ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 443 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىسلاملىشىشى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-07 11:22

تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىسلاملىشىشى

تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئىسلاملىشىشى

گېڭ شىمىن

       شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا تەسىرى چوڭ بولغان يەنە بىر ئىش ئىسلامنىڭ سېڭىپ كىرىشى بولدى.
        دۇنيادىكى بىر قانچە چوڭ دىنلار ئىچىدە ئىسلام دىنى بىر قەدەر كېيىن مەيدانغا كەلگەن. دىنىي ئەقىدىسى ئاددىي، شۇنداقلا مۇرتلىرى بوي سۇنۇشقا تېگىشلىك قائىدە- يوسۇنىمۇ كۆپ بولمىغاچقا كېيىنكى مەزگىللەردە تېز سۈرئەتتە تارقالغان ئىدى.
        ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلغۇچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 632-يىلى مەككىدە ۋاپات بولغان. كېيىن ئەڭ ئالىي دىننى داھىي خەلىپىلىك ئورنىنى بېكىتىشتە ئۇسۇل ۋە پىكىر جەھەتتە  بىرلىككە كېلەلمەسلىك تۈپەيلى ئۇزۇنغا بارمايلا شىئە ۋە سۈننىي دەپ ئىككى مەزھەپكە پارچىلانغان. شىئەلەر ئەلى (مۇھەممەدنىڭ نەۋرە ئىنىسى) نىڭ ئەۋلادى خەلىپىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان،  سۈنئىيلەر بولسا خەلىپىنى سايلام ئارقىلىق بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.
تارىم ئويمانلىقى تۈركلىشىش بىلەن بىرگە ئىسلاملىشىش قەدىمىنى تەڭ باشلىغان، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىسلاملىشىش يەرلىك خەلىقنىڭ ئەسلىدە ئېتىقاد قىلغان بۇددا دىنى، مانى دىنىنىڭ ئورنىغا ئىسلام دىنىنى دەسسىتىپ، ئىسلام مۇرتىغا ئايلانغانلىقىنى، شۇنداقلا « ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» ئىكەنلىكىگە،  «قۇرئان» نىڭ  بولسا ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرى خاتىرلەنگەن مۇقەددەس كىتاب ئىكەنلىكىگە، پەرىشتىلەرنىڭ، ئاخىرەتنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئاللاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىگە ئىشەنگەنلىكىنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا «قۇرئان» دىكى شەرىئەت قائىدىلىرى بولغان كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش، رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش قاتارلىقلارغا بويسۇنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام مۇرتى بولغاندىن كېيىن، ئەسلىدە بار بولغان ئېتقادىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي يەنە كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشمۇ كېرەك ئىدى. بۇ يەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر قىلغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلاملىشىشى ئەرەپلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن باشلانغان بولۇپ، 642-يىلىدىكى nihawand ئۇرۇشىدا ئەرەپلەر پارىسلارنى مەغلۇپ قىلىپ، 651-يىلدىن 653-يىلىغىچە ئىراننىڭ شەرق قىسمىدىكى خۇراساننى ئىشخال قىلدى. بىر يىلدىن كېيىن يەنى 654-يىلى ئەرەپلەر ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ دەريانىڭ ئوتتورا قىسمىدىكى سوغدىيانا بىلەن ماۋەرائۈننەھىردە پەيدا بولدى. 674-يىلى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زىياد قۇماندانلىقىدىكى ئەرەپ چوڭ ئارمىيىسى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۇرۇشلار پەقەت ئەرەپلەرنىڭ زېمىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان جەڭلىرى بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىسلاملىشىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى. بىراق، 705-يىلىدىن 715-يىلىغىچە ئۇمەييەلەر خاندانلىقىنىڭ سەركەردىسى قۇتەيبە ئىبىن مۇسلىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ھەربىي يۈرۈشى ۋە ھۆكۈمرانلىقى شۇ جاينىڭ ئىسلاملىشىشىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. 705-يىلى ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئامۇ دەرياسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىمىدىكى توخارىستاننى ئىشخال قىلىدۇ، 706-يىلى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ دەريانىڭ ئوتتورا قىسمىدىكى رايونلارغا ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ ۋە 707-يىلى بۇخارانى ئىشخال قىلغاندىن كېيىن، Xorazm غا بولغان ئۇزۇن سەپىرىنى باشلايدۇ. 712-يىلى سەمەرقەنتنى ئىشخال قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىر دەرياسى ۋادىسىغا قوشۇن تارتىدۇ، 715-يىلى قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن قەستلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپلەرنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توختاپ قالىدۇ( «ئەرەپلەرنىڭ ئىلگىرى قەشقەرنى بېسىۋالغان» دېگەن كۆزقاراشنى يېقىندا تەتقىقاتچىلار ئىنكار قىلدى).
        قۇتەيبە ئوتتورا ئېقىمدا كېڭەيمىچىلىك قىلىش جەريانىدا ئاكتىپلىق بىلەن دىن تارقىتىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.
        751-يىلى ئەرەپ ئارمىيىسى تالاس دەرياسى بويىدىكى جەڭدە  تاڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇ يەردىكى ئابرويىنى تۆكىۋىتىدۇ، شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ شەرققە سىڭىپ كىرىشىگە يېشىل چىراق ياقىدۇ.
        ئەرەپلەرنىڭ پامىر ۋە پامىرنىڭ غەربى قىسمىدىكى بوستانلىقلارغا بولغان ھۆكۈمرانلىقى شۇ جايلارنىڭ ئىسلاملىشىشىنى تېزلەتتى. 9-ئەسىردە بۇ جايدا قۇرۇلغان سامانىيلار خانلىقى سېپى ئۆزىدىن ئىسلاملاشقان خاندانلىق بولۇپ، شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي ئاتالمىش مۇقەددەس ئۇرۇشىنى قوزغاپ تۇراتتى.
        كۆچمەن چارۋىچى تۈركلەرنىڭ ئىسلاملىشىشى
        پامىرنىڭ غەربىدىكى ئىسلاملاشقان سامانىيلار خانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىسلام دىنى بۇ خانلىققا قوشنا بولغان قاراخانىيلار خانلىقىدىكى تۈركلەرگىمۇ سىڭىپ كىرگەن ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانىيلاغا سىڭىپ كىرىشىدە بىر قانچە خىل كۆز قاراش مەۋجۇت. بۇلارنىڭ بىرىنجىسى: سامانىيلار خاندانلىقى قىلغان مۇقەددەس جەڭلەر توغرىسىدىكى رىۋايەت. خاندانلىققا داڭلىق پادىشاھ ئىسمايىلخان ھۆكۈمران بولغان مەزگىللەردە، يەتتە دەريا بىر ئىقلىمنىڭ بىرسى بولغان تالاستا مۇقەددەس جەڭ قىلغاندا قاراخانىيلار خانى تابغاچخاننىڭ ئايالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 مىڭ ( خەنزۇچىسىدا 15000千 دەپتۇ، بۇنداق گەپنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن) كىشىنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە نېستورى دىنى چېركاۋىنى مەسچىتكە ئۆزگەرتىدۇ.
        يەنە بىر تېخىمۇ كەڭ تارقالغان قاراش بولسا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ رىۋايىتى. 10-ئەسىردىكى سامانىيلار خانلىقىدا ئەبۇ نەسىر سامانىي ئىسىملىك بىر خان جەمەتىدىكى كىشى قاراخانىيلار  ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەشقەرگە كەلگەندە، شۇ مەزگىلدىكى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئوغۇلچاق قىدىرخان ئۇنى قەشقەر ئەتراپىدىكى بىر يەرنىڭ ئەمەلدارى قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەسچىت سېلىشقا يەر ئىنئام قىلىدۇ، ئوغۇلچاق قىدىرخاننىڭ ساتۇق ئىسىملىك 12 ياشلىق جىيەنى بار بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ بۇخارادىن كەلگەن نۇرغۇن سودا -سېتىقچىلارنىڭ ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ يېرىگە جەم بولۇپ، كوللىكتىپ ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىدا، ئەبۇ نەسىر سامانىي ئۇنىڭغا ئىسلام شەرىئىتىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ساتۇق تەسىرلىنىپ ئىسلامغا بەيئەت قىلىدۇ، شۇنداقلا ئەتراپىدىكىلەرنى بۇ دىنغا بەيئەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاران 50 كىشى ئىكەن، ساتۇق 25 ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى 3000 غا يېتىدۇ، ئۇلار قەشقەرنى ئىشىال قىلغاندىن كېيىن ئىسلامىي سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. ساتۇقخان 955-يىلى ۋاپات بولىدۇ.
        يەنە بىر خىل رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، 961-يىلى ئىرانلىق دىن تارقاتقۇچى kalamatiنىڭ تۈركىي خەلق ھۆكۈمرانىنىڭ ئوردىسىغا كىرىپ دىن تارقاتقىنىنىڭ نەتىجىسى دەپ سۆزلىنىدۇ.
        بۇ رىۋايەتلەر ئەلۋەتتە تارىخىي چىنلىق بولالمايدۇ، ئەمما، ئۇ سامانىيلار بىلەن قاراخانىيلارنىڭ ئىسلاملىشىش قەدىمى جەريانىدىكى مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئىسلامغا كىرىش پەقەت شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق تۈركىي خەلقلەر بىلەنلە چەكلىنىپ قالغان(چۈنكى ماھىيەت جەھەتتىن ئىسلام دىنى شەھەرلىكلەرنىڭ دىنى ھېسابلىناتتى)، ئەمما تەڭرىتېغىنىڭ غەربى قىسمىدىكى يەتتە دەريا بىر ئىقلىمدىكى كۆچمەن چارۋىچى تۈركىي خەلقلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئىسلام دىنى پەقەت بىر شەكىلدىكى نەرسە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان شامان دىنىنى ساقلاپ قالغان ئىدى.
تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى ۋە شەرقى قىسمىدىكى(قۇمۇل، تۇرپان) خەلقلەر 15،16-ئەسىردە ئاندىن رەسمىي يۇسۇندا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.
        ئىسلام دىنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا سىڭىپ كىرىشىگە نىسبەتەن بىزدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتىرىيال كەمچىل. ئەرەپ تارىخچىسى ( Ibn miskawaihi  ئونىنجى ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن) بىلەن ( Ibn al-athir 12،13- ئەسىر) نىڭ ئەسەرلىرىدە مىلادى 960-يىلى 200 مىڭ كەپىلىك كۆچمەن چارۋىچىنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال ئىسلاملاشقان بۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ قايسى قەبىلىدىن ئىكەنلىكى ياكى قەيەرلەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتمىگەن.  پەقەت 14-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخشۇناس جامال قارشى (jamal karshi) نىڭ «سۇرراھ لۇغىتىگە تولۇقلىما» دېگەن ئەسىرىدىلا 11-ئەسىردىكى يەنە بىر تارىخشۇناس ئابدۇلغەفۇر (abdal. Ghfir) نىڭ «قەشقەر تارىخى»(يوقىلىپ كەتكەن) ناملىق كىتابىدىكى رىۋايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قاراخانىيلار خانلىقىدىكى ساتۇق بۇغراخان ئابدۇلكەرىم (ھىجرىيە 344-يىلى، يەنى مىلادى 955،956-يىللىرى ۋاپات بولغان) ئەڭ ئاۋۋال خەلقنى باشلاپ ئىسلامغا كىرگەن. كېيىنكى مەزگىلدە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان «تەزكىرەئىي ساتۇق بۇغراخان» دا بۇ رىۋايەتلەر قويۇق ئەپسانە تۈسىنى ئالغان.
        ئىسلام دىنى قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن، قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قوللىشى ئاستىدا، ئاۋۋال شەرقتىكى خوتەنگە قاراپ كېڭىيىدۇ، ئۇزۇن مەزگىللىك قانلىق دىننىي جەڭ ئارقىلىق خوتەن 11-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە مەجبۇرىي ھالدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ.
        تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمال قىسمىدا، ئىسلام دىنى كۇچا، تۇرپان رايونلىرىدىكى بۇددىس قۇچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇسقۇنلىقىغا ئۇچرىغاچقا ئۇزاق مەزگىلگىچە  كېڭىيىشتىن توختاپ قالىدۇ. 14~15-ئەسىردىن كېيىن، چاغاتاي خان دەۋرىگە كەلگەندە  ئىسلام دىنى ئاندىن تۇرپان قاتارلىق شىمالى رايۇنلارغا كەڭ تاقالغان. 16-ئەسىردىكى ئاتاقلىق تارىخشۇناس مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخىي رەشىدى» ناملىق ئەسىرىدە تۇرپان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي چاغاتاي خانى خىزىر خوجا(تەخمىنەن 1389-يىلىدىن 1399-يىلىغىچە) دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن ئىسلامغا بەيئەت قىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچە ۋە ئىسلامىي تارىخى ماتىرىياللار 15-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان دەۋردىمۇ تۇرپاندا بۇدقا ئىتقاد قىلىدىغانلانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەسلى مەنبە: (شەۋقىي تورى) http://www.shewqiy.com

ۋىرۇس تەرجىمىسى
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
تۆھپىسى: 88
پۇلى: 555 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 176
ياخشى باھا: 506
توردا: 11(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-07 12:48

بۇنداق بىر مەنينەت تېمىنى نېمىشقا مۇنبەرمۇ مۇنبەر كۆتۈرۈپ يۈرىدىغانسىلەر باللا
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-07 19:01

ئاۋۇ گېڭ شىمىننىڭ  <<ئۇيغۇر>>دىيىشكە تىلى كۆيىدىغاندەك  نام-ئاتالمىغا دۇچ كەلسىلا <<تۈرۈك>>،<<تۈرۈك>> دېيىشلىرىنى...!؟
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-08 14:11

دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئىشلام  دىنى يارىتىغان. _ ئاۋۇنىڭ <<ئىسلام دىنى بىرقەدەر كېيىن مەيدانغا كەلگەن>>دېگىنىگە قارىغاندا دىنلار تارىخى ھەققىدە ھېچ ساۋادى يوق نەرسىكەن ئۇ...
[ بۇ يازمىنىشامال 2012-07-08 17:25قايتا تەھرىرلىدى ]
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 995
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە995دانە
تۆھپىسى: 136
پۇلى: 1271 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 279
ياخشى باھا: 1271
توردا: 123(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-11-04
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-08 14:47

تارىخنى بىلدۈرۈش ،تارىخىنى سۆيگۈچىلەرنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتى!
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-12 22:02

تارىخنى ھەقىقى سۆيگەن كىشى ،ھەقىقى چىن تارىخنى يورتۇپ بەرگەن بولىدۇ!
شۇنىڭدىن كېيىن يۇرتۇغ دېگەندەك<<تارىخنى بۈلدۈرۈش،تارىخنى سۆيگۈچىلەرنىڭ
يۈكسەك مەسئۇلىيىتى!>> بولىدۇ.
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1021
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1021دانە
تۆھپىسى: 275
پۇلى: 1685 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 540
ياخشى باھا: 1579
توردا: 230(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-11-14
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-07-14 12:23

1-قەۋەت (anayurt) نىڭ يازمىسىغا

تەلىملىرڭىزنى ئايمىغايسىز ، دىققەت قىلدۇق. رەھمەت.
خەلقېم مەن بىلەن