جىڭ مائارىپچىلىرى-كىملىك دەستۇرى
(خەۋەر)
ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا ئۆمرىنى ئەۋلاتلارنىڭ تەقدىر- ئىستىقبالىغا بېغىشلىغان ھەرقانداق بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ مېھنىتى ئەلنىڭ ئالقىش نەزىرىدىن چەتتە قالمايدۇ .قەدىمى ئۆتەڭگە جايلاشقان ئانا يۇرت جىڭ ،تارىختا نۇرغۇن ئۇنتۇلماس كۈرەشلەرنىڭ ئىس -تۇتەكلىرى ئارىسىدا تۇرۇپمۇ ئاقارتىش ئىشلىرىنى قولىدىن چىقىرىپ قويماي خۇددى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تارىخنى تارىخقا ئۇلاپ،بىر-بىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ،ئەۋلادتىن -ئەۋلاتقا مەرىپەتنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرۇپ كەلدى.ئۇلارنىڭ ئۆچمەس مۇساپىسىنى كۆڭلىگە ئۇزۇندىن بېرى پۈكۈپ كەلگەن جىڭ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ خادىمى يولداش ئادىل تۆكەن باشچىلىغىدىكى ، بىر قىسىم قازاق ،خەنزۇ رەھبەر ۋە كەسپى خادىملار تۇرسۇنجان ئەمەت ،ئەمەتجان مەخسۇم قاتارلىقلار 1930-يىللاردىن بېرى جىڭ مائارىپىغا ئىلگىرى- كېيىن تۆھپە قوشقان ۋە قوشىۋاتقانلارنىڭ قىسقىچە ئۇچۇر تارىخىنى بىر دەستۇر قىلىپ 460نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋەئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرگەن خەنزۇ ،قازاق ،موڭغۇل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاس تەرجىمىھالىنى توپلام قىلىپ شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن 2012-يىلى 3-ئايدا جەمئى 11.375 ؟نۇسخا نەشر قىلدۇرۇپ تېگىشلىك قىسمىنى كەڭ ئوقۇتقۇچى ،ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە تارقىتىپ بەردى. بۇ دەستۇردا مائارىپ ۋە مەكتەپ قوينىدا ئىشلىگەن پىشقەدەم ئۇستاز -رەھبەرلەرنىڭ ۋە ھازىر ئىشلەۋاتقان ياش پىدائى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش تارىخى،ئۇنۋان، ستاژى ،كەسپ تۈرلىرى،كەسپتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ناھىيىتى سېستىمىلىق ھالدا شەرھىلەنگەن . ئەپسۇسكى توپلامدا بىر قىسىم ئالاھىدە تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنىڭ قىسمەن تارىخى ئىش-ئىزلىرى تولۇق يورۇتۇلماي قىسمەن سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالماي قالغان.مەسىلەن ؛نۇرمۇھەممەت توختى مەرگەننىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى ،ئىجادىيەتلىرى<<فرونتتىن قايتقاندا>>ناملىق داڭلىق ئەسەرلىرى،<<ئانا يۇرت >> رومانىغا بېرىلگەن مۇقاۋا رەسىملىرى ،<<كۆڭۈلدىكى سۆز >>پروگراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىش ئىزلىرى،بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەشپىياتلىرى ،ئىزدىنىش ئۆتكەللىرى،دۈچ كەلگەن قىسمەن دوقاللارنى قانداق يېڭىپ چىقالىغانلىغىغا دائىر ئىزاھلاش زۆزۈر بولغان ھالقىلارغا تولۇق ئورۇن بېرىلمىگەن. مەسىلەن ؛ دوكتۇر شەمشىنۇر ئابدۇراھمان(ئەسكەرتكۈچى گۈلمەشۇققا رەھمەت) ،يارى قۇربان ،تۇرسۇن قۇربان، قاتارلىقلار... بۇلاردىن باشقا ئۇيغۇر مائارىپىغا ئاساس سالغان نۇرمۇھەممەت شامى قاتارلىق بايراقدارلارنىڭ تارىخى ئىش -پائالىيەتلىرى
كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلمەي قالغاچقا توپلامنىڭ مەدەنىيەت قىممىتى ئۆز سالمىقىغا ئىگە بولالمىغان ...شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بىزنى جىڭ تارىخىدا ئۆتكەن بىرنەچچە ئەۋلات مائارىپچى ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاياتى ئىش پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ بۇ ئادىل تۆكەن باشچىلىغىدىكى بىر تۈركۈم يىراقنى كۆرەر كىشىلەرنىڭ ئەجىر -ئەمگىگىنىڭ ئېتىۋارسىزلىغىنى كۆرسەتمەيدۇ ...مەن بۇ توپلامنى تۇزۇشكە باشلامچىلىق قىلغان ۋە ئىشتىراك قىلغانلارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
جىڭ مائارىپچىلىرىغا:
يەر مىڭ يىل توۋلىدى قايەردە سەن دەپ،
شۇڭلاشقا كۆلەڭگەڭ كەلدى لەپىلدەپ.
-<<مەخمۇت قەشقىرى>> رومانىدىن
(قەسىدە)
بور ،قەلەم ،سىزغۇچنىڭ قۇدرىتى چەكسىز،
ئاقارتىش ئېڭىدىن ياشارغان يۇرتتا،
ئۇنىڭسىز ئىنساننىڭ روھى دېرەكسىز،
نە يامغۇر سەن كۈتكەن پارچە بۇلۇتتا.
نۇر شامى*، نۇر ساپا *ياندۇرغان مەشئەل،
چوغلىرى پۈۋلەندى ئەۋلاد قەلبىدە.
ئارىدىن بۇرچسىز ئۆتكەن لايغەزەل،
سەپتە يوق ،يوق ھەتتا ئىجات غەلبىدە.
ئۇستاز ۋە شاگىرتنىڭ دىلى يورىدى،
تاپقاچقا مېھنىتى ئەلدە ئىناۋەت.
قۇرۇق گەپ،زاۋالغا تەستەك ئۇرۇلدى،
بۇرچتىن دەۋرىمىز تاپتىغۇ نۇسرەت .
تەختىڭگە ئىشەنمەي بەختىڭگە ئىشەن ،
يۇرتۇمنىڭ بىر ئەۋلاد مائارىپچىلىرى.
ئالدىڭدا كېلەچەك مەنزىلىڭ رۈشەن ،
ئالغا باس جىڭ روھنىڭ چىن تارىخچىلىرى.
ئۆلگەننىڭ روھىدا ،تىرىك يۈزىدە،
ئەبەدى ئەمىنلىك ،ئىناۋەت ئايان.
ئۈمۈد كۆپ ،خىيال كۆپ ئۇستاز سۆزىدە ،
جىڭ ئۈچۈن ۋەسلىنى كىم قىلدى پايخان؟!
نۇر شامى ،نۇر ساپا ،نۇر توختى مەرگەن،
ئۆتمۈش ياق بۈگۈندىن بەردى كۆپ نىشان.
ئا.جالال،مەمتىمىن ،تۇرسۇن ،ئا.تۆكەن ،
دىدىغۇ نادانلىق مىللەتكە بۆھران.
پىتنە ھەم غەيۋەتكە كەتكەن زەر ۋاقىت ،
كېلەچەك ،ئەۋلادقا قىلغان خىيانەت.
كىم قىلار قەرزىنى بوينىدىن ساقىت؟
شۇنىڭغا مەنسۇپتۇر ئەلدە ئىناۋەت .

2012-يىلى22-ماي. -قاراخان
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-06-01 21:58قايتا تەھرىرلىدى ]