ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 6516 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: (كۆك بۆرە)دىن ۋە مەدەنىيەت<<مۇسىبەت يىغىسى بايانىدا>>
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 200
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
تۆھپىسى: 70
پۇلى: 458 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 110
ياخشى باھا: 356
توردا: 17(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-03-20
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 00:02

(كۆك بۆرە)دىن ۋە مەدەنىيەت<<مۇسىبەت يىغىسى بايانىدا>>

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-05-22)
دىن ۋە مەدەنىيەت

دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ يالغۇزلا ئۇيغۇر مىلىتىگىلا خاس ئۆلچەم ياكى بەلگە بولماستىن دۇنيادىكى ھەر قايسى دىنلار ۋە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت كاتوگىرىيەسىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلماي بولمايدۇ. دىن بىلەن مەدەنىيەت بىر مىللەتنىڭ ئىككى قانىتى. ئەگەر بىر مىللەتتە بۇ ئىككى قاناتنىڭ بىر بولمايدىكەن ياكى بىرى يەنە بىرىدىن ئاجىز بولۇپ قالىدىكەن ئۇ ھالدا شۇ مەۋجۇت مىللەتنىڭ ئومۇمىي تەپەككۈرىلا ئەمەس ياشاش بوشلۇقىدىمۇ زور دەرىجىدە تارىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇنداق كۆرۈلۈش ئۆزىنىڭ تەدىرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا شۇ دىن، شۇ مەدەنىيەت كاتوگىرىيەسىگە تەۋە بولغان مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىدىمۇ بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئۇسقۇرۇلمىسىدىكى بۇنداق غەيرى ئۆسمىلىك بۆلۈنۈش بولسا شۇ مىللەتنىڭ مىللەتلىك خاراكتىرىنى ئاجىزلىتىش ۋە ئەبجەشلەشتۈرۈپ ئاخىرىدا بىر مىللەتنىڭ مىللەتلىك سالاھىيتىدىن مەھرۇم قېلىشىدەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا بىر مىللەتنىڭ (قوۋمنىڭ)تارىخىي شۇ مىللەت تەۋە بولغان ئوخشاش بولمىغان دىن ۋە ئېتىقاتنىڭ تارىخىدىن ئۇزۇن بولغان بولىدۇ. چۈنكى ھەر تۈرلۈك دىننىي ئەھكاملار ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى كىشىلەرنىڭ قەدىمىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەرپا بولغان بولىدۇ. شۇڭا دىننىي ئەھكاملاردا ھەم خۇشخەۋەرمۇ بار ھەم ئىلاھىي قورقۇنچمۇ بار. مەلۇم بىر دىندا ھەم خۇشخەۋەرنىڭ ھەم قورقۇنچنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇشى خۇددى بىر مىللەتنىڭ ئاڭ ئېكىلوگىيەسىدە ھەم دىن ھەم مەدەنىيەت ئورتاقلىقىنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىدەك خاراكتىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ. لېكىن كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى مەيلى دىن ئۇسقۇرۇلمىسى بولسۇن ياكى مەدەنىيەت ئۇسقۇرۇلمىسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى بىرى يەنە بىرىنى زۆرۈر شەرت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرۇشدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ ئىككىسى بىر يەنە بىرىگە ئوخشاش بولمىغان تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسىدىمۇ بولىدۇ. يەر شارىدىكى دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ خاراكتىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن كۈزەتكىنىمىزدە بۇ ئىككىسىدىن بىرى كام بولغان مىللەت(قوۋم) دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن سۈپۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. مەيلى دىننىي ئۇسقۇرۇلما بولسۇن ياكى مەدەنىيەت ئۇسقۇرلىمىسى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆزى تەۋە بولغان مىللەت تۈركۈمىنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئىلغارلىقى ھەممىدىن مۇھىمى بىرلىكىنى كۈچلۈك ئىجتىمائىي ئاساسلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەگەر ئەكسىچە يول تۇتىدىكەن ئۇ ئاۋامغا خاتا رەۋىشتە قوبۇل قىلىندۇرىلغان ياكى مەقسەتلىك-مەقسەتسىز ھالدا خاتا يەتكۈزۈلگەن بولىدۇ. بۇنداق خاتا يەتكۈزۈلۈش دىن ئىگىسى بولغان ئاللانىڭمۇ، مەدەنىيەت ئىگىسى بولغان خەلقنىڭمۇ رازىلىقىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولىدۇ. سەۋەنلىك سادىر قىلغۇچىلارغا ھەر ۋاقىت مۇۋاپىق بولغان قىلمىش جازاسى تەييار تۇرغان بولىدۇ. چۈنكى مەيلى دىننىي ئۇسقۇرۇلما بولسۇن ياكى مەدەنىيەت ئۇسقۇرلۇمىسى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ماھىيەت جەھەتتىن مەلۇم كۆلەمدىكى كىشىلەرگە مەنسۇپ، بۇ ئىككىسى بىز باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىككى قانات بولغاچقا ھېچكىمنىڭ خاتا چۈشەنچە، يىتىم قاراش، مۇساپىر ئىدىيە، نىيىتى دۇرۇس نەتىجىسى بىدۇرۇس بولغان سۆز تەلىملىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ بۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئادا-جۇدا قىلىۋىتىش ھوقۇقى يوق. دىننىڭمۇ ئۆزىگە مەنسۇپ يەتكۈزگۈچىسى، مەدەنىيەتنىڭمۇ ئۆزىگە مەنسۇپ يەتكۈزگۈچىسى بولىدۇ. دىن بىلەن مەدەنىيەت ئەزەل ئەبەتتىن بىر يەنە بىرىگە رەقىپ بولۇپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يەتكۈزگۈچىلەرمۇ بىرى يەنە بىرىگە رەقىپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا يەنە بىرى يەنە بىرىنى قارىقويۇق، قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرمەسلىكى كېرەك. مەيلى دىن بولسۇن ياكى مەدەنىيەت بولسۇن ئۇلار بىروۋنىڭ شەخسىي كۈلبىسى ئەمەس بەلكى شۇ مەۋجۇت بىر توپقا ئورتاق بولغان گەۋدە. جۈملىدىن بۇلارنى قوغداش شۇ بىر توپنىڭ قىممەت قارىشىنى، دۇنيا قارىشىنى، مەنىۋىيەت قارىشىنى قوغداش بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ. ئەگەر بىرى بۇ خىل ئوڭ تاناسىپلىق ھالەتنى تەتۈر تاناسىپلىق ھالەتكە ئۆزگەرتمەكچى بولىدىكەن بۇ پەقەت مەلۇم ۋاقىت بىرلىكىدىكى جەريان بولىدۇ، خالاس. چۈنكى ئۇزۇن يىللىق ۋاقىت بىرلىكىدىكى مىزاننى ئۆزگەرتىۋىتىش مۈمكىن ئەمەس. پەقەت مەلۇم كۆلەمدە، مەلۇم دائىرىدە، مەلۇم ۋاقىت بىرلىكى ئىچىدىلا بۇزغۇنچىلىق قىلىىش بىلەنلا خاراكتىرلىنىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق مەلۇم كۆلەمدىكى بۇزغۇنچىلىقنىڭ بىر مىللەت(قوۋم)نىڭ مەنىۋىي ئېكىلوگىيىسىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن بىر شەخسنىڭ مەلۇم كۆلەمدىكى بۇزغۇنچىلىقىنى رەتلەش ئۈچۈن يەنە زور بىر تۈركۈمدىكى شەخسلەرنىڭ ھەتتا بىر ئۆمۈرلۈك مېھنىتى سەرپ بولۇپ كېتىشى مۈمكىن.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن، دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىردەكلىكى ھەققىدىكى بىر قىسىم ئەمەلىي پاكىتلىق تەييارلانمىلارنى ئۆزۈم مەنسۇپ بولغان كاتوگورىيە ئىچىدىكى توپقا بۆلەكلەر بويىچە يەتكۈزمەكچىمەن. بۇ مۇنازىرە ئەمەس، ئەمما قاراشلارنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ يەكلەش ئەمەس، ئەمما بىرلىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ. بۇ بىر شەخسنىڭ ئەمەس بىر توپنىڭ ئىزتىراپلىق يۇلقۇنۇشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا سىز بۇ يازمىلارنى كۆرۈش جەريانىدا مەن ھەققىدە بىر نېمە دېمەكچى بولسىڭىز ھۆججەتلىك رەۋىشتە بىر نېمە دەڭ. چۈنكى سىز تىلغا ئالغان ياكى ئالماقچى بولغان نەرسە مەندە مەۋجۇت بولمىسا ئۇ ھالدا ئۇ نەرسە سىزدە مەۋجۇت بولۇپ قالغان بولىدۇ. ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى بىز ھەممىمىز بىر باغنىڭ مېۋىلىرى. ھەممىمىزنى ياراتقان بۈيۈك زات ھەممىمىزگە ساغلام تەن، ساپ ئەقىل ئاتا قىلغاي!

1.   مۇسىبەت يىغىسى بايانىدا
ھازىر جەمىيىتىمىزدە بىزگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھادىسلەرنىڭ بىرى مۇسبەت يىغىسىنىڭ دۇرۇس ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى مەسىلىسى. بۇ مەسىلە قانداقتۇر بىر بىرەر قېتىملىق نۇتۇق بىلەنلا يا ئۇياق، يا بۇياق بولۇپ كېتىدىغان مەسىلە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلە بىر ئائىلە كىشىلىرىنى مۇسىبەت ئىچىدە ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈش گىردابىغا ئاپىرىپ قويماقتا. بارا-بارا بۇ مەسىلە جەمىيەتلىشىپ توپ ئىككى پارچە بولۇشنىڭ ئالدىنقى بىشارەتلىرىنى ئايان قىلماقتا. بۇ ھال ئەقلى ئويغاق، ئىمان-ئېتىقادى مۈكەممەل ھەرقانداق بىر ئادەمنى ئويلاندۇرماي، ئەپسۇسلاندۇرماي ھەتتا غەزەپلەندۈرمەي قالمايدۇ. تۇرۇپ شۇنداق ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ.
<<ئاپپاق غوجىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا جاھالىيىتى بىزگە يەنە بىر قېتىم نومۇس بىلەن مېھمان بولامدۇ-قانداق>>
ئەمەلىيەتتە مەلۇم كۆلەمدىكى ياكى مەلۇم شەخسلەرنى بىرلىك قىلغان مەلۇم مۇھىتتىكى پىكىر بۆلۈنىشى ئاقىۋەتتە ئومۇمىي توپنىڭ پىكىر بۆلۈنىشىنى، بۇ پىكىر بۆلۈنىش بولسا ئىجتىمائىي، ئىقدىسادىي بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىز يەتمەكچى بولغان نىشان ئەمەس بەلكى بىز ئىنكار قىلماقچى بولغان نىشان. چۈنكى بىزدە مۇنداق بىر ھېكىمەت بار.
<<ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر>>
ئەمما ئۆڭكۈرى بار ئېيىق بىلەن قاپتىلى بار بۆرە بولسا بىزنىڭ ئىزتىراپلىرىمىزدىن پەرۋاسىزدۇر. توپاقنى ئېيىقتىن، كوينى بۆرىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قوتاننى مۇستەھكەملەشلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى چوپان توپاق بىلەن ئېيىقنىڭ، بۆرە بىلەن قوينىڭ ماھىيىتى، خاراكتىرى، پەرقىنى ئوچۇق بىلىشى ۋە قوتان ئالدىدا كەپە تىكىپ مالنى قوغدىشى زۆرۈردۇر.
دېمەك پىكىر بىرلىكى دېگەن ئالتۇن ئاچقۇچ. ئۇ بىر شەخسنى ئەمەس پۈتۈن بىر توپنى ئىناق-ئىتتىپاقلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. ئەممە مەن يۇقۇردا تىلغا ئالغان ھەم بۇ تېمىنىڭ سەپەر مەزمۇنى بولغان مۇسىبەت يىغىسى مەسىلىسىدە بولسا بىزدىكى پىكىر بىرلىكى پارچىلىنىپ كەتتى. شۇڭا ئوخشاش بولمىغان قاراشلار بىلەن قوراللانغان ئىككى توپ رېئاللىقىمىزدا يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ، ئاجىزلىقتىن زورىيىپ، يوشۇرۇنلۇقتىن ئاشكارلىنىپ بىزنىڭ مەنىۋىي مۇھىتىمىزدا سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا. بۇ مەسىلىنىڭ كېلىپ چېقىشى مۇنۇ ھەدىس بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
<<مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەرھۇمغا يىغلىسا، مەرھۇم ئازابقا ئۇچىرايدۇ>>
مانا مۇشۇ نۇقتىدا پىكىر ئىختىلابى پەيدا بولۇپ، بىر ئىدىيە ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىۋاتماقتا. مۇسىبەت يىغىسىنى قوللىغۇچىلار بولسا <<توينىڭ نەغمىسى، ئۆلۈمنىڭ ھازىسى بولىدۇ، بىز يەرگە بىر باش چامغۇر كۆمۈپ قويمىدۇق بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ياكى ئاتىسى، ياكى ئانىسى، ياكى بىر تۇققان قېرىنداشلىرىنى كۆمۈپ قويىۋاتمىز. شۇ پەيتلەردىكى ئىچ ئاغرىقىغا يۈرەك قانداقمۇ چىدىسۇن. يۈرەكنىڭ سېزىمى چىشى ئاغرىقىغا پەۋا كېلەلمەي پەريات قىلىدۇ-يۇ، بىر ئۇزالغۇچىغا قانداقمۇ پەۋا كېلەلىسۇن>> دەپ ئۆز پىكىرلىنى ياقلىسا، مۇسىبەت يىغىسىنى رەت قىلغۇچىلار بولسا يۇقارقى ھەدسىنىڭ روھى بويىچە ئۇلارنى چەكلەش پىكىرىنى ياقلايدۇ. نەتىجىدە بىرىنىڭ پىكىرى يەنە بىرىگە ماس كەلمەي بىر يەنە بىرىدىن قىيداش پىسخىكىسى، بىرى يەنە بىرىنى گۇناھكارلىقتا ئەيىپلەش ھالىتى، بىرى يەنە بىرىنى ساپاسىزلىقتا كەمسۇندۇرۇش خاھىشى كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر باغدىكى ئىككى تۈپ مېۋىلىك شاخ بىر يەنە بىرىنىڭ غولىنى قايرىشقا باشلايدۇ. ئادەمنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى ئۇلادا قارىماققا بىر بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت ئەسلا يوقتەك، پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ قارىشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ پىكىرىگە كىرگۈزۈشنىلا مەقسەت قىلغاندەك كەيپىيات كۆرۈالىدۇ. لېكىن ھەر ئىككى پىكىر ئېقىمىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ  ياقلاۋاتقىنىنىڭ قانداقتۇر بىر شەخسنىڭ ئائىلىۋى مىزانى بولماستىن بەلكى ئومۇمىي بىر توپنىڭ قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. دەرەخ ئوتتۇز يىلدا، ئەل ئەللىك يىلدا تېڭىلىنار دېگەن مىزاننىمۇ يادىغا كەلتۈرمەيدۇ. نەتىجىدە ئاز مەنپەتنى دەپ كۆپ مەنپەتنى ئىسراپ قىلىپ تاشلايدۇ. مۇسىبەت تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم دىننىي كاتۇگىرىيەگە ھەم مەدەنىيەت كاتوگورىيەسىگە تەۋە بولىدۇ. ئۇنىڭ دىننىي كاتوگۇرىيەگە تەۋە بولۇشىنى تەبىئەتتىن ھالقىغان بۈيۈك كۈچنىڭ ئىرادىسى بەلگىلىگەن بولسا، مەدەنىيەت كاتوگۇرىيەسىگە تەۋە بولۇشىنى ئۇنىڭ مىللەتلەر ئارا بولغان شەكىل ۋە مەزمۇندىكى پەرق بەلگىلىگەن. شۇڭا قارىغۇ قاسساپ گۆش بىلەن بەزنى قوشۇپلا كېسىپ تاشلىغاندەك بۇ ئىككى كاتوگۇرىيەنى بىر بىرىدىن سەۋەپسىزلا كىسىپ تاشلاش بىز دەۋاتقان پىكىر بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.
جاھالىيەت دەۋرى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللەردە مۇسىبەت يىغىسىنىڭ قاتتىقلىقى ئىلىم ئەھلىگە ناھايىتى روشەن. ئويلاپ بېقىڭ: يۈزىنى تىغ بىلەن تىغلاش، بەدەننى مورىلاش، چاچ-تىرناقلارنى يۇلۇش... بۇلار ئۆز دەۋرىدىكى مۇسىبەت يىغىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللىرى ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەننىڭ ئازاپ چېكىشى روھنىڭ ئازاپ چېكىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا بىزنىڭ ئىسلام دېنىمىز بۇنداق شەكىلدىكى قەبىھ مۇسىبەت يىغىلىرىغا چەك قويغان، چەكلىگەن. شۇنداقتىمۇ 1400يىلدىن ئارتقان يىللار مەبەينىدا خەلقمىز ئىچىدىكى مۇسىبەت يىغىسى ئىزچىل داۋاملىشىش  بىلەن شەكىلدە ئۆزگۈرۈش ياسىغان. ئەمما ئۇنىڭ ھەسرەت چېكىش، ئىچ ئاغرىقى تارتىش خاراكتىرى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مۇسىبەت يىغىسى مىللەت ئىچىدىكى ئورتاق پىكىر ئېقىمىنى بىر بىرگە قارىمۇ قارىشى ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ئەگەر بۇ ھال مۇشۇنداقلا كېتىۋىرىدىغان بولسا كېسىپ ئېيتىمەنكى ئاپپاق غوجا يەنە قايتا تاغلىرىمىزدا شەيتان ساماسى سالغىسىدۇر. شۇڭا ئومۇمىي توپنىڭ پىكىر بىرلىكىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بىز بىر پارچە نۇتۇق بىلەن ناتىق، بىر ئېغىز قاراش بىلەن زىيالى، بىر جۈملە نەسىھەت بىلەن دۇئاگۇي بولۇپ كەتمەيمىز. بەلكى بىر توپنىڭ پىكىر ئېقىمىنى شالغۇتلاشتۇرۇپ ياكى پارچىلاپ تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرغان بارلىق ھەركەتلىرىمىز بىزگە خەيرىلىك نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە جانابىي ئاللاتئاللا مۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ:
<<ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى>>
شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەركىتىدە مەلۇم بىر توپنىڭ ئەمەس بەلكى پۈتۈن بىر توپنىڭ مەنپەتىنى ھەركىتىمىزنىڭ ئۇل تېشى قىلىشىمىز ئەڭ زۆرۈردۇركى، بىر مىللەتنىڭ ئىككى مۇھىم كاتوگىرىيەسىنى بىربىرىدىن ئايرىۋەتمەسلىكىمىز لازىم. بىر مىللەتنىڭ ئىككى كاتوگىرىيەسى بىر مىللەتنىڭ پەرۋازدىكى ئىككى قانىتىدۇر.
بۇ باياننىڭ ئاخىرىدا مۇسىبەت يىغىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنى يۇقارقى <<مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەرھۇمغا يىغلىسا، مەرھۇم ئازابقا ئۇچىرايدۇ>>
دەپ قەيت قىلىنغان ھەدىسنىڭ تولۇق نۇسخسىنى نەقىل ئېلىش بىلەن بۇ بىر تۈرلۈك بايانلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.
-- ھەزرىتى ئائىشەنىڭ ئىسلامىيەتكە قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ھەدىس ئىلىمگە ئائىت خىزمەت ئىدى. ئۇ زامانداشلىرىنىڭ رىۋايەتلىرىگىمۇدىققەت قىلاتتى. ئۇلار خاتا ئاڭلىغان نەرسىلەرنى تۈزۈتەتتى.
ھەزرىتى ئائىشە ھەدىسلەردە رىۋايەتلەرنىڭ قۇرئانغا خىلاپ بولغان، بولمىغانلىقىغا ئىنتايىن دىققەت قىلاتتى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباس، ئاندۇللا ئىبنى ئۆمەر بىلەن بەزى ساھابىلەر پەيغەمغەر ئەلەيھىسسالامدىن: <<<<مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مەرھۇمغا يىغلىسا، مەرھۇم ئازابقا ئۇچىرايدۇ>> دېگەن ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرگەن ئىدى. بۇ رىۋايەت ھەزرىتى ئائىشەنىڭ يېنىدا ئېيتىلغاندا، ھەزرىتى ئائىشە ئۇنى قوبۇل قىلماي: <<رەسۇلۇللا ھەرگىز ئۇنداق دېمىگەن>> دېدى.
ۋەقە مۇنداق بولغانىدى: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ جىنازىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىدە ئايالنىڭ يېقىنلىرى پەريات قىلىشىۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: <<بۇلار پەريات قىلىشىۋاتىدۇ، بۇ پەرياتلار ئۇنىڭغا ئازاب بولىدۇ>> دېگەنىدى. بۇخارى بەدىر جېڭى ھەققىدە توختالغىنىدا يىغلاشنىڭ ئازابقا سەۋەپ بولالمايدىغانلىقىنى ئىزاھلىغان. مەرھۇم پەقەت ئۆزى قىلغان گۇناھلارنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. ھالبۇكى، يىغلاش مەرھۇمنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ ئىشى. بۇ ئىشنىڭ بىرەر جاسازى بولسا، ئۇنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئۆزى تارتىدۇ. بۇ مەرھۇمنىڭ گۇناھى سانالمايدۇ. شۇڭا، ھەزرىتى ئائىشە يۇقۇردىكى ئىزاتنى بەرگەندىن كېيىن، <<بىر ئىشنىڭ ۋابالىنى باشقىلارغا يۈكلىمەڭلار>> دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇغانىدى.
رىۋايەتچى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: <<ئىبنى ئۆمەر ھەزرىتى ئائىشەنىڭ بۇ ئىزاھاتىنى ئاڭلىغىنىدا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىغانىدى>>
سىز ئوخشاش بولمىغان پارچىلاش ئۇسسۇلى بىلەن بىر دانە تاۋۇزنى پارچىلاپ باقسىڭىز بەلكىم ئوخشاش بولمىغان خەيرىلىك نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر بولىشىڭىز مۈمكىن. لېكىن ئوخشاش بولمىغان پارچىلاش ئۇسسۇلى بىلەن بىر توپنى پارچىلىسىڭىز ئوخشاش بولغان بىخەير نەتىجىگە مۇيەسسەر بولىشىڭىز ئېنىق. شۇڭا دېققەت قىلىڭ، مىللەت توپى دېگەن بىز نېمە دېسەك تەستىقلاۋىرىدىغان بىزنىڭ تۆت ئەتراپىمىزدىكى قوشنىمىز ئەمەس، ئۇ بىزنىڭ بارلىقىمىز!

 

 

 

(2. مۇسىبەت ئىقى بايانىدىكى تەييارلانمىلىرىم مۇۋاپىق پۇرسەتتە ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ)
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+30(ئۈمىديار) ئىسىل يازما
  • دوستلىشىش
    بورتالا
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 156
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
    تۆھپىسى: 39
    پۇلى: 259 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 59
    ياخشى باھا: 229
    توردا: 14(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-18
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 00:44

    شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملاشقان ۋاقتى 16-ئەسىردۇ كۆكبۆرە ئەپەندىم ؟
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 200
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
    تۆھپىسى: 70
    پۇلى: 458 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 110
    ياخشى باھا: 356
    توردا: 17(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-03-20
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 00:50

    سۇلتان ساتۇق بۇغراخانغا ئاھانەت قىلغۇم يوق، بورتالا!
    دوستلىشىش
    بورتالا
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 23
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 2
    ئومۇمىي يازما: 156
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە156دانە
    تۆھپىسى: 39
    پۇلى: 259 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 59
    ياخشى باھا: 229
    توردا: 14(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-18
    ئاخىرقى: 2012-03-28
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 00:56

    سىزچە سولتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى بىلەن پۈتۈن مەركىزى ئاسىيا  ئىسلام دىنىغا كىرگەنمىدۇ ؟ قارخانىلار خاندانلىقى ئەسلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خاندانلىقىغا قارام دۆلەت ئىدى ، سىزنىڭچە بالىسى نېمە دېسە شۇنۇڭغا ماڭىدىغان دادا بارمىدۇ؟
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 200
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
    تۆھپىسى: 70
    پۇلى: 458 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 110
    ياخشى باھا: 356
    توردا: 17(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-03-20
    4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 01:08

    سۇئالىڭىزغا سۇئال بىلەن جاۋاپ بېرەي بورتالا.
    ئۇنداقتا سىز تىلغا ئالغان 16-ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى 21-ئەسىردىمۇ پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيا ئىسلام دىنىغا كىرىگلىكمۇ؟
    يەنە بىر مەسىلە،ئىسلامغا كىرىش دېگەن سۆزنىڭ توغرىسى: ئىسلامغا قايتىش.
    چۈنكى ئىبراھىمنىڭ دىنى ئىسلام ئىدى.
    دوستلىشىش
    نەزىرىيە
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 560
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    تۆھپىسى: 0
    پۇلى: 3 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 0
    ياخشى باھا: 3
    توردا: 0(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-22
    ئاخىرقى: 2011-05-22
    5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 15:11

    ..شۇنداقلا يەنە بىرى يەنە بىرىنى قارىقويۇق، قارىغۇلارچە ئىنكار قىلىش باسقۇچىغا كۆتۈرمەسلىكى كېرەك..
    دىن بىلەن مەدەنىيەتنى ئايرىپ تەھلىل قىلىپ، ئارقىدىن ئىككىسىنى ئايرىشقا  قارشى تۇرۇش، ئاخىرىدا ھەر ئىككىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقىچە بولغان جەرياندا، پىكىر _ مەسىلىنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇش، نەچچە بۆلەككە مەجبۇرەن پارچىلاش ۋە خاتا خۇلاسە چىقىرىش مۇساپىسىنى تاماملىغان خالاس
    <<ئاپپاق غوجىنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا جاھالىيىتى بىزگە يەنە بىر قېتىم نومۇس بىلەن مېھمان بولامدۇ-قانداق>>
    ئۇششاق مەسىلىگە بەك دىققەت قىلىدىغانلار قاچان ئازىيىدىكەن، شۇ چاغدا بۇنداق مەسىلىلەر تۆردىن چۈشۈشكە باشلايدۇ. يۇقارقىدەك تەھلىل ۋە يەنە باشقا مۇشۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا قىزىقىدىغانلار( ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇچىلار) يىغىنى يىغلاش-يىغلىماسلىقنىڭ توغرىلىقىنى ئېنىقلاپ بولغۇچە، ساقال قويۇش-قويماسلىق، بۇرۇت قىرقىش-قىرقىماسلىق، قولتۇقنىڭ تۈكىنى يۇلۇش-يۇلماسلىقتەك مەسىلىلەر نۆۋەت بويىچە ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشىدۇ.
    قىسقىسى بۇ تېمىدا، مەدەنىيەت دىنغا ئوخشىمايدۇ ھەم بويسۇنمايدۇ، دېگەندەك ئىدىيە نىقاپقا ئېلىنغان يوسۇندا ئىپادىلەنگەن.
    نە دىنغا، نە مەدەنىيەتكە ئېنىق ياكى لىللا تەبىر بېرىلمىگەن بولغاچقا، قەلەم ئىگىسى تېمىنى مەلۇم بىر خىل پاسسىپ كەيپىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە يازغان بولسا كېرەك دېگەن ئويدا بولدۇم.
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 562
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    تۆھپىسى: 1
    پۇلى: 4 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 2
    ياخشى باھا: 4
    توردا: 0(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-22
    ئاخىرقى: 2011-05-22
    6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 15:29

    بىلگەنلە ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە ئوتتۇرغا قويلۇپتۇ. مىللەت ئىچىدىكى زىدىيەتكە دىققەت قىمىغان ئادەم بۇنى ھېس قىلالمايدۇ. ئەمما ئۈستۈمدىكى ئىنكاس يوللۇغچى بىھۇدە گەپ قىپتۇ. ئۇ ئۈچۈن ئەل ئامان جاھان تېنچ، مۇشۇنداق ئاددىي. راس دەيدۇ. مۇسىبەت يىغىسى يۈرەكتىن چىقىدۇ. ئەگەر ئۇ تاش بوممىسىلا..........
    دوستلىشىش
    ئۈمىديار
    ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 646
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
    تۆھپىسى: 114
    پۇلى: 994 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 174
    ياخشى باھا: 890
    توردا: 321(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-05-08
    7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 16:48

    شۇ ئاق كۆڭۇل، ساپ نىيەت، ساددا قېرىنداشلىرىمىز، كۆپىنچە ھاللاردا بىلىپ-بىلمەي تىلىمىز ئارقىلىق بۇ 'توپنى' پارچىلاشقا سەۋەپچى بۇلۇپ قېلىۋاتىمىز. «قېرىندىشىم،بۇرادىرىم» دېگەن بۇ سۆزنى ئىشىلتشتە بەك بېخىللىق قىلمايلى، بىز ئۇيغۇرلا ھەممىمىز قان-قېرىنداشلامىز .
    ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 13
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 3
    ئومۇمىي يازما: 200
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە200دانە
    تۆھپىسى: 70
    پۇلى: 458 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 110
    ياخشى باھا: 356
    توردا: 17(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-17
    ئاخىرقى: 2013-03-20
    8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 18:59

    نەزىرىيە!
    ماڭا قالدۇرغان بۇ قىسقىغىنە جۈملىڭىزدە قانداق لوگىكىلىق خاتالىققا يول قويغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز. قاراڭ، <<دىن بىلەن مەدەنىيەتنى ئايرىپ تەھلىل قىلىپ>>دەپ ئاپسىز. بۇ گەپ خۇددى يەر بىلەن ئاسماننى ئايرىپ تەھلىل قىلىپ دېگەندەكلا گەپ بولۇپ قاپتۇ. چۈنكى مەن تونۇشقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئاڭ فورماتسىيىسىدە نىسپىي مۇستەقىل شەيىلەر تولۇق رەۋىشتە ئايرىپ تەھلىل قىلىنىدۇ.
    سىز ئارقىدىنلا يەنە <<ئىككىسىنى ئايرىشقا  قارشى تۇرۇش،>>دەپ مەن مۇشۇ يازمىنى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئوچۇق تىلغان ئۆزۈمنىڭ سۆزىنى ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بېرىپسىز. خۇددى مەن يوللانمىنى يوللاپ بولغاندىن كېيىن كىمدۇر بىرىگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ، ئىككىسىنى ئايرىشقا قارىشى تۇرمايتىم، دەپ قويغاندەك. سىزنىڭ بۇ خىل پىكىر قىلىش ھەركىتىڭىزدىن كېسەك ئالتۇن بىلەن باشنى يارغاندەك بىر خىل يات ھالەتنى ھېس قىلدىم.
    داۋامىدا بولسا <<ئاخىرىدا ھەر ئىككىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقىچە بولغان جەرياندا، پىكىر _ مەسىلىنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇش، نەچچە بۆلەككە مەجبۇرەن پارچىلاش ۋە خاتا خۇلاسە چىقىرىش مۇساپىسىنى تاماملىغان خالاس>> دېگەندەك ، سۆزىڭىزنىڭ بېشى ئاخىرىنى، ئاخىرى بېشىنى ئىنكار قىلىدىغان بايان بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپسىز.
    قاراڭ: مەسىلىنىڭ ئايرىم تەھلىل قىلىنىشىمۇ، ئىككىسىنى ئايرىشقا قارىشى تۇرۇپ ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاشمۇ ھەم ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى مۇھىم دەپ ئەمەس ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا رەت قىلغۇسىز مۇھىم رولى بار ... دېگەن بۇ دىيىلمىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەن ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما سىز مەن دېگەن گەپنى قىيىپ كىسىپ ماڭا دەپ بېرىپ خۇلاسە چىقىرىپسىز. خۇلاسە دېگەن بۇنداق قىيىلغان گەپلەردىن چىقمايدۇ. قىيىلغان گەپلەردىن شىكەر يالىتىلغان ئۇر توقماق چىقىدۇ. بۇنى بىز مۇنازىرە دېمەيمىز. بەلكى پاكىتسىز، ھۆججەتسىز سۆز باياۋىنىدا تېنەپ يۈرۈش دەيمىز. چۈنكى سىز ئۆزىڭىز رەت قىلىش ئېھتىمالى زور دەپ قارىغان يەرلەردىنلا قىسمەن پايدىلانغان. خۇددى بالىسىغا ئاتىسىنى تىللىتىشنى مەقسەت قىلغاندەك. لېكىن مەسلىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى، مەسىلىنىڭ كىلىپ چىقىشى، مەسىلىنىڭ بىزگە يۈزلىنىپ بولىۋاتقان يۈزلىنىشى ھەققىدە چىغىر يولدىن ئەگىپ كەتكەنكەندەك ئەگىپ كىتىپسىز. بىر پۈتۈن يوللانمىدىن بىر نەچچە قۇر يۇلىۋىلىپ مەسىلە ھەل قىلىشنى سىزگە كىم ئۈگەتكەن بولسا ئۈگەتكۈچى مەقسىتىگە يېتىپتۇ دەپ قارىدىم. بۇ سۆز ماھارىتى ياكى گەپ تېخنىكىسى تالىشىدىغان مەسىلە ئەمەس بەلكى بىر مىللەتنىڭ پىكىر ئېقىمىدا بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلە. شۇڭا مەن يوللانمىنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق بىر نۇقتىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا قاراش ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغانلار مەزمۇننىڭ ماھىيىتى بىلەن يوللانمىدىكى سۆزلەرنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىدەك مەقسەتنى تونۇپ يېتىشىڭلارنى سورايمەن. سەمىڭىزلارغا سالىمەنكى، سىز ئىدىيە، پىكىر، ھەركەت بىلەن قاتناشماقچى بولغان بۇ مەسىلىلەر ھاياجان بىلەن ئىنكاس يېزىلىدىغان قانداقتۇر بىر، مېنىڭ خوتۇنۇم بىلەن بولغان زىدىيەتلىك مەسىلىلىرىم ئەمەس بەلكى بۇ، ماڭا ئوخشاش سىزمۇ تەۋە بولغان ئومۇمىي بىر توپنىڭ مەسىلىسى. مەسىلىنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ھەل بولۇشى شۇ ئومۇمىي توپنىڭ تاش ياكى قۇم بولۇشىغا باغلىق. شۇڭا سۆزلىگەن، كۇنۇپكا تاختىسىدا خەت باسقان ۋاقتىڭىزدا كۆز ئالدىڭىزدا بۇ بىر توپ ئايان بولسۇن. بەلكى ئۇ ھالدا پىكىرلەر يەنىمۇ مۈكەممەل توغرا يولغا كارۋان تارتار.
    ئىنسسانغا تەپەككۈر بىلەن ئۇقۇشنى ئۈگەتكەن بۈيۈك زات ھەر بىرىمىزگە ساپ ئەقىل، ساغلام تەن ئاتا قىلغاي!
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 34
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 93
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
    تۆھپىسى: 6
    پۇلى: 104 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 14
    ياخشى باھا: 104
    توردا: 44(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-02-19
    ئاخىرقى: 2012-05-20
    9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-23 01:28

    مىيىتقا دىلدا قايغۇرۇپ ياش تۆكسە گۇناھ بولمايدۇ ، گۇناھ يۇقۇرى ئاۋازدا ئاللا- توۋا سېلىپ ۋە قوشاق قېتىپ ، شۇنداقلا قازا قەدەرگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ يىغلاشتىن ئىبارەت شەرىئەت چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشتا بولىدۇ .
    قوشاق قېتىپ يىغلاش دېگەنلىك: مىيىتنىڭ ياخشى ئىشلىرنى ساناپ يوقۇرى ئاۋازدا ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ يىغلاش .
    ئۈن سېلىپ يىغلاش دېگەنلىك : مىيىتنىڭ ياخشى ئىش -ئىزلىرنى ساناپ يىغلاش، ئەگەر كىشى ئائىلىسىدىكىلەرگەئۆلۇشتىن بۇرۇنلا ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن يوقۇرى ئاۋازدا ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ يىغلاشقا ۋەسىيەت قىلغان ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە شۇنداك يىغلايدىغانلىقىنى بۇرۇن بىلىپ توسمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن يىغا-زارە قىلىشى بىلەن مىيىت ئازابقا دۇچار  بولىدۇ .