...
جۇمە كۇنى ئىدى ، دوسلۇرۇم بىلەن نامازنى ھىيىتگادا ئوقۇيمىز دەپ دىيشىپ قوياپ ، سائەتكە قارىسام ۋاقىت ئاز قاپتۇ ، تاماققا قاراپمۇ قويماي تەرەتنى ئىلىپ موتۇرۇمنى چىقىرتىپ ھەيدەپ چىركىتىپ باسام ،گۇزەگە كەگەندە ئەزان توۋلاپ قالماسما ، ھاپىلا شاپىلا موتونى قوياپ قوياپ ، جامائەتكە قىتىلىپ جۇمەنى شۇ يەردە ئوقۇپ قالدىم . خوداغا شۇكرى تىچ ئامان ئوقۇپ چىقىپ ، ئاغىنلىرىمگە تىلفۇن چاسام بىرەسى كۆتەمەيدۇ ، مۇشۇ ئەتراپتا قوساقنى ئەستەلىگەچ تۇراي دەپ دوقمۇشقىلا جايلاشقان ھەشەمسىز بىر ئاش پۇزۇلغا كىرىپ قالدىم ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دەپ كىرىپ تۇرشمغا تاڭجاڭ _ كەسىلە يانچۇقتىكىنى بەسىلە . دىدى بوم ئاۋاز بىلەن .
مەنمۇ دىمىغىمدا كۇلۇپ،_ھە ھە كىلىمىز ، يەپ بولاپ بىرىمىز . دىسەم-
تاڭجاڭ ھىجىيىپ تۇرۇپ _ شۇندا بوممامتىكى_ دەپ بىر ئورۇندۇقنى ئىڭكى بىلەن ئىشارەت قىپ ، شۇ ئورۇنغا چەينەك پىيالىلەرنى كۆتۇرۇپ ماڭدى .
بىرىپ ئولتادىم ، ۋە چەينەكتىن چاي قۇيۇپ ئىغىز نەمدىگەچ تۇرۋىدىم
تاڭجاڭ _ ئۆزلىرىگە نىمە ئىلان قىلىۋىتەي ؟
سومەن چىقاما ؟
تاڭجاڭ _ سومەن پۇتۇن بىر _ دەپ ئىچىگە تولىۋەتتى
ياق يىرىمتىى ى ى ى ى !
تاڭجاڭ _ مەنپەرمۇ ، دىڭدىڭ !
مەنپەر !
تاڭجاڭ _ توخىنىڭكىدىنمۇ بۇقىنىڭكىدىنمۇ !
ھى ھى بۇقىنىڭكىدىن !-
تاڭجاڭ _ ھە بەھوزۇر بەھوزۇر ! ھى ھى ھى
40 ياشلار چامىسىدىكى،كىشىگە قەتئىلىك نەزىرى بىلەن كۇلۇمسىرەپ قارايدىغان بۇ تاڭجاڭنىڭ ھازىرجاۋابلىقى ھەۋىسىمنى كەلتۇرەتتى جۇمەدىن يانغان جامائەت توپ توپ بولۇپ كىرگىلى تۇردى . تاڭجاڭ كىرگەن ھەر بىر خىرىدارنىڭ قول جەينەكلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئەۋال سوراپ سورۇننى قىززىتقىلى تۇردى !
ھە ھو ھاجىنىمكا سالامەت تۇرۇپ بەلىما ، چىژلىقما ، چۆرىسى قىژلىقما ، كىلىنلىرى تۇغدىما ، قىينى ئانىسى ئۇختىما ، ھە ھە كەسلە كاسىلىرىنى ما ۋۇ جوزىغا بەسلە . ... ۋېېي ما ھاجىمكامغا ئاچچىق قىلىپ ناۋات چاي !!! كۇلكە كۆتۇرۇلدى .ھە قاراجىم كەللىما ، نامازنى قازايى بەتتار قىمماي ۋاختىدا ئوقىۋاللىما ؟ ما غەللىگە بى دىمىدە قىپ بەسلىرى بولاپتىكىن تەرەتلىرىنىڭ چىڭ ۋاختىدا !ھى ھى چاق چاق قىپ قويدۇم ! ساقاللىرىنى قويانغا سىلىۋىتىپ مايەگە مەرەمەت قىپ بەسە !
كەسە خان كەسە ، لەپتى بى ئوتتاسا سىلىنى كۆگەچ ئىش قىلاي ، ھە تاتىنماي دىسىلىيە ، سىزىكلىرى نىمىگە تاتىۋاتىدا، پولاغىما ؟ ھە ! قۇچقتىكى ئەكەكمۇ چىشى ؟ ۋوتان ۋوتان . بەزدەك قايلىشىنى ! بىشى چوڭ دادىسىنى ،يۈزى سىلىنى ،كۆزى مىنى تاتىپتىمۇ خۇدايىم !ھى ھى ھى ، ئىمىزگە ساسا ! ھىلى يىغلاپ باش ئاغرتمىسۇن ، ! ھېي باسە پولانى ھا ھا بۇرادەر كەلدىڭلىما يوۋ ، يوقاپ كەتمىدۇق ، جىق بىز ، ماشەدە جاھانكەزدىلىك قىلىپ دەڭلە ! ھە يۇقىرى ئۆتىلى ، سىلىگە ماشەنى ئەپ قويغان مەن . ماشەگىبى سىغىپ قويىلى!
باقاخۇنكو ، ئىچىگىرەك غۇلاپ قويلى ، تاماقنى كاساڭغا يەمسەنكى تاڭ ، چىگەندە كىچىكىنام تۇرتى ، ھاھا ،ۋېي ما مىمانغا چاي !
ھا ھا نىخاۋ ،گولەي ، زوگىشا ، چىخاڭ سا فەن ، ماقا ئۇكىم .ھا ھا ماشاڭ ماشاڭ ، كەيشىن كەيشىن ،
ما ئىچىدىكىلەر دىققەت! تەكرالايمەن! ئىچىدىكىلەر دىققەت !،لەغمەن4 پۇتۇن 6 يىرىم 8 چارەك ، چۆپىنى قىلدەك چىقا ، گوشىنى پىلدەك چىقا .
سومەن 3 پۇتۇن 2 يىرىم ، قولاڭنى يۇيۋىتىپ تاشلاش ، يىرىپ كىتىشسەڭ پۇتۇڭدا تاشلاش ! بولىشە ، باكا ئۆزەڭگە قىلىشىپ قىلىشىسە !
ئوسمىناخۇن ئۇكىم ماڭا ئا قاچىنى ژۇيە ! قايلاپ تۇرشىنى ، ئىش تاپامماي زىركىۋاتامسە، توپا يەگە سىيىپ بىرەي لاي ئىتىپ ئوينامسىيا ؟ ما گۇينى گەپ قىممىسام ، ئاچىسىغا تويلۇق ئەكەگەندەك كۇلۇپ ئولتىردا !
مىھمانلار نىڭ چىرايىدا كۇلكە چىقىپ تۇراتتى ، ھەممە قىززىقسىنىپ شۇ ياققا قارشىپ تۇرشاتتى . تاڭجاڭ بولسا مىھمانلارغا ئاش توشۇپ ئالدىراش ئىدى ، توساتتىن ، تاڭجاڭنىڭ جەينىكى،چاي ئىچىۋاتقان بىر ئوتتۇرا ياش ئادەمنىڭ چىنىسىگە تەككىتىپ ، چاي ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىكىگە تۆكىلىپ كىتىپ ،سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى ، ئاشخانىدىكىلە كۆرەڭ كارامەتنى دىگەندەك قىلىپ ، بىر بىرىنىڭ كۆزىگە قايلىشىپ قوياپ شۇ ياققا دىقىتىنى بۇردى ،ھەتتا ھەممە نىمىگە بىپەرۋا سەپرا مىجەز كۆرىندىغان ،ياچەننى چىشلىۋىلىپ شاپبۇرتىنى دىڭگايتىپ ئولتۇرغان باداڭ قوساق كاسسىرمۇ ، خۇدۇكسىرەپ قاراپ قالدى ،
تاڭجاڭ بولسا ، بىر قىشىنى ئىگىز كۆتۇرۋىلىپ ، مەغرۇر سالاپەت بىلەن ،ھە ھە سەۋىرى سەۋىرى .. دەپ قويۇپ چاققانلىق بىلەن قولىدىكى تاماقلارنى تارقاتقىلى تۇردى . ھىلىقى كىشىى چىرايىنى كىچىك بالىدەك قىلىپ .ما ئادەمنى ھى ھى ھى . دەپ كۇلۇپ قويۋىدى . مىھمانلارنىڭ ھەممىسى كۇلشۇپ كىتىشتى
قايلاپ ئولتىراۋىرىپ قوساق دۇتتا چاغىلى تۇردى .
چاق چاق قىلىپ ، ئۇستوم ، بىزنىڭ سومەننىڭ ئۇنىنى تاتقانما ؟ دەپ قويسام .
ئالدىرامتىلە ، ۋېي بولىشە ، بۇگەن ما بالىنىڭ تويىكېن بولىشە ! باكا جىما باكا ، قىلىۋىتىمەن ناكا دىدى دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئاۋازدا !
ۋاك دەپ قالدىمدە كاساپەت !
ئارىدىن شۇ تاڭجاڭنىڭ يىقىنى بولسا كىرەك ، خۇش چىراي بىر چال ئورنىدىن تۇرۇپ ، بارتاخون بوش ۋاقىراڭلا تەرەت سۇنۇپ كەتمىسۇن دىۋىدى
تاڭجاڭ _ ئەنسىرەشمىسىلە ئەتىگەن ئوننى ئىلىۋاغان ، ئابىيامنىڭ ياغى تۆتنى بۇزساممۇ ، ئالتىسى زاپاس . دىدى پەشتامىسى بىلەن ئىڭكىنى سۇرتىۋىتىپ
تۆۋەنكى خانىدىن مايلىشىپ قارداپ كەتكەن مۇلازىم ، قولىنىڭ ئۇچىدىن دولىسىغىچە تەخسىلەنى بىسىپ ، چىقىپ كەلدى ۋە تاڭجاڭنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى
تاڭجاڭ _ ھە ئاپىرە مانى ئوۋۇ قاراجىمكاڭغا تەڭلە ، ئاممىسا يۇزىگە ئات ! ما پۇتۇن ئاشنى ئاۋۇ كۆك كالاچ كەيگەن ئاكاڭنىڭ قۇلىغا بە ، ما بىزى جىقىراقىنى ئاۋۇ مۇشۇكتەك بۇرۇت قويۋاغان سىستىرا ئاكاڭغا تۇتقۇزۇپ قوي ! ماڭە ھە كاساڭغا ئۇسسەيما ؟
كۆك رەڭلىك شۇشەن ئايىغىمغا قايلاپ كۇلۇپ كەتتىم !
تاماقمۇ شۇنچىلىك ئوخشاپ كەتكەنكى ، بەسەي مۇرابباسى يىگەندەك ، ئىشتاھا بىلەن سوقىۋەتتىم يەپ بولۇپ پۇكەيگە كىتىپ باسام ،ھىلىقى تاڭجاڭ يۇقىرى ئاۋازدا
ما ئوغاللىقتىن 30 كوي ئىلىنسۇن ، دىۋىدې ، ئالىيىپ قايلىسام
22 كوي قايتۇرۇپ بىرىلسون، دەپ قىتىپ قويدى . ياچەن بەسە !
تۇگەپ قاپتىكىن ، زىخ ئەپبىرەي كوچىلىۋالاملا؟ !
ئاشپۇزۇلدىن خۇشال كەيپىياتتا چىقىپ كەتتىم !
شۇندىن بۇيان سىرىتتا تاماق يىيىش توغرا كەسە ، ئىشتاھارىمنى ساقلاپ قوياپ ئاشۇ يەرگە بىرىپ يەيدىغان بولۇپ قالدىم !
يۇمۇر تورى - 新疆幽默网