ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 294 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار (4)
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-20 12:20

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار (4)

پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق-ئۇيغۇرلار (4)





نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)





4)     پەرغانە ۋادىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپى ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ  گۈللىنىشىدىن  يوقىلىشىغىچە




1921-1930-يىللىرىغىچە  بولغان  ئارىلىق   سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ  مىللىي جۇمھۇرىيەتلىك ئاپتونومىيە  ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئايرىم مىللىي كىملىكىنىڭ تىكلىنىش ۋە  راۋاجلىنىش دەۋرىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىمۇ بارغانسېرى تىكلىنىش ۋە راۋاجلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلار ئارىسىدىكى بۇرۇنقى قەشقەرلىك ۋە تارانچى دېگەن ئىككى گۇرۇپپا بويىچە بىر-بىرىنى ئايرىش خاھىشلىرى بارغانسېرى  تۈگەپ، ئورتاق ئۇيغۇر نامى ئاستىدىكى مىللىي كىملىك روھى  كۈچەيدى.   1922-1923-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە ئۇيغۇر ياش زىيالىيلىرىنىڭ  تۇنجى نەشىر ئەپكارى << ياش ئۇيغۇر >> جۇرنىلى نەشىر قىلىندى.



1920-يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاشكەنتكە توپلانغان بولۇپ، 1923-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىلا 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش موسكۋا، تاشكەنت، باكۇ، لېنىنگراد ، سەمەرقەنت ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقىدۇ.  بۇلارنىڭ ئىچىدە تاشكەنت ئەڭ مۇھىم بولۇپ، ئاز مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى بىلەن  تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىلىم دەرگاھىغا ئايلاندى. بۇ ئورۇنلادا كۆپلىگەن زىيالىيلار تەربىيىلىنىپ  چىقتى. 20-30-يىللاردا تاشكەنت پەقەت ئۆزبەكىستاننىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت -مائارىپ مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ،  ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي  ، ئەمما مەدەنىيەت جەھەتتە ئالدىدا ماڭغان خەلققە ئايلانغان ئىدى.



1930-يىللاردا  پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر قايسى تۇركىي خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ئىدىيىسىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، 1937-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە  ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 61 مىڭغا يەتتى. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئەنجان ئوبلاستىدىكى  ئۇيغۇرلار  30 مىڭ 757 نەپەر دەپ تىزىمغا ئېلىندى.



پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئۆزلىرىنى  ئۇزۇندىن بۇيان  قەشقەرلىك  كىملىكى بىلەن  ئاتاپ كەلگەن   يەنە كۆپ ساندىكى كىشىلەر  ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى  ئۆزبېك دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بولسىمۇ  لېكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى 1930-يىللاردا ئۆز كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.  1930-يىلىدىن كېيىن تارانچى -قەشقەرلىك ئايرىمىچىلىقىغا   چەك قويۇلغاندىن كېيىن، ئەنجان ۋە تاشكەنت سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ  مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ،  1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 ئۇيغۇر كولخوزى مەۋجۇت بولدى. ئۇيغۇر تىلىدا  باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئېچىلدى.  ئەنجاندا  پېداگوگىكا تېخنىكومى قۇرۇلغان بولۇپ، 5000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇدى. شۇنىڭدەك يەنە ئەنجاندا 1935-يىلى، ئۇيغۇر  دراما تىياتىرى قۇرۇلدى.   باشتا  فرۇنزىدا ( ھازىرقى بىشكەكتە) << قۇتۇلۇش>> گېزىتى چىققان  بولسا، كېيىن بۇ گېزىت << كۈن چىقىش ھەقىقىتى>> نامىغا ئۆزگەرتىلىپ، تاشكەنتكە يۆتكىلىپ،<< شەرق ھەقىقىتى>> دېگەن نامدا چىقتى ھەمدە 1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا   گېزىتنىڭ تىرازھى 5 مىڭدىن ئاشتى.  تاشكەنتتىكى بۇ گېزىت ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىدىكى  تىرازھى ئەڭ كۆپ گېزىت  ھەمدە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى ئىدى.  شۇنىڭدەك يەنە تاشكەنتتە ئۇيگۇر تىلىدا  دۆلەتلىك  نەشىرىيات ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىپ، مائارىپ نەشىرىياتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر بۆلۇمى  ئۇيغۇر تىلىدا  قازاقىستان، ئۆزبەكىستان  ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر  باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى باستى. بۇ ۋاقىتتا،  ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تاشكەنتتە توپلانغان ئىدى.   تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى،  سەمەرقەند يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتى، پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى،  ماركىسىزم -لېنىنىزم ئىنىستىتۇتى قاتارلىق تۈرلۈك ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمەت قىلدى.  ئۇيغۇر  يازغۇچى ئەدىبلىرىدىن  ئۆمەر مۇھەممەدى(1906-1931 ، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى(1901-1937)، ھېزىم ئىسكەندىروف(1906-197) ، تۇردى ھەسەنوف(1909-1937)،  نۇر ئىسرائىلوف(1910-1953)، مۆمىن ھەمرايېف(1907-1955)، تۇردى ھەسەنوف (1912-1937)ۋە  باشقىلارنىڭ كىتابلىرى تاشكەنتتە نەشىر قىلىندى.  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان مۆمىن ھەمرايېفنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولۇپ،   << دولقۇنلار ئارىسىدا >> دەپ ئاتالغان   ئەسەر 1934-يىلى تاشكەنتتە  نەشىر قىلىنغان ئىدى[86].  1930-1937-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنتتە  ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ رومان ، پوۋېستلىرى، دراما ۋە شەئىرلار توپلاملىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. 1931-يىلى بولسا ئالمۇتىدا ئايلىق << قىزىل تاڭ >> جۇرنىلى نەشىر قىلىندى.



بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئەللەرنىڭ  مەدەنىي-مائارىپ،  پارتىيە ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش ساھەلىرىدە  يېتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكلىرىنى قولغا كەلتۈردى. يولداش ئاخبۇنبابايېف، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف، ئابدۇغوپۇر قۇربانوف، ياقۇپ روزىن، ئەلىيەف  ۋە باشقا  ئونلىغان  ئەربابلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى.



ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ يۇقىرى دۆلەت رەھبىرىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەن كىشى يولداش ئاخۇنبابايېف بولۇپ، ۋىكى ئېنسكلوپېدىيىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەرغىلاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يولداش ئاخۇنبابايېف 1924-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، 1925-يىلى ئۆزبېكىستان  سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى رەئىسى بولۇپ بېكىتىلگەن ھەمدە بۇ ئالىي ۋەزىپىدە تاكى 1938-يىلىغىچە ئولتۇرغان. ئەمما، مەرغىلاندا ئاددىي قەشقەرلىق دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان يولداش ئاخۇنبابايېف  1937-يىلىدىكى تازىلاشتىن ساق قېلىپ، 1938-يىلى قايتىدىن ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، بۇ ۋەزىپىدە تاكى 1943-يىلى ۋاپات بولغىچە ئولتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. يولداش ئاخۇنبابايېفنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان خەلق ئىچىدە كۆپ ئۇچۇرلار  بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئاشكارىلانماي ساقلىنىپ كېلىنمەكتە.  ھەتتا ھازىرقى زامان ئۆزبەكىستان  ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ   دادىسى ئۇرايىماخۇنمۇ ئەنە شۇ مەرغىلاندا  1926-يىلى تۇغۇلغان ئىكەن. ئەلۋەتتە، <<ئاخۇن>> قوشۇمچىسى ئۆزبېكىستاندا پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولۇپ، يۇلتۇزخاننىڭ دادىسى  مەرھۇم ئۇرايىماخۇننىڭ تېگى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار  مەۋجۇت.



1920-1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەشھۇر ئەربابلىرى ئارىسىدا  يەنە بىر  ئەڭ يۇقىرى سالاھىيەتكە ئىگە بولغان كىشى  ئابدۇللا روزىباقىيېف  بولۇپ، ئۇ، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى ئالىي رەھبەرلىك دەرجىسىدىن ھالقىپ موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىدا مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە رەھبىرى ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى.



بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالىي مەكتەپلەر ۋە فاكۇلتېتلارنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇردى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر زىيالىيسى ياقۇپ روزىن تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلدى.

تۇنجى ئۇيغۇر دوتسېنتى  بۇرھان قاسىموف ئوتتۇرا ئاسىيا پاختا-سۇغۇرۇش ۋە سانائەت ئىنستىتۇتى ئىشچىلار فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى. تۇنجى بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئابدۇمېجىت روزىباقىيېف،  1935-1937-يىللىرى ئارىسىدا تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى دوتسېنت-پروفېسسورلار يېتىشىپ چىقتى. مەسىلەن دوتسېنت-پروفەسسورلاردىن   بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقىلار تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى، ماركىسىزم -لېنىنىزم ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە دەرس ئۆتتى. 1934-1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۇيغۇر ئۆلىدىن  تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ تۈركۈمدىكى 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىكى  ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي قىلغان  تۈركىي مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەنە شۇ  بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقا ئۇيغۇر ھەم ئۆزبەك ئوقۇتقۇچىلار دەرس بەرگەن  ئىدى.

ئۇيغۇر ئالىمى مەرھۇم مۇرات ھەمرايېفنىڭ يېزىشىچە، 1930-يىللاردا  ئۇيغۇرلاردا باشلانغۇچ مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولۇنغان  ھەمدە خەلقنىڭ مائارىپ ساپاسى ناھايىتى تەز سۈرئەتتە ئۆسكەن ئىدى.



1937-يىلى ئالمۇتىدا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى  بويىچە  ئۇيغۇر تىلى ،ئەدەبىياتى ۋە ئىملا مەسىلىسى بويىچە چوڭ كونفېرېنسىيە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،  تاشكەنتتىن بارغان زىيالىيلار بۇ يىغىننىڭ ئاساسى تەركىبىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تىلشۇناس ئالىملىرى  رۇس تىلشۇناسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە ئىملاس قائىدىلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئاساستا مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە  ئورتاق ئىملا قائىدىسىنى بېكىتتى.



قىسقىسى ، 1921-1937-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبەكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە مائارىپىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە رول ئويناپ، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سېلىنغان ماكانغا ئايلاندى. ئومۇمەن 1920-1930-يىللار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئايرىم بىر قانچە  دوكتورلۇق ئىلمىي ئەمگەكلىرىنىڭ تېمىسى بولۇپ، بۇ ماقالىدە پەقەت  مەزكۇر نۇقتىنى  قىسقىچە ئەسلەشتىن ھالقىش مۇمكىن ئەمەس.





1930-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە مۇنداق ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ يەنە بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ موسكۋانىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. 1934-يىلى، موسكۋا قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى  ۋە ما جۇڭيىڭنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، سوۋېتپەرەس شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى تەسىس قىلىپ، بۇ رايوننى نامدا جۇڭگوغا، ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 17-جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈپ،  ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازلارنى قولغا كەلتۈردى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ  ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەسىرىنى  ۋە ئوبرازىنى تېخىمۇ تىكلەش مەقسىتىدە سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۇللىنىش مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى.



بىراق، 1937-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى  بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ بۇ تازىلاشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندى.  ئالمۇتىدىكى  ئۇيغۇر تىلى ۋە ئىملا  يىغىنىغا قاتناشقان زىيالىيلار ۋە ئالىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى  تۈرمىلەرگە تاشلاندى ۋە ياكى ئۆلتۈرۈلدى.  1937-يىلىدىكى بۇ تازىلاش ئۇيغۇر ئېلىدە ماخمۇت مۇھىتىنىڭ ھىندىستانغا قېچىشى ۋە ئابدۇنىياز بەك ھەم مۇ خۇسەننىڭ ئىسيانىدىن كېيىن بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپتە ئۇيغۇر خەلقى بۇ تازىلاشلارنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئۇ  ياقتا يوسىف  ستالىن، بۇ ياقتا شېڭ شىسەينىڭ خالىغانچە جازالىشىدىن قۇتۇلالمىدى.



1937-يىلىدىن كېيىن  ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، ئەلىيېف، ئابدۇغوپۇر قۇربانوف  قاتارلىق ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان سىياسىي ئەربابلاردىن  باشقا يەنە   نۇر ئىسرائىلوف، ھېزىم ئىسكەندوروف، تۇردى ھەسەنوف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، مۆمىن ھەمرايېف، ھەبىب زاكىرىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئونلىغان ئەدىبلەردىن باشقا  يەنە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئاتاقلىق تەرجىمان، لۇتفۇللا مۇتەللىپنىڭ تاغىسى  مىجىت مۇتەللىپوف،   بۇرھان قاسىموف، ئۆمەر قاسىمى شۇنىڭدەك 20-يىللارنىڭ ئاخىرىدا تۇرپاندىن تاشكەنتكە بېرىپ ئوقۇپ، كۆزگە كۆرۇنگەن تىلشۇناس بولۇپ  يېتىشىپ چىققان  قادىر ھوشۇرى  قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېت دوتسېنت-پروفېسسورلىرى ھەم باشقا يۈزلىگەن زىيالىيلار بىراقلا قولغا ئېلىندى.  لېكىن، بۇ تازىلاش  يۇقىرى قاتلام سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەربابلار  ۋە زىيالىيلار بىلەنلا قالماستىن،  بەلكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ھەم  نەشىرىيات ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىشىغىمۇ بېرىپ تاقاشتى. ئەينى ۋاقىتتا تاشكەنتتە  خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن  ئابدۇمەجىت  روزىباقىيېف[87] ۋە خېلەم خۇدابەردىيېفلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ ۋاقىتتا تاشكەنت ۋە  ئەندىجاندىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت  ئورگانلىرى تاقالغاندىن سىرت يەنە  ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرى تاقالدى.  ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەلق دۈشمەنلىرى دەپ بېكىتىلدى[88] .   1937-يىلىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى مەرھۇم ئەخمەت ئېلىيېفنىڭ  << يېڭى ھايات >> گېزىتىدىكى خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلاشتا تاشكەنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبەكىستاندا 3800 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى << ئۇيغۇر ئازادلىق تەشكىلاتى>> دېگەن  سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى يەر ئاستى تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دېگەن  جىنايەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، جازالانغان، ئۇلارنىڭ كۆپى ھاياتىدىن ئايرىلغان.  قازاقىستاندا 1937-1938-يىللىرى ئۆلتۈرۈلگەن 1668 نەپەر ئادەمنىڭ ئىچىدە 97 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە جەمىيەت ئەربابلىرى بار.بۇ ۋاقىتلاردا ستالىننىڭ ن ك ۋ د ئورگانلىرى ۋە   شېڭ شىسەينىڭ   ساقچى دائىرىلىرى ئىككى تەرەپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىغان جىنايەت << پانتۇركىس>>، << تروتسكىچى>>،<< ياپوننىڭ ئىشپىيونى>>، << خەلق دۈشمىنى>>، <<  جاھانگىرلارنىڭ قۇيرۇقى>> ۋە باشقىلارنى ئارتتى.  بىچارە ئۇيغۇر خەلقى،  دىنىي  ئەربابلىرى ۋە زىيالىيلىرى  ھەر خىل جىنايى ناملار ۋە  سىياسىي قالپاقلارنىڭ قۇربانى بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى.



1937-1939-يىللىرىدا، تاشكەنتتە چىقىدىغان << شەرق ھەقىقىتى>>  گېزىتى  ۋە ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنىدىغان <<قىزىل تاڭ جۇرنىلى>>،  << قىزىل تۇغ>> گېزىتلىرى  بىراقلا تاقالدى.   خېلەم خۇدابەردىيېف  سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ 1937-يىلىدىكى  كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈن خەلقلەرگە ئېغىر پاجىئە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ  قاتتىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:



<< ئۇيغۇرلار بۇ ئاممىۋى قىرغىن-تۇتقۇننىڭ  زەررىچىسى ئىدى.  زەررىچىسى  بولغان بىلەن  نوپۇسى ئاز بولغاچقا باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا بەك زىيادە زەرەر كۆردى. نېمە ئۈچۈن دەڭ؟  بىز يۇقىرى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇر مەدەنىي -ئاقارتىش  ئورۇنلىرىنىڭ  بىرىمۇ قالماي يېپىپ تاشلاندى . ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى ئۆزبېك، قازاق ،قىرغىز، تۈركمەن مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەمدى ئانا تىلدا ئوقۇيدىغان بىر پارچىمۇ گېزىت ۋە كىتاب قالمىدى. مىللىي مەدەنىيەت بىردىنلا گۇمران بولغىنى ئاقىۋىتىدە  بولۇپمۇ ياش ئەۋلاد ئاستا-ئاستا ئانا تىلىدىن قاقاس بولدى. ئەدەبىي تىل بۇزۇلدى>>[89].



  ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ يېپىلىپ كېتىشى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈچۈن زور زەربىلەرنىڭ بىر بولۇپ-، بۇ ھال ئارىلىقتا 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە مەيدانغا كېلىپ، راۋاجلىنىش يولىغا كىرگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى خاراپلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى  پەرغانە ۋاسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىشىپ كېتىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل  بولۇپ قالدى.  چۈنكى، ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولماسلىقى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش قەدىمىنى بېسىشقا مەجبۇر قىلدى.   ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىشى مەسىلىسى ئۇيغۇر  پۇقرالىرى ۋە زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك  ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ،   يەرلىك زىيالىيلار بۇ ئىشنىڭ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان قارار دەپ ھېسابلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى  مەركىزىي كومىتېتىنى ، جۈملىدىن ستالىننى خەۋەرلەندۈرۈش ئويلىرىدا بولغان. ئەمما، ھازىرغىچە مەۋجۇت بولغان مەنبەلەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى،  ئۇيغۇر نەشىرىيات ھەم مەدەنىي -مائارىپ ۋە سەنئەت  ئورگانلىرىنى تاقىۋېتىش توغرىسىدا بىۋاسىتە موسكۋادىن كەلگەن بۇيرۇق بولغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق  مەلۇمات ئېلان قىلىنغىنى يوق.   ھەقىقەتەن، مەزكۇر بۇيرۇق بىۋاسىتە موسكۋادىن كەلگەنمۇ ؟ يەرلىك  ھۆكۈمەتلەرنىڭ قارارىمۇ ؟ بۇنىسى ھازىرگتھىچە ئېنىق ئەمەس.    خېلەم خۇدابەردىيېف  بۇ مەسىلە بويىچە 1940-يىلى، 12-ئاينىڭ 28-كۈنى موسكۋاغا، يوسىف ستالىننىڭ نامىغا بىۋاسىتە خەت يازغان بولۇپ، مەزكۇر خەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپى ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بېشىغا چۈشكەن  پاجىئەنىڭ  جانلىق ئىسپاتىدۇر. چۈنكى، خەتنىڭ مۇئەللىپىنىڭ رىيالىقنى بۇرمىلاپ، ياكى قەستەن ھالدا مۇنداق خەتنى ستالىنغا ئەۋەتىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەگەر رېئاللىق ئۇنداق بولمىسا، خەت ئاپتورىنىڭ كاللىسى كېتىشى تەبىئىي ئىدى.



خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:




    قەدىرلىك يوسىف ۋىسسارىئونوۋىچ  !




تۆۋەندە ئىزاھلىغان مەسىلىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇق چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى تاپالمىغاچقا  سىزگە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئىلتىماس، ئۇقتۇرۇپ بەرسىڭىز. ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، س س س ر دا ( ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستاندا) ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىستىقامەت قىلىدۇ. بۇ رەسپۇبلىكىلاردا باشقا رەسپۇبلىكىلارغا ئوخشاش ئانا تىلىدا ( يەنى ئۇيغۇر تىلىدا) تەلىم بېرىدىغان ئون يىللىق، يەتتە يىللىق ، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بىر قاتار تەخنىكوملار بار ئىدى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇچپېدگىز ۋە دۆلەت نەشرىياتى ( تاشكەنتتە) ئۇيغۇر بۆلۈملىرى ئىش ئېلىپ باراتتى. قازاقىستاندا (ئالمۇتىدا )بەدىئىي ئەدەبىيات نەشىرىياتىدا ئۇيغۇر بۆلۈملىرى بار ئىدى. 1939-يىلىنىڭ  ئاخىرىغا كېلىپ ئاۋال قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا، كېيىن ئوزبەكىستاندا بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرى يېپىلدى. ئايرىم جايلاردا (قازاقىستاندا) بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سىنىپلارلا ساقلىنىپ قالدى، خالاس. ئۇيغۇر بالىلىرى  قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز تىللىرىدا ئوقۇيدىغان بولدى.كېيىنرەك ئۆزبەكىستاننىڭ ئۇچپېدگىز ۋە دۆلەت نەشىرىياتلىرىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈملىرى يېپىلدى. قازاقىستاننىڭ بەدىئىي ئەدەبىيات  نەشىرىياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەركىزى سۈپىتىدە ئۇيغۇر بۆلۇمى ئىش ئەلىپ باراتتى.يېقىندا  بۇ بۆلۇممۇ يېپىلدى.




س س س ر ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ تەلىم ئىلىش ھوقۇقى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش  ئانا تىلىدا  يۇرگۇزۇش ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ،دېيىلگەن. ئۇيغۇر ئاھالىسى نەمە ئۇچۇن بۇ ھوقۇقى  مەھرۇم بولۇشنى چۈشىنىش قىيىن بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمى بىر بۆلەك ئىنسانلار زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان  ھازىرقى تارىخىي ۋەزىيەتتە بۇنداق تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشى توغرا بولارمىكىن؟ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزمۇنەن سوتسىيالىستىك، شەكلەن مىللىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەسىلىسى ئەمدىلىكتە قانداق بولىدۇ دېگەن مەسىلە تۇغىلىدىغۇ؟،



شۇ  مۇئەممانى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىڭىزنى سوراپ ئۆزبېكىستان ئۇچپېدگىز  ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ،ھازىر ئارمىيە سېپىدىكى مۇئاۋىن سىياسى كوماندىر خېلەم  رەھىموۋىچ خۇدابەردىيېۋ.




مېنىڭ ئادرېسىم. ئۇ س س ر، ۋىننىسا شەھىرى. پوچتا بولۇمى،پ/پ 125.




1932-يىلىدىن تارتىپ  ۋ ل  ك س م ( لېنىنچە كومسومول ئازاسى). 1940-يىلى، 28-دېكابىر[90].



خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ بۇ خېتى تاكى 1940-يىلىدىن 1944-يىلىنىڭ قىش كۈنلىرىگىچە جاۋابسىز قالدى.بىراق، ئۇ،  قىزىل ئارمىيە سېپىدە جەڭلەرنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا، 1944-يىلى، قىش ئايلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇنى موسكۋاغا چاقىرتىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئەسلىگە  كەلتۈرۈلدى ھەمدە تاشكەنتتە <<شەرق ھەقىقىتى >> جۇرنىلى تەسىس قىلىندى. ئەمما، بۇ ۋاقىتتا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئەسلىگە كەلمىدى. موسكۋانىڭ خۇدابەردىيېفنى چاقىرتىشى ۋە ئارقىدىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئەمەلىيەتتە موسكۋانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى، يەنى 1943-يىلىنىڭ ماي ئېيىدىن كېيىن شەكىللەنگەن  ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى قوزغاش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ تەسسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى خالاس. لېكىن، قانداقلا  بولمىسۇن، 1937-1939-يىللىرى ئارىسىدا ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كېلەلمىدى.  مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى خارابلىق تاكى تاكى  1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىققىچە  داۋاملىشىپ،  شۇنىڭدىن كېيىن قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.



ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە،   1937-1940-يىللىرى  ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش دەۋرى بولۇپ، زور ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزبەك قىزلىرى بىلەن توي قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى ئۆزبېك دەپ يېزىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1941-1945-يىللىرىدىكى ئۇرۇش يىللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى چەتئەللىك كۆچمەن دەپ قارالغان بولغاچقا ئۇلار ئەسكەرلىككە ئېلىنمىغان  ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۆزبەك قىزلىرى  ئارىسىدا ئۇيغۇرلار بىلەن توي قىلىش ئەھۋالى كۆپەيدى.

  ئۇنىڭ  ئۈستىگە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ  1937-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە  60 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقى يېزىلسىمۇ، بىراق، ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن ئۆزبېكىستاندا 60 ساپ ئۇيغۇر كولخوزى بولغان. ئەگەردە ھەر بىر كولخوزدا ئاز دېگەندە 2000 ئادەم بار دەپ ھېسابلىغاندىمۇ ، 60 كولخوزدا تەخمىنەن 120 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنجان، تاشكەنت ۋە باشقا شەھەرلەردە ياشايدىغان ئاھالىلار كولخوزلارغا تەۋە ئەمەستۇر.  مۇنداق ھېسابلىغاندىمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى  ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانىلا  60 مىڭدىن خېلىلا  كۆپ بولۇپ چىقىدۇ. دېمەك،  بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئەمەلىي سانى خېلىلا كۆپ بولۇشى تەبىئىي.

لېكىن، 1937-يىلىدىن كېيىنكى ئۆزگىرىش پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئۆزگەرتىش دولقۇنى قوزغىدى. ئەمما، قازاقىستاننىڭ شەرقىي قىسىملىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا ۋە  قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ئەتراپىدىكى  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 1932-1933-يىللىرىدىكى كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق ۋە بايلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە   ئۇيغۇر ئېلى'غا قېچىش دولقۇنى قوزغالدى.  شۇ قېتىملىق قېچىشتا  خېلى كۆپ   ساندىكى  ئۇيغۇرلار  يەتتەسۇدىن (قازاقىستاننىڭ  شەرقىي  ۋە قىرغىزىستاننىڭ شىمالى تەرەپلىرى)  ئىلىغا  كەتكەن.  شۇنىڭدەك يەنە 1932-1933-يىللىرىدىكى چوڭ ئاچارچىلىقتا قازاقىستان تەۋەسىدە 27 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.   ئەمما، مۇنداق قېچىش  ۋە كوپېراتسىيىلەشتۈرۈش ھەرىكەتلىرى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن  دېيىلگەندىمۇ گەۋدىلىك ئەمەس ئىدى. بۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇزىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيتتى.



ئومۇمەن،   1937-يىلىگجىچە  بولغان ئارىلىقتا 1917-يىلىدىكى چار رۇسىيە تۈركىستان ئۆلكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىكى 39528 "قەشقەرلىك" نىڭ سانى  ھېچقانداق كۆپىيىش كۆرۈلمىگەن .  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ستاتىستىكىسىدىن كېيىنمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئازلاپ ماڭغان.   مەسىلەن 1926-يىلى ئەنجان ئوبلاستىدا 30 مىڭ 757 نەپەر ئۇيغۇر تىزىمغا ئېلىنغان بولسا، 1979-يىلى، 11867 نەپەر ئۇيغۇر قالغان.

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى  1937-يىلىدىكى 61 مىڭ ئۇيغۇر 1959-يىلىغا كەلگەندە 19 مىڭغا چۈشۈپ قالغان.   1979-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن  ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاران 29،104 ئادەم دەپ ئېلان قىلىنغان. 1989-يىلى، 35 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.2000-يىلى، بولسا 20 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. ئەمما، 2009-يىلى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى  نىجات نىيازوف   پۈتۈن ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىڭ  60 مىڭ ئىكەنلىكىنى يازغان  بولسىمۇ[91]، بىراق بۇ رەسمىي ھۆكۈمەت ئىستاتېستىكىسى ئەمەستۇر.  ئۆزبېكىستان  ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئەنجان شۆبىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا  نۆۋەتتە ئەنجان ئوبلاستى تەۋەسىدە  30 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشىماقتا.  تەخمىنەن 4-5 مىڭ ئۇيغۇر شەھرىخان ناھىيىسىنىڭ  دولان يېزىسىغا جايلاشقان[92].  



قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى، يەنى پەرغانە ۋادىسىنىڭ قىرغزىستانغا تەۋە قىسىمىدىكى  ئوش ۋە جالال-ئاباد ۋىلايەتلىرىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەزەلدىن ئېنىق ئەمەس بولۇپ،   2009-يىلىدىكى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتى بويىچە ئالغاندا، ئوش ۋىلايىتى بىلەن جالال ئابادتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 15 مىڭ ئەتراپىدا، ئوشتىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى قارا سۇ رايونىغا  جايلاشقان بولۇپ، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئوش ۋىلايىتىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ  11 مىڭ ئىكەنلىكى، ئوش شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 791 نەپەر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان[93]، بۇلار ئاساسلىقى قاراسۇ ناھىيىسىدىكى قەشقەر قىشلاق قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان. قىرغىزىستاننىڭ  ئوش شەھىرىدىكى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەپ كۆپچىلىكى ئەمەلىيەتتە، 1955-1962-يىللاردا كوچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ يەردە ئەسلىدىن بار بولغان ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان ئوزبەكلەر تەركىبىدە يوقىلىپ بولغان ئىدى. بۇلار بۈگۈنكى كۈنلەردە داۋاملىق تۈردە ئۆزبەكلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.



   پەرغانە ۋادىسىدىكى قەشقەرلىكلەر يەنى ئۇيغۇرلار ئىككى ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا  19-ئەسىردە بۇ رايوندىكى ئاساسلىق خەلقلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىق  ئەھۋالىنى يوقىتىپ، بۈگۈنكى كۈندە رايوندىكى ئەڭ ئاز نوپۇسلۇق مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن ئۇيغۇر يېزىقلىرى، مەھەللىلىرى ، كوچىلىرى يوقالدى شۇنىڭدەك بۇ مەھەللە  ، قىشلاق ۋە كوچىلاردىكى ئەسلى قەشقەرلىكلەر-ئۇيغۇرلار سىڭىپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى بۈگۈنكى كۈندىكى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ تۈگەپ، ئۆزبېك مىللىي كىملىكىگە ئايلاندى. شۇ ۋەجىدىن  مەيلى ئوش، مەيلى ئۆزگەند ۋە ياكى ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئەنجان ، مەرغىلان ۋە باشقا جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئەجدادلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدىغان <<ئۆزبېكلەر>> ھازىرمۇ ئاز ئەمەس. ئەنە شۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم قازاق، قىرغىز  ھەم باشقا مىللەت ئالىملىرى ئارىسىدا  ئەنجان ئاھالىسىنىڭ  60%  ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ  ستالىن دەۋرىدە ئۆزبېكلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى يازىدۇ[94].  



ئوش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسلى  قەشقەرلىك  ئۇيغۇرلارنىڭ  قىرغىزلارنىڭ تەركىبىگە سىڭىپ كېتىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلار يېتەرلىك ئەمەس، بىراق   سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئېتنوگرافى   س. م .  ئابرومزون  ئۆزىنىڭ  1955-يىللىرىدىكى بۇ رايونلاردىكى تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە جەنۇبىي قىرغىزلار تەركىبىدە ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىغان قەبىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى[95]. ئۆزلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تەۋە دەپ ئاتىغان گۇرۇپپا  ئۈچ-قورغان رايونىدا ۋە قارول بۇيغا، ئاۋۇزتام-پىلال، تېگىرمەچ، قاراغاندي، كېرېگېتاش، ئۆلېگىش، قاراقىشتاق، پۇم دېگەن جايلاردا ھەمە  بۇرۇن شىپى( شىببە)  يېزىلىرى ھەمدە لەڭگەر دەگەن جايغا تارقالغان. ئۆزلىرىنى  ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ دەپ قارىغان قېرىلاردىن كېنجىباي ئايتېمىروف  ۋە  رايىمبەردى  ئورمونوف بۇ گۇرۇپپىنىڭ دەسلەپكى ئەجدادلىرىنىڭ بۇخارادىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇچ قورغاندىكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى بولسا ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىمى ياشايدىغان قوش-تېگىرمەن دەگەن جايدىن كەلگەن. بۇ ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىر قىسىمى چارۋىچىلىق ، يەنە بىر قىسىمى دەھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، قارائوئول دەگەن جايدا << ئۇيغۇر ئارىق>> دەپ ئاتالغان سۇ قانىلى بار. بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى قىرغىزلارنىڭ بۇيگا ۋە تۆلەس قەبىلىسى بىلەن تۇغقانچىلىققا ئىگە دەپ قارايدۇ شۇنىڭدەك يەنە  قىرغىزلارنىڭ تېيىت قەبىلىسىنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئۇرۇقتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ.[96]



لېكىن،  چوقان ۋەلىخانوفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تاغلىق دەپ ئاتالغا قەشقەرلىكلەرنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان پامىر-ئالاينىڭ ئېتەكلىرىدىكى قىسىملىرى ئارىسىدا قىرغىز قەبىلىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە قىرغىزلاشقانلارنىمۇ يوق ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ.


1960-يىللاردا پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى  مەخسۇس تەكشۈرۈلگەن  سوۋېت ئالىملىرى ،  جۈملىدىن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن  غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوفنىڭ  تەكشۈرۈشىچە،  1960-يىللاردا  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئاھالىلار ئىچىدە ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ  ھېسابلىغان بولسىمۇ، بىراق ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ قەشقەر ئىكەنلىكىنى ئېيىتقانلار كۆپرەك بولغان.  ئوش  ۋىلايىتى ۋە ئەنجان ۋە مەرغىلان ۋىلايىتى تەۋەسىدە  كۆپلىگەن ئەسلى  قەشقەرىيىدىن  كۆچۈرۈپ كېلىنگەن جاي ئىسىملىرى ۋە مەھەللە ئىسىملىرى ئۇچرىغان بولۇپ، پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى موسكۋا رايونى ، يەنى ھازىرقى شەھرىخان ناھىيىسىدىلا  ئارتۇش، دولان، جاڭجال، قەشقەرمەلە، قەشقەرقىشلاق  قاتارلىق   20 دىن ئارتۇق جاي ئىسمى تىزىمغا ئېلىنغان.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ ئىزباسقان ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت يېزىسىدا قەشقەرمەلە دېگەن جاي بار بولۇپ، 1960-يىللىرىدا بۇ يېزىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغان كىشىلەرنىڭ  ئەجدادلىرىنىڭ 110-120 يىللار ئىلگىرى قەشقەردىن كۆچۈپ  كېلىپ، بۇ يەردە قەشقەر مەھەللىسى پەيدا قىلغان. بۇ  كىشىلەر 60-يىللارغا كەلگەندە تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئۆزبېكلىشىپ كەتكەن[97].   1960-1970-يىللىرى ئارىسىدا  يەنە  شەھرىخان يېزىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرى  ئەلىخان موللاخۇن ئوغلى ئارازىنىڭ ئوغلى 73 ياشلىق مۆمىنجان ئەلىخانوفمۇ ياشىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا شەھرىخان يېزىسىغا ئارازىنىڭ قەبرىسىگە ئورنىتىلغان خاتىرە تاشقا  ئارازىنىڭ 1869-يىلى، مەرغىلان ناھىيىسىنىڭ  شەھرىخان يېزىسىنىڭ قەشقەر مەھەللىسىدە تۇغۇلغانلىقى، ئۇنىڭ  بوۋىسىنىڭ 1930-1835-يىللىرى ئارىسىدا قەشقەردىن كېلىپ، يەرلىشىپ قالغان  ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، ئارازىنىڭ ئوغلى مۆمىنجان ئەلىخانوف  شۇ ۋاقىتتىكى شەھرىخان يېزىسىنىڭ زور كۆپچىلىك ئاھالىسىنىڭ  قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن[98]. بىراق بۇ ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى  60-70-يىللاردا ئاللىقاچان ئۆزبېكلىشىپ، ئۆزلىرىنى ئۆزبەك دەپ ئاتايدىغان بولغان ئىدى.  غوجاخمەت  سادۋاقوسوف قاتارلىقلار يەنە ئەنجان ۋىلايىتىنىڭ بۇتاقارا يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش جەريانى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ يېزىدىكى  قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ 1939-1940-يىللىرى ئارىسىدىن باشلاپ  ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ھېسابلىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان[99].

1959-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى تارقاق ياشىغان بولۇپ، سوۋېت ئېتنوگرافلىرى شۇ ۋاقىتتا پەقەت ئەنجان ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ۋىلايەتتىكى 79 كولخوزغا ھەمدە پەرغانە ۋادىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى بېكىتكەن[100].

1950-1960-يىللاردا قەشقەر كۆچمەنلىرىنىڭ  ئەۋلادلىرىنىڭ خېلى  كۆپ قىسىمى يەنە نامەنگان شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىمۇ ياشىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇلار ئوخشاشلا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزبېك كىملىكىنى قوبۇل قىلىپ بولغان ھەمدە نامەنگان، ئەنجان ۋە باشقا جايلاردا ئۆزبېك تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئارىلاشقان ئۆزگىچە شىۋىلىق خۇسۇسىيەتلىرى شەكىللەنگەن.



سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسى ئا.ك بوروۋكوۋ ئۆزىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى تەكشۈرۈشلىرى نەجىتىسىدە  1963-يىلى يازغان ئىلمىي تەتقىقات ئەمگىكىدە نامەنگان   ئاھالىسىنىڭ مۇھىم يادروسىنى  قەشقەردىن كەلگەن كۆچمەنلەر  تەشكىل قىلغانلىقى شۇنىڭدەك بۇ قەشقەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىپ، ئۆزبېك تىلىنىڭ بىر شىۋىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى  يەكۈنلىگەن[101] . ئۆزبېكىستان ئالىمى ئا.مەمەتوف بولسا، ئۆزىنىڭ 1967-يىلى ئۆزبېك تىلىنىڭ ئەنجان شەھەر شىۋىسى ھەققىدىكى دىسسېرتاتىسىيىسىدە، << ئەنجان شىۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۇيغۇرلار مۇھىم  رول ئوينىدى. ئۇلار ھازىرمۇ  ئەنجان شەھىرىدىكى مائارىپ، ئەسكىلىك، تاختاكۆپرۈك ، كالىنىن ۋە باشقا مەھەللىلەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزبەك تىلىدا سۆزلىشىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ تىزىملاتقان>> دېگەن مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان[102].



قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك تىللىرى ساھەسىدە كۆپ تەتقىقات قىلغان ئاتاقلىق سوۋېت تۈركىلوگى  كونستانتىن يۇداخىن  1940-1950-يىللىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە  1950-يىلى مەخسۇس ئۆزبېك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئارىلىشىش  مەسىلىسى ھەققىدە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلىشىش ھەمدە ئۆزبېك تىلىغا سىڭىپ تەسىر كۆرسىتىش  ئەھۋالى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇ، ئاساسلىقى پەرغانىنىڭ قىرغىزىستانغا تەۋە ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر -ئۆزبېك تىللىرى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، << ئوش شەھىرى ئاھالىسىنىڭ تەركىبىنى    خېلى بۇرۇنلا تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت ۋە تىل جەھەتتىن  يەرلىك ئۆزبېك ئاھالىسى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن  قەشقەرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇھىم قىسىم ئاھالە تەشكىل قىلىدۇ>> دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوشتىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەنە شۇ كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.



سوۋېت ئالىملىرىدىن  پولىۋانوۋ، رېشېتوۋ، يۇداخىن، بوروۋكوۋ، قايداروۋ، سادۋاقوسوف، ئىسمايىلوف ۋە باشقىلار  پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە  ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرى سىڭگەنلىكىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.   بۇ رايونلاردىكى ئۆزبېك تىلى شىۋىلىرى تەركىبىدە ئۆزبەك تىلىنىڭ باشقا شىۋىلىرىدە كۆرۈنمەيدىغان ، ئەمما پەقەت ئۇيغۇر تىلىغىلا خاس بولغان بىر قىسىم سۆزلەر ھەم فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىقى ئالىملار تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلدى.



ئومۇمەن، پەرغانە ۋادىسىنىڭ ھەر قانداق بىر جايىدا ھازىرمۇ يەنىلا كۆپلىگەن ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاپ يۈرگەن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ  ئەسلى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتىدىغانلار مەۋجۇت.  ئەنجان، مەرغىلان، نامەنگان ۋە ئوش قاتارلىق شەھەرلەر  ھەم  ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى بۈگۈنكى كۈنلەردىكى  ئۆزبېكلەرنىڭ كېلىپ چىقىش  تەركىبىنى  زور ساندىكى ئەسلى قەشقەرلىك كۆچمەنلەر- ئۇيغۇرلارنىڭ  ئىگىلىگەنلىكىدە شەك يوق.    


    پەرغانە ۋادىسىدا  ھازىر ياشاۋاتقان ، ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغان  ئاھالىلارنىڭ سانى مەيلى ئۆزبېكىستان  ۋە ياكى  قىرغىزىستان بولسۇن، ھەر ئىككىسىدىلا  ناھايىتى ئاز. ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى ئەنجان ۋىلايىتىدە يەنە ھازىرمۇ << ئۇيغۇر>> دېگەن نام ئاستىدىكى جايلار مەۋجۇت. ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قاراسۇ رايونىنىڭ قەشقەر قىشلاق يېزىسىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ  ئولتۇراقلاشقان.   پەرغانە ۋادىسىدىكى  بۇ قالدۇق ئۇيغۇرلار  گەرچە بەزى جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇلار يەنىلا ئۆز ئانا تىلىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزبېك تىلىنى ئىشلىتىدۇ.  ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ تىزىمغا ئالدۇرغان بۇ ئاھالىلارنىڭ ھەممىسى، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت  ۋە تىل جەھەتتىن يەنىلا پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزبېكلىشىپ بولغان بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ مىللەت نامىلا ساقلىنىپ قېلىنغان.  سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، بۇ جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى 20  يىل ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرى  پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ قالدۇق ئىسمى بار، جىسمى يوق ئۇيغۇر ئاھالىلار 21-ئەسىردە خۇددى 19-20-ئەسىردە بېشىغا كەلگەندەك  ئۇزۈلمەي داۋاملاشقان سىڭىش ۋە  يوقاپ كېتىش تەقدىرىگە يەنە دۇچ كېلىشى مۇقەررەر.  



ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى  ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ تارىخىي مۇساپىلىرىنى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ  يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىش  ھادىسىسى پەقەت ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندا ئەڭ گەۋدىلىك بولدى.  بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان  بىلەن قىرغىزىستان ھەم تاجىكىستان ئەڭ روشەن بولۇپ،  بۇ خىل ھادىسە  بۇ ئۈچ جۇمھۇرىيەتنىڭ پەرغانە ۋادىسىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك بولدى.  سىڭىشىش ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، ئۆزبېك مىللىتىنىڭ پەرغانىدىكى ئاساسلىق قىسىمىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە  تەشكىل قىلىش بىلەن خۇلاسىلاندى.   ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ   بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى  ۋە بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان قىسىمىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تاشكەنت  ۋە باشقا جايلارغا تارقىلىپ، شۇ جايلارنى مەركەز قىلغان  بولۇپ، بۇلار 1955-1963-يىللىرى ئارىسىدىكى كۆچۈشتە  ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئۆزبېكىستاندىن تاشكەنت شەھىرىنى ئاساس قىلىپ، ئەنجان ۋە يەنە باشقا شەھەرلەرگە تارقالغان  ئۇيغۇر ئاھالىلىرى شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرلىرىدە قازاقىستاندىن  تاشكەنت ۋە باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ قالغان  يەتتەسۇلۇق  ئۇيغۇرلاردۇر.   مانا بۇ گۇرۇپپا  بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ  ئاساسىي مىللىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، لېكىن ئۇلارنىڭ  بىرىنچى ئەۋلادلىرى تۈگەپ، ئىككىنچى ئەۋلادلىرى ئۆز ئانا تىلىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك   50-80-يىللار ئارىسىدا  باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ  مائارىپ تەربىيىسىنى  ئۆزبېك ۋە رۇس تىللىرىدا، قىسمەنلىرى  باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى  قازاقىستاندا ئۇيغۇ تىلىدا  ئالغان بولۇشىغا قارىماي،  ئۇيغۇر تىلى پەقەت ئائىلە تىلى ۋە ئۆزارا ئالاقە تىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ 3-ئەۋلادلىرى بولسا تامامەن دېگۈدەك ئۆزبېك تىلى  ۋە ياكى رۇس  تىلى ئىشلىتىدىغان بولۇپ،  سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىشنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنياغا كەلگەن يېڭى ئەۋلادلار بولسا ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزبېك تىلىدا تەربىيە ئېلىپ، ئۆزبېك جەمىيىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.  دېمەك، ئەمدىكى نۆۋەت ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان ۋە تىل ، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزبېكلەردىن ھېچ پەرقى بولمىغان يېڭى ئەۋلادنىڭ   يەنە بىر قەدەم ئۆزبەك جەمىيىتىگە  قوشۇلۇش  ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن.  قىرغىزىستانغا تەۋە ئوش، ئۆزگەند، قاراسۇ، جالال ئاباد قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى  بولسا، تېخىمۇ شۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا.  ئۇلار ئومۇمەن، ئۆز تىلىدىن ئايرىلىپ بولغان.   گەرچە، ئەنجان ۋە ئوش قاتارلىق جايلاردىكى پەرغانە ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۆز مىللىي كىملىكىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش قىزغىنلىقى بولسىمۇ،  ھەتتا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرلۈك سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئۆز مىللىي ناخشا -مۇزىكىلىرىنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئۆز سەنئىتىنى نامايەن قىلىش ھەم ئۆگىنىش  پائالىيەتلىرى بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ   ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالماسلىقى تەبىئىي.




(داۋامى بار)


مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
خەلقېم مەن بىلەن