دېگەن تېنىچ ۋە گۈزەل كېچە بۇ. خۇددى ھېچ يەردە زورلۇ-زولۇم، قان-ياش يوقدەكلا. ئاڭلىسام ياتلار بۇ قۇم باياۋاننى ئۆلۈم ئازگىلى دەيمىش. مانا بىز قەدىم زامانلاردىن بۇيان مانا مۇشۇ ئۆلۈم ئازگىلىدا ياشاپ كەلدۇق. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ يەنە تېخى ئۇلار بۇ يەرلەردىن ئالتۇن-كۈمۈش كولامىش، خۇددى ئانىسى بىلەن دادىسىنىڭ بۇ يەرگە كۆمۈپ قويغان ئالتۇنلىرى باردەك.

ھوي... ئالتۇننىڭ گېپى چىقسا بىر ئىش يادىمدىن كېچىۋاتىدۇ. شۇ تاپتا ساڭىغۇ بىر تاغار ئالتۇندىن بىر باغلام بېدە ئەۋزەل، شۇنداق بولسىمۇ ئاڭلاپ قوي. بىر-ئىككى ئېغىز گەپنى ئارتۇق ئاڭلاپ قويغاننىڭ ھېچ زىيىنى يوق.

قايسىدۇر بىر يىلى، ھە راست ، ھېلىقى سەن ئاغرىپ نەچچە كۈن يېتىپ قالغان يېلى مۇشۇ باياۋاندا ئۆزۈم يالغۇز كېتىۋاتارتتىم. توساتتىن كۆزلىرىم ۋال-ۋۇل، پال-پۇل قىلىپ كەتمەسما، زەن سېلىپ قارسام نەچچە يۈز تال زىقچە ئالتۇن قۇم ئۈستىدە چېچىلىپ يېتىپتۇ. ھەربىر تال ئالتۇندا بىر قۇياش چاقناپ تۇرغىدەك كۆردۈم. ئالتۇنلارغا قاراپ قانچە ۋاقت تۇرغىنىمنى بىلمىدىم. ئالتۇنلار شۇ قەدەر پاقىراق ئىكەنكى، تېخى بىرەر ئادەمزاتنىڭ قولىغا چۈشۈپ باقمىغاندەكلا ئىدى. كېيىن ھېچ بىر ئىككىلىنىپ تۇرماستىنلا ئالتۇنلارنى قۇم ئاستىغا چوڭقۇر كۆمىۋەتتىم. چۈنكى شۇنچە كۆپ ئالتۇنلارنى نەگە ئېلىپ كېتەتتىم؟ ياكى مەڭگۈلۈك شاھ دېگەن ئاشۇ ئىككى پۇتلۇق ئادەمسىياق ئالۋاستىنىڭ بازىرىغا ئېلىپ باراتتىممۇ؟ شۇڭا دەيمەن جانۋىرىم، ئەسقەتمايدىغان بايلىقنى بىكاردىن-بىكار كۆتۈرۈپ يۈرۈپ نېمە قىلىمەن. كېرىكى بار تاشنىڭ ئېغىرى بولمىغىنى بىلەن كېرىكى يوق بايلىقنىڭ ئېغىرى بولدىكەن ئەمەسمۇ؟

قېنى، ئىلدام-ئىلدام ماڭە جانۋىرىم، قەيەرگە دەمسەن؟ قەيەرگە بولاتتى، سەرۋىنىڭ يېنىغا. ئۇ ئايگۈزەلنىڭ مەندىكى ئامانتى. ئەمدى شەھەر-سەھرالارنى كېزىشتىن شەھەر- سەھرالارغا قوغلىنىشقا باشلىغان ئوخشايمىز. تېخى مۇشۇنداق جاھان كېزىپ يۈرۈپ، ھېلىقى قانلىق قىرغىنچىلىقتا غايىپ بولۇپ كەتكەن ئۇلۇغ سەركەردىمىزنىڭ خاس قوغدۇغۇچىسى قۇتبەگ بىلەن دىدارلىشىپ قالامدۇق تېخى. ئېھتىمال ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش سەرسان بولۇپ يۈرگەندۇر ھەرقاچان. بەلكىم ھازىر ئۇ مېنى تونىيالماي قالار، لېكىن مەن ئۇنى بىر كۆرۈپلا تونىۋالمەن. ئېھتىمال ئۇ ھازىر كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان بەرنا يىگىتكە ئايلىنىپمۇ كەتكەندۇر، چوقۇم شۇنداق بولدى. بىزنىڭ سەرۋىمۇ چوپ - چوڭلا قىز بولۇپ قالدى ئەمەسمۇ؟ ناۋادا ئايگۈزەل ھايات بولغان بولسا...

ئېسىڭدىمۇ جانۋىرىم، مەن ساڭا سۆزلەپ بەرگەن شەيتان ئارالدىكى، چۆلبۇلاقتىكى قانلىق قىرغىنچىلىقلار. ئاشۇ مۇدھىش چاغلار خىيالىمغا كەلسە تىنىم ھازىرمۇ شۈركىندۇ. ئايگۈزەلنىڭ <<سەۋرى>> دەپ تۇرۇپ جان تەسلىم قىلغانلىقى كۆز ئالدىمدىن مەڭگۈ يۈتمەيدىغان ئوخشايدۇ. ئېھتىمال ئۇنىڭ نۇرغۇن گەپ-سۆزلىرى بار بولغىتتى. بىراق بىرنىمۇ دېيەلمەي ئارمان بىلەن كۆزى ئوچۇقلا كەتتى. ئۇ بىزنىڭ قەۋم ئۈچۈن جېنىدىن ئايرىلدى.  شۇنداق جاھان ئىكەن بۇ. كېلىدىكەنمىز-كېتىدىكەنمىز. لېكىن بىر كېلىپ بىر كەتكەنچە كۆرمىگنى كۆرىدىكەنمىز. ئەمدى سەرۋىنمۇ ئۆزىمىز بىلەن بىرگە ئېلىۋىلىپ يىراق-يىراقلارغا بارايلى. جاھان كەزگەچ يەنە داۋاملىق قۇتبەگنى ئىزدەيلى. ئۇ چوقۇم شەھىرىۋەتەن ئۈچۈن باش سانغۇن بولالايدۇ. بەلكىم سەنمۇ ئويلاپ يەتكەنسەن، باش دېگەن ئۇلۇغ نەرسە دەپ. ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭگە قاراپ باقمامسەن، بېشىڭ بولمىسا تۆت پۇتۇڭ نېمىگە يارايدىكىن. خۇدا بۇيرىسا <<ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت>> دەپ بىزگىمۇ بىر نۆۋەت-بۇيرۇق كېلەر. ئۇلۇغ كىتاپلاردىمۇ:

قۇملارنىڭ تەكتىدە بۇ ئەلنىڭ بەختى،

قانلارنىڭ ئەۋجىدە بۇ ئەلنىڭ تەختى.

بارخانلار قوينىدا كىشنەيدۇ تۇلپار،

قىلىچقا يەتكەندە بۇ ئەلنىڭ ئاھى.

دەپ پۈتۈلگەندۇر. چۈنكى ياراتقۇچىنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن ئەمەسمۇ؟

پاھ... پاھ... پاھ... ئەجەپمۇ جىمىپ كەتتىڭغۇ جانۋار، سۆزلىگەنلىرىم قۇلىقىڭغا ناخشىدەك ئاڭلىنىۋاتامدۇ-نېمە؟ بولدى-بولدى، تولا سۆزلەپ ئۇسساپمۇ كەتتىم. ئەمدى مېڭىشىمىزنى بىلەيلىيا. خىت-چۇ!

ئوتۇنچى بوۋاي شۇنداق دەپلا پۇتى بىلەن ئېشىكىنى تىقىمداپ قويىۋىدى، ئېشەك تۈن قوينىدا سوكۇلداپ ماڭغىنىچە بىر پەستىلا كۆزدىن غايىب بولدى.
[ ئۈمۈديارتەرىپىدىن2011-02-18 17:29قايتا تەھرىرلەندى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+20(ئۈمۈديار) تەغدىرلەشكە ..
  • ھەسرەت ئىچىدە سېنى كۈيلەيمەن!
    دوستلىشىش
    ئىمتىھان399
    بوزقىر ئەركىسى
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 181
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
    تۆھپىسى: 61
    پۇلى: 348 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 92
    ياخشى باھا: 288
    توردا: 23(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-02-01
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 00:48

    رومان نەشىردىن چىقتىمۇ ؟
    نەشىردىن چىققان بولسا سېتىۋېلىپ ئوقۇيلى.
    روماننىڭ ئىسمى« قۇم قەلئە» مۇ ؟
    دوستلىشىش
    ئىمتىھان399
    بوزقىر ئەركىسى
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 181
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
    تۆھپىسى: 61
    پۇلى: 348 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 92
    ياخشى باھا: 288
    توردا: 23(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-02-01
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 20:31

    سۇئالىم جاۋابسىز قاپتىغۇ؟

    نەشىردىن چىقتىمۇ ،كۆكبورە ئەپەندىم ؟
    hasrat iqida seni kuylayman...
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 209
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
    تۆھپىسى: 51
    پۇلى: 402 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 82
    ياخشى باھا: 305
    توردا: 17(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-01-31
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 20:41

    نەشردىن چىقمىدى، يېڭىلا قولۇمدىن چىققان تېخى. ئاڭلىسام يەتتە ئۆلچەم بىر كېسىۋاتقانمىش...
    ھەسرەت ئىچىدە سېنى كۈيلەيمەن!
    دوستلىشىش
    ئىمتىھان399
    بوزقىر ئەركىسى
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 181
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە181دانە
    تۆھپىسى: 61
    پۇلى: 348 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 92
    ياخشى باھا: 288
    توردا: 23(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2012-02-01
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 21:01

    چچ رىمغا ئەۋەتىپ بىرىڭە، ئوقۇغاچ تۇراي.
    دوستلىشىش
    قۇمبۇلاق
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 123
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە123دانە
    تۆھپىسى: 8
    پۇلى: 150 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 33
    ياخشى باھا: 140
    توردا: 35(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2011-10-05
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-18 23:36

    كۆچۈرۋالدىم ، كېيىن ئېلكىتاپقا ئايلاندۇرۇپ تېلفۇنۇمدا ئوقۇي ، دەششەت ئۇزاقكەن بۇ رومان ، بۇ خەتلەرنى قانچىلىك ۋاقىتتا بېسىپ بولغانسىز ؟
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 27
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 31
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
    تۆھپىسى: 3
    پۇلى: 37 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 6
    ياخشى باھا: 37
    توردا: 3(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-18
    ئاخىرقى: 2011-09-13
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-19 00:14

    ئېلكىتاپقا ئايلاندۇرۇش يۇمشاق دىتالىنى يوللاپ قويسىڭىز بىزمۇ پايدىلانساق  بوپتىكەن، ئىلتماس
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 54
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 14
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
    تۆھپىسى: 5
    پۇلى: 24 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 10
    ياخشى باھا: 24
    توردا: 5(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-27
    ئاخىرقى: 2011-08-17
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-02-27 13:37

    رومانغا مۇبارەك
    دوستلىشىش
    مەستانە
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 248
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 1 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 1
    توردا: 0(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-25
    ئاخىرقى: 2011-03-25
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 18:03

    مۇبارەك بولسۇن! رومانىڭىزنىڭ باڭدۇرراق نەشىردىن چىقىشىنى تىلەيمىز!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 251
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 3 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 3
    توردا: 0(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-03-25
    ئاخىرقى: 2011-04-13
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 19:32

    قارىغاندائىسىل رومان بوپتۇ؛روماننىڭ ئۆلچەپ كىسىشلەردىن ئامان-ئىسەن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى تىلەيمەن!