لەگلەكچى بالا
ئىبنۇرى
سەن _
بالقىپ تۇرغان سۈزۈك نۇر،
زور ئۈمۈد
سەبئىي ئىستەك
قىززىق ھەۋەس
شامال تىلەپ تۇرىسىە پەۋەس.
سەھەر _
سۆيەر سەلكىن
سىلاپ مەڭزىڭنى
ۋە شۇندا،چېكىپ ئۆتەر،
ئوتقاشتەك قەلبىڭنى.
ئەنە _
پەرۋاز قىلماقتا كۆكتە لەگلەك،
كۆكتە ئۆزۈڭ سەيرە قىلغاندەك.
شۇنداق _
پارلاپ تۇرار زەڭگەر قوينىدا،
مىسالى بىر ھېلال ئايدەك.
سەن _
ئاپئاق نۇردا سۇغرۇلغان،
ئىتتىك قىلىچتەك؛
ئۈزگىن سامادا ؟!
ئۇچقۇر شۇڭقاردەك.