ئۇلار تېخى كۈلكىدىن توختىمىغانىدى...
(ھېكايە)
ئەخەت ھاشىم
مودا كىيىنگەن بىر جۇپ قىز-يېگىت چوڭ كوچىدا بىر-بىرى بىلەن قولتۇقلۇشۇپ بەھۇزۇر كېتىشىپ باراتتى.ئۇلار گويا كوچىدا ئۆزلىرىدىن بۆلەك ھېچكىم كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان غىلجىڭلىقلارنىمۇ قىلىشىپ قوياتتى.
چۈشتىكى ئاپتاپنىڭ ئاجىز تەپتىدە ئازراقلا ئېرىگەن قار-مۇزلار كۈن تاغ كەينىگە مۆككەندىن كېيىن يەنى باشقىدىنلا قېتىشىپ يول بەئەينى ئەينەكتەك سىلىق بولۇپ كەتكەنىدى.كىشلەر تام ياقىلاپ ئارانلا ماڭاتتى.
مودا كىيىنگەن بۇ قىز-يىگىتتىن 15.20قەدەم ئالدىدا كېتىپ بارغان بىر بوۋاي شۇنچە ئاۋايلاپ مېڭىۋاتقىنىغا قارىماي ئۇشتۇمتۇت تېيىلىپ كېتىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى،قىز-يېگىت ناھايىتى قىززىق بىر ئويۇن كۆرگىنىدەك <<ھا ھا ھا ھى-ھى-ھى>>قىلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى.بىچارە بوۋاي ئورۇنىدىن تۇرماقچى بولۇپ،قوللىرى بىلەن يەرنى تىرەپ ئاستا ئورىنىدىن قوپتى.قانداق بولدى يەنى يىقىلىپ زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى.بېشىدىن چۈشۈپ كەتكەن قۇلاقچىسى دومىلىغان پېتى ئېرىق بويىغا كېلىپ توختىدى.قىز بىلەن يىگىت تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈشۈپ كەتتى.كۈلگەندىمۇ بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ تېلىقىپ كۈلۈشتى.شۇ ئەسنادا قاياقتىندۇر پەيدا بولغان ئىككى ئايال بوۋاينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ
قويدى ۋە يەردىكى قۇلاقچىسىنى ئەكىلىپ بەردى.بوۋاي ئۇلارغا رەھمەت ئېيىتىپ قۇلاقچىسىنى باستۇرۇپ كىيگەندىن
كېيىن،تېخىچە توختىماي كۈلىشىۋاتقان قىز-يېگىتكە قاراپ قويۇپ بىر تار كوچىغا كىرىپ كەتتى.
قىز-يېگىت تېخى كۈلكىدىن توختىمىغانىدى،ئۇشتۇمتۇت ئىككىسى تەڭلا يىقىلدى،يىقىلغاندىمۇ ناھايىتى سەت يىقىلدى،قىز يېگىتنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنىدى.قىزنىڭ سۆسۈن رەڭلىك گۈل قادالغانچىرايلىق شىلەپىسى خېلى يىراققا دومۇلاپ كەتتى.بۇنداق بولۇشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان قىز ئىزا تارتقىنىدىن ئەتىراپىغا بىر قارىۋېتىپ تەستە ئورۇنىدىن تۇردى.ئۇنىڭ ئاپئاق نازۇك قوللىرى مەينەتلىشىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنىدى.ھېلىمۇ تەلىيى بارىكەن بىر يېرى زەخمىلەنمەپتۇ.ئۇ ئورۇنىدىن تۇرۇپ يېگىتنىڭ قولىدىن ئاستا تارتتى؛_تۇرمامسىز.ئۆلغكتەكلا ياتىسىزغۇ؟ _ ۋايجان،ۋاي بېلىم... _ چىرايى بىرقىسىملا كۆكۈرۈپ قارىغا ئايلىنىپ كەتكەن يىگىت ئاران-ئاران پىچىرلىدى.ئۇنىڭ پىشانىسىدىن غۇززىدە سوغۇق تەر چىقىپ كەتكەنىدى.<<مېنى قورقۇتماقچى بولۇپ قەستەن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ>>دەپ چۈشۈنۈپ قالغان قىز ئۇنى سىلكىشلەپ ئەركىلىگەن تەلەپپۇزدا؛ _ ئوھوي،تۇرمامدىكىنە،
نېمە سەتلىشىپ ياتىدىغاندۇ،-دېدى-دە،يەنە يۆلىمەكچى بولدى،لېكىن يىگىت راستلا مىدىر-سىدىر قىلالمىدى.قىز چۆچۈپ كېتىپ يېقىن كېلىپ قالغان بىر تاكسىنى توستى،شوپۇرمۇ قىزغا يارىدەملىشىپ يەردە ياتقان يىگىتنى يۆلىمەكچى بولىۋېدى،يىگىت يەنە قورقۇنچۇلۇق ئىڭراپ كەتتى.ئاڭغىچە يەنە ئىككى-ئۈچ يولۇچى كېلىپ شوپۇرغا يارىدەملەشتىۋە يىگىتنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭرىشىغا قاراپ تۇرماي،ئاۋايلاپ تاكسىغا سېلىشتى،يىگىت شۇ ھامان ھوشىدىن كەتتى...
_ قارىغاندا بىر يېرى سۇنغان ئوخشايدۇ-جۇمۇ؟ - دېدى،ئۇلاردىن بىرى. _ شۇنداقتەك تۇرىدۇ،قول-پۇت سۇنسىمۇ ساقىيىدۇ،مىدىر-سىدىر قىلالمايۋاتقىنىغا قارىغاندا مېلى ياكى ئومرۇتقىسى سۇنغان ئوخشايدۇ.
ئۇلار ۈتاكسىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قېلىشتى.
مەنبە؛<<شىنجاڭ گېزىتى>>1999.5.9