باقمىدىڭ
قاراخان
كۆزيەتكۈزسىز بۇغداي -قوناقنى،
خامان تېپىپ چەشلەپ باقمىدىڭ .
يېتىىم -يېسىر ,يالاڭ ئاياغنى،
مېھرىڭ بىلەن سىلاپ باقمىدىڭ.
كەتتى پۇلۇڭ چوكان -شاراپقا ،
قېرىنداشنى ئەسلەپ باقمىدىڭ.
پۇل سورىسا بالاڭ كىتاپقا ،
قاپىقىڭنى پەقەت ئاچمىدىڭ.
ئېتىز -ئېرىق قىرلارنى قىرلاپ ،
شۇمبۇيا چۆپ يۇلۇپ باقمىدىڭ .
ئۆيدىن تاندىڭ ھەپتە ۋە يىللاپ ،
بۇسۇغاڭنى پۇراپ ياتمىدىڭ .
يېشىل ئۆيلەر سېلىندى رەت-رەت،
خارابەڭنى تېخى چاقمىدىڭ.
ئوتۇن -ياغاچ ,كۈمۈر ئۆكسىسە ،
بىر كۆتەكنى يېرىپ ياقمىىدىڭ .
يۈردۈڭ قىمار, نېشە كويىدا ،
ئائىلە ئۈچۈن ئۈچكە چاقمىدىڭ .
بالاڭ ئۆسەر كىمنىڭ خۇيىدا ،
يولىغا نۇر- چىراق ياقمىدىڭ .
يۈردۈڭ ياتنى سەۋدا ئىكەن دەپ،
ئېيتىپ باقە ئۈزۈڭ ساقمىدىڭ؟
ئۈمرۈڭ ئۆتتى چىن دوستنى ئىزدەپ،
ئەپسۇس ئۇنى ھېچ ئۇچراتمىدىڭ .
تۇققان ،تۈگۈل ،بوۋا ،موماڭغا،
بىر توخۇمۇ سويۇپ تارتمىدىڭ .
يىلىگ بېرىپ باققان ئاتاڭغا،
سۆڭەككىمۇ ...ئەسقاتمىدىڭ .
ئەقەللىسى ئەل- يۇرت ئاۋامنىڭ ،
ئوت -سۈيىدە كۈيۈپ، ئاقمدىڭ .
قالساڭمۇ گەر چاڭنىڭ تېگىدە،
ئۆزگىلەردەك تۈگەل قاقمىدىڭ .
قېرى -ياشقا پاناھ ،ھامى بوپ،
ئەركەكلىكنىڭ قەنتىن چاقمىدىڭ .
توۋا قىلساڭ بۇلار ئىدى خوپ ،
تۇيۇق يولدىن ئالتۇن تاپمىدىڭ.
قىلغان ۋەزلەر شېكەرمۇ -زەھەر ؟
ئەقلىڭ بىلەن تېتىپ باقمىدىڭ .
ھەقىقى دوست ھەقنى تەگىشەر ،
ھەقنى ئاڭلا! گاس قۇلاقمىدىڭ ؟
ئەقلىڭ سېنىڭ گەجگەڭدە ئەمەس،
بىر تاپقا چۈش سەن ئۇلاقمىدىڭ؟!
2004-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-06-28 19:58قايتا تەھرىرلىدى ]