ھۇشىغا كەلتۈرۈش ھەركىتى. ئامېرىكىنىڭ پورتلاند شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن <<ھۇشىغا كەلتۈرۈش ھەركىتى>>نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئاۋۋال ئۇلاردىن 80 ئامېرىكا دوللىرى ئېلىنىدىكەن، ئاندىن ئۇلارنى سېسىق پۇراق قاپلىغان سەرگەردانلار ياتىقىدا ياتقۇزىدىكەن.
ئوغرىلىق ئارقىلىق ئوغرىنى تۈزەش. ئامېرىكىنىڭ تېننېسسى ئىشتاتىدا نەرسە-كېرىكى ئوغرىلانغۇچى ئوغرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ قىممىتىگە باراۋەر مال -مۈلكىنى ئېلىپ كەتسە بولىدىكەن.
جىنايەت ئېلانى. ئامېرىكىدىكى بىر سودىيە جىنايەتچىنى جازالايدىغان بىر خىل يېڭى ئۇسۇلىنى<<كەشىپ>> قىلغان بولۇپ، جىنايەتچىنى گېزىتكە ئۆز ئىسمى بىلەن ئېلان قىلىشقا ھەم سۈرىتىنى بېرىشكە بۇيرۇيدىكەن.
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى 3312-سان