ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 325 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى ـــــ تاتاتوڭا
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-25 12:12

ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى ـــــ تاتاتوڭا

تاتاتوڭا

  ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ 13 - ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﻮﻝ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ موﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪشھﯘﺭ ﺯﺍﺗﺘﯘﺭ .

«ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» 124 - ﺟﯩﻠﺪ «  ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭجىمھﺎﻟﻰ» ﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﺪﯨﻦ ئىشتىياق ﺑﺎﻏﻼﭖ، ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ موﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ . «توڭا» ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ« ﺑﺎﺗﯘﺭ ، ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯜﭼﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ، ﻣﻮﻝ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻣﻪسلىھﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯚھﯜﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺗﺎﻳﺎﻧﺨﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﮕﻪﻥ، ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ «ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» «ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭجىمھﺎﻟﻰ» ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺑﺎﺭ : « ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﯗﺭ، ﺋﺎﻗﯩﻞ، ﻧﺎﺗﯩﻖ، ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﺎﻳﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯚھﯜﺭ ﯞﻩ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ».
    ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ موﯕﻐﯘﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﻧﺎﻳﻤﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﻣﯚھﯜﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ قېچىپ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ : « ﺗﺎﻳﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻰ، ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻟﺪﻯ، ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ : «ﻣﯚھۆﺭﻧﻰ ﺋﯚلگۈچە ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﻤﻪﻥ ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ھﻪﻗﻘﯩﻢ ﻳﻮﻕ ! » ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍب ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﯚھﯜﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ : « ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ ؟ » ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ : « ﭘﯘﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯩﺮﯨﻢ - ﭼﯩﻘﯩﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ھﻪﻡ ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﭘﯜﺗﯜﻛﻜﻪ ﻣﯚھﯜﺭ ﺑﺎﺳﻤﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ » ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍب ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﮕﻪ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎھﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻛﻼ ﺗﺎﻣﻐﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﺩﯨﻦ : « ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ-ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ » ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ : «ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍب ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻏﺎ موﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎھﺰﺍﺩﻩ، ﺑﻪﮔﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘھﯩﻢ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯘ موﯕﻐﯘﻝ ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﻪﮔﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ، موﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﭖ، موﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻫﻪﺗﺘﺎ موﯕﻐﯘﻝ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻕ ﯞﻩﺯﯨﺮ - ﯞﯗﺯﺭﺍﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ « ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ» ﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
    ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ھﯚﺟﺠﻪﺕ-ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﻪھﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯚھﯜﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ .
    ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ موﯕﻐﯘﻝ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺶ. ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ موﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺵ، موﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺵ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﺎﻣﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﺸﯘﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﺘﯘﺭ . ﺗﺎﺗﺎتوﯕﺎ ﻳﯜﻩﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﯚھﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ موﯕﻐﯘﻝ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺴﺘﯘﺭ.(ئۆمەرجان سىدىق)

     موڭغۇللار دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يېزىق ئىشلەتكەن . بۇ يېزىق دەل «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» ئىدى . «جۇڭگو بۈيۈك ئىنسىكلوپېدىيىسى، جوڭگو تارىخى» تومىدا مۇنداق يازغان : «ئۇيغۇرلار ناھايتى بۇرۇنلا ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىنى ئىشلەتكەن . ئۇيغۇر زىيالىلىرى دائىم باشقا مىللەت ھۆكۈمدارلىرى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن . مەسىلەن: تاتاتۇڭا(塔塔统阿) نايمان خانى تاياڭخان (كۈنخان) تەرىپىدىن ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىنىپ ، ئاقچا ۋە ئاشلىق كىرىم-چىقىم قىلغاندا مۆھۈرىنى باسقان . كېيىن چىڭگىزخاننىڭ يارلىقىغا بىنائەن شاھزادىلەرنى تەربىيەلەش ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان .»  

     موڭغۇللارغا يېزىقنى ئەنە شۇ مەشھۇر سىياسىئون ، تىلشۇناس تاتاتوڭا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىپ بەرگەن . سڭوليەن (1310----1381) تەرىپىدىن يېزىلغان «يۈەننامە ، تاتاتوڭا تەزكىرىسى» دە بۇ ۋەقە تەپسىلىي خاتىرلەنگەن : مىلادىيە 1204-يىلى چىڭگىزخان ئالتاي ۋادىسىدا تۇرۇۋاتقان تايمانلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن نايمان خانى تاياڭخاننىڭ ئوردىسىدا مۆھۈردارلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىدىن بولغان تاتاتوڭانى تۇتۇۋالغان . تاتاتوڭا زېرەك ، سۆزمەن ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ يېزىقىغا ئۇستا بولغاچقا ، نايمان خانى ئۇنى ئۇستاز تۇتقان ھەمدە ئۇنىڭغا ئالتۇن تامغا تۇتۇش ، پۇل ، ئاشلىق باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغانىدى . چىڭگىزخان نايماننى مۇنقەرز قىلغاندا ، تاتاتوڭا تامغىنى ئېلىپ قاچقان . ئۇ تۇتۇۋېلىنغاندا ، چىڭگىزخان ئۇنىڭدىن :«تاياڭخاننىڭ پۇقرالىرى ھەم زېمىنى پۈتۈنلەي ماڭا مەنسۇپ بولدى . تامغىنى ئېلىپ نېمە قىلماقچىدىڭ » دەپ سورىغان . تاتاتۇڭا :«تاياڭخاننى تېپىپ بۇنى ئۆزىگە قايتۇرماقچىمەن ، باشقا غەرىزىم يوق » دەپ جاۋاب بەرگەن . چىڭگىزخان :«دىيانەتلىك ، ۋاپادار ئادەم ئىكەنسەن» دېگەن . ئاندىن : «تامغىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟» دەپ سورىغان . ئۇ : «پۇل ۋە ئاشلىقنى چىقىم قىلغاندا ، كىشىلەرنى خىزمەتكە تەيىنلىگەندە ھەم باشقا ھەممە ئىشتا ئىناۋەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ » دەپ جاۋاب بەرگەن . تاتاتوڭا چىڭگىزخاننىڭ دىتىغا يېقىپ قالغان ھەم ئۇنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موڭغۇللاردا پەرمان ۋە يارلىقلارغا تامغا ئىشلىتىش باشلانغان . چىڭگىزخان تامغىنى يەنىلا تاتاتوڭاغا تۇتقۇزغان . چىڭگىزخان يەنە پەرمان چىقىرىپ تاتاتوڭانى شاھزادە-ۋاڭلارغا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە ، ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇل تىلىنى يېزىشقا بۇيرۇغان .  
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ موڭغۇللار «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى» نى ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان . تاتاتوڭا دۇنيا يېزىق تارىخىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى . ئۇنىڭ نامى ۋە تۆھپىسى كىتاب-نامىلەردە تەكرار-تەكرار تىلغا ئېلىنغان .   (غەيرەتجان ئوسمان)  
مەنبە:(خۇشدىل مۇنبىرى)
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-25 12:25

ئىلىم _ ھەممە ھۈنەرنىڭ تاجى-بىباھا،
ئىلىم-ھەممە قۇلۇپنىڭ ئاچقۇچى- ئەلا.
                         _ ئابدۇراخمان جامىي
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-25 14:20

زەڭ سېلىپ قارايدىغان بولساق قەدىمقى ئۇيغۇر يىزىقى«ھازىرقى مۇڭغۇل يىزىقى»نىڭ قۇرلۇش جەھەتتە بولسۇن ياكى سىغىم جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى ئىخچام ھەم مەزمۇنى يىغىنچاق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز . مەن نەچچە يەردە سىلىشتۇرۇپ باقتىم ، مۇڭغۇل يىزىقىدىكى بىر بۈلۈك خەتنىڭ ، خەنزۇ تىلىدا بولسۇن ياكى ئەرەپلەرگە ئىستىلا بولغان ھازىرقى ئۇيغۇر يىزىقىدا بولسۇن ، ئىپادىلىنىش مەزمۇنى جەھەتتە ناھايىتى ئاز ھەم ساز ئىكەن ... شۇ دەقىقىلەردە  بۇ بۈيۈك پىشىۋايمىز تاتاتۇڭا ھەزىرەتلىرىگە ئاپىرىن ئۇقۇماي تۇرالمىدىم .

ھەي مۇشۇنداق ئۇلۇغلىرىمىز مۇشۇ كۈندە بولسا 3-4ئايلىق كۇرىسىدا ئۇقۇۋالساق ھە!
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-25 15:02

ھازىر مۇشۇ قەدىمى يىزىقىمىزنى بىلدىغانلار قانچىلىكتۇ؟ ياكى يىزىقىمىز تارىخىنى تەتقىق قىلۋاتقان تارىخ شۇناسلار بىلەن چەكلىنەمدىغاندۇ؟
خەلقېم مەن بىلەن
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-25 17:32

ئۇيغۇر مەشھۇرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ زات بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خۇرسەنمەن. ئەجرىڭىزگە رەخمەت .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-28 20:19

مەشھۇرلىرىڭ جىق خەلقىم،
باتۇرلىرىڭ كۆپ خەلقىم.
ئۇ داڭدارلا يوققۇ-ئاھ!
ئۆتمۈش خۇمار پاھ،خەلقىم!
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-08-02 16:07قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-29 15:23

مەشھۇرلىرىم جىق خەلقىم،
ئۇلار ئەتە يوق بەلكىم.
مىللەت ئۇچۇن تىرىشمىساق،
كەلگۇسىمىز يوق باغرىم.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-30 20:00

ئاللا ساقلىسۇن...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 732
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
تۆھپىسى: 53
پۇلى: 366 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 86
ياخشى باھا: 306
توردا: 39(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-07-03
ئاخىرقى: 2012-11-16
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-08-03 01:04

بۇ ئالىمىمىز مۇڭغۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىشىشىدە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ....ئەزەلدىن يېزىقى يوق مۇڭغۇللار ئۇنىڭ تىرشچانلىقى بىلەن يېزىق دەۋرىگە قەدەم قويعان ...بۇنىڭ نەتىجىسىدە <<مۇڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى >>دېگەندەك مەشھۇر كىتاپلار روياپقا چىققان