ئادەم بۇدۇنيادا ياشىغانىكەن چوقۇم نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە خۇشاللىق ئىشلارمۇ،خاپىلىق ئىشلارمۇ،ئازاپلىق ئىشلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە مەنمۇ بىر ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم قويغان قىز ئوقۇغۇچى. مەنمۇ نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن. يەنە كېلىپ مېنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىم كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان، بىرقىز ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ چوڭ زەربەبولىدىغان ئىشلاردۇر.
مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۆيۈمىزدە ئۈچ جان بار بولۇپ، كۈنلىرىمىز خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتەتتى. ئاتا-ئانام بەك ئىناق ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئۆيىمىزدە ئانچە كۆپ جىدەل بولمايىتتى. مەن بەزى چاغلاردا شوخلۇق قىلىپ ئاپامنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇپ، تىل ئاڭلايتتىم ياكى تاياق يەيتتىم. لېكىن ھەر قېتىم ئاپام مېنى ئۇرىدىغان ۋاقىتتا دادام تۇسۇۋېلىپ، مېنى ئاپامنىڭ تايقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالاتتى. شۇڭا مەن دادامنى ئۆزۈمنىڭ نىجاد يۇلتۇزى دەپ قارايتتىم ھەم دادامغا بەك ئامراق ئىدىم. دادام نەگە بارسا، مەنمۇ شۇيەرگە باراتتىم.«بىر كۈنى دادام قوشنىمىزنىڭ قۇدۇقىنى ئوڭشاپ بەرگەنگە چىقماقچى بولغاندا، مەنمۇ دادامغا ئەگىشىپ چىقتىم. دادام قۇدۇقنى ئوڭشىغىلى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن چاغدا مەن قۇدۇقنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ، دادامغا قاراپ تۇردۇم ھەم قۇدۇق چۆرۈسىدىكى ئۇششاق بالىلارغا قۇدۇققا چۈشۈپ كەتمەسلىكنى ئەسكەرتىپ تۇردۇم. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۆزۈم قۇدۇققا چۈشۈپ كېتىپ، يۈز- كۆزۈمنى كۆكەرتىۋالدىم. ھېلىمۇ ياخشى قۇدۇق ئىچىدە دادام بار ئىكەن بولمىغان بولسا ئۆزۈمنىڭ نېمە بولۇپ كېتىشمنىمۇ بىلمەيتتىم»مۇشۇ ئىشتىن كېيىن مەن ھەرگىزمۇ باشباشتاقلىق، ئالدىراقسانلىق قىلمايدىغان بولدۇم. كېيىنچە مەن مەكتەپكە كىردىم.تاپشۇرۇقلارمۇ كۈندىن-كۈنىگە كۆپەيدى. دادام، ئاپام ئىككسسى ھەرقېتىم ماڭا ياخشى ئوقۇشنى، ھەربىر ئىشتا ئەستايىدىل بولۇشنى تاپىلايتتى.مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ تەربىيسىنى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تەربىيەلەر ئاستىدا تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇشقا باشلىدىم.
مەن كۈندىن-كۈنىگە چوڭ بولۇۋاتقان بۇ پەيىتتە، بىزنىڭ ئائىلىدىكى خۇشاللىق تۇرمۇشلار ئۆزگۈرۈپ، بۇرۇنقى كۆڭۈللۈك، جىدەل-ماجىراسىز تۇرمۇشتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. دادام ھەركۈنى ۋارقىراپ-جارقىراپ بىزنى ئارامىمىزدا قويمايتتى بىرەر ئىشنى بانا قىلىپ ئاپام بىلەن ئۇرۇشاتتى. تاماق ۋاقتىدا جوزىنى ئۆرۈۋېتىپ، ئاپامنىڭ مىڭ بىر جاپادا ئەتكەن تامىقىنى بىكار قىلاتتى.يەنە بەزى كۈنلىرى بىز بازارغا كېتىپ، كەچىرەك قايتتىپ كەلسەك دادام دەرۋازىنىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرىۋېتەتتى. بىز بولساق قوشنىللىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇراتتۇق. مەن دادامنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولاتتى ھەم ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئاق كۆڭۈللۈكىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ، تاش يۈرەك كىشىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن بۇلارنى ئولىغانسېرى ئاپامنىڭ كۆپ ئۇۋالچىلىق تارتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدىم ھەم ئاپامغا بەك ئىچىم ئاغردى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن مېنىڭمۇ دادامغا بولغان ئامراقلىقىم يوقاپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم. كېيىنچە دادام تېخىمۇ ھەدىدىن ئىشىپ بىزنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولدى. ئاپاممۇ دادامنىڭ قىلغانلىرىغا چىدىماي، ئاخىرى دادام بىلەن ئاجىرشىش نىيىتىگە كەلدى. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا بېشمدىن بىر چىلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك بولۇپ، بەدىنىم ئىختىيارسىز تىتىرەپ كەتتى.ئۆزۈمنىڭ كىچچىكنە تۇرۇپ ئاتىلىق مېھرىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلىسام كۆزۈمگە لىققىدە ياش كىلەتتى. لېكىن ئاپام ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ئۆيدىن ئايرىلمىساق بولمايتتى. شۇڭا ئاپام دادام بىلەن ئاجىرىشىپ مېنى ئىلىپ چوڭ دادامنىڭ ئۆيىگە كەلدى. چوڭ دادام ئاپامنىڭ ئاجىرشىپ يېنىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئىنتايىن ئاچىققلاندى. ھەم ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. بۇ قېتىمقى چوڭ دادامنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ دادام بۇدۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتتى. بۇ ئىش ماڭا قاتتىق زەربە بولدى. بىر قېتىمدا ئىككى يېقىن ئادىممدىن ئايرىلپ قېلىشىم ماڭا زەربە بولماي قالامدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپام ئىككىمىز چوڭ دادامنىڭ بىر ئېغىزلىق ئۆيىدە تۇرۇپ تۇردۇق. بىز بۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقان ۋاقىتتا مېنىڭ ئۈچ تاغام بىزنى «ئۆزۈڭنىڭ يولدۇشىنىڭكىدە تۇرماي بۇ يەرگە كېلىپ تۇرامسەن»دەپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولدى. لېكىن يەنىلا مەھەللە كومىتتنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن جىمىپ قالدى. بىزمۇ ئاشۇ ئۆيدە تۇرىۋەردۇق . بىز ئاشۇ ئۆيگە يېڭىىدىن كۆچۈپ بارغاندا، مەن ھەركۈنى دادام بىلەن چوڭ دادامنى سېغىنىپ يىغلايتتىم. كەچلىرى مەن ئۇخلىيالماي ئاپامغا ئۆزۈمنىڭ ئىنتايىن ئازاپلىنىۋاتقانلىقىمنى ئېيتاتتىم. ئاپام بولسا ماڭا نەسىھەت قىلىپ «بالام، سىز تېخى كىچىك خۇشاللىق كۈنلىرىڭىز ئالدىڭىزدا، ھاياتتىن ئۇنداق ئاسان ۋاز كەچمەڭ»دەپ يىغلاپ كېتەتتى. مەن ئاپامنىڭ بۇەگېپىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنىڭ يەنە نۇرغۇن قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ياخشى ئوقۇشۇم كېرەكلىكنى ھېس قىلدىم. بىراق مەن بۇيەرگە يېڭىدىن كەلگەچكە بۇ يەردىكى مەكتەپلەرنى بىلمەيتتىم ھەم بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزمۇ يېتىشمەيتتى. شۇڭا ئاپام ئىككىمىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي قالغانىدۇق. دەل مۇشۇ پەيىتتە كەننىتتىكى رەھبەرلەر بىزنىڭ قىينچىلىقىمىزنىڭ كۆپلىكىنى بىلگەچكە، يۇقىرغا ئەھۋالنى خەۋەر قىلىپ مېنىڭ ئوقۇشۇمغا چوڭ ياردەم قىلدى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ مەكتەپكە كىرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ھەم چوقۇم تىرىشىپ ئۆگۈنۈشكە بەل باغلىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئاپام مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى چەكتى. كېيىنچە ئاغرىپ قالدى. بۇ ئىشتىن كېيىن بىز يەنە بىر قېتىملىىق سىناققا دۇچ كەلدۇق. ئاپامنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا پۇل يوق بولغاچقا ئاپامنىڭ كېسىلىنى دۋالىتالمىدۇق، كېيىنچە رەھبەرلەرنىڭ ياردەم قىلىشى، جەمىئىيەتتىكى ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن ئاپامنىڭ كېسىلىنى داۋالاتقۇزدۇق. لېكىن ۋاقتىدا دۋالاتقۇزمىغاچقا، كېسەل ئېغىرلىشىپ كەتكەنىكەن. شۇڭا ھازىر ئاشۇ كېسەللكلەرنىڭ ئاسارىتى قالدى.
مەن ھەزىر ئاشۇ ئىشلارنى ئويلىسام، ئۆزۈمنىڭ ئاپامغا يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ ھېچ نەرسىگە ئەسقەتمەيدىغان بالا ئىكەنلىكىمنى، ئاپامنىڭ مېنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى چەككەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ ئاپامغا قەرىزدار ئىكەنلىكىمنى،ئاپامنى بىر ئۆمۈر ئازىلاپ باقساممۇ بۇ قەرىزنى ئادا قىلالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىمەن. شۇڭا مەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، چوڭ بولغاندا بىر ياراملىق ئادەم بولۇپ،ۋەتەنگە، جەمىئىيەتكە بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشۇپ، بىزگە ياردەم قىلغان ئاشۇ ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي، ياخشى ئادەم بولىمەن. چوڭ بولغاندا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى ھەقسىز ئوقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىمەن.
شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ 7-يىللىق 7-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى
<<راست ئىشلار خاتىرىسى دېگىنىمىز ئەدەبىي يېزىقچىلىقتىكى يېڭى بىر ژانىر. شۇڭا بۇ نام ئەسەرگە تېما بولالمايدۇ.شۇڭا ئەسەرگە مۇۋاپىق بىر ماۋزۇ قويۇپ قويۇڭ سىڭلىم)
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:35قايتا تەھرىرلەندى ]