توغراق
ئىبنۇرى
قامىتىڭدىن ئايان بولار،
ئەسىرلەرنىڭ گۈزەل تاڭلىرى...
تېنىڭدىكى چىدام-قەيسەرلىك،
سىموۋۇلى بولۇپ ھاياتنىڭ-
ئاشۇرماقتا كارۋاننى داۋان.
كۆكلىگىن !
بىخ سۈرۈپ ھەرتاڭ،
ئالغانمەن سېنىڭدىن ئىلھام ۋە چىدام.
ۋاقىت ماڭماقتا راۋان.
يىگانە ھاياتىڭ ئۆزگىچە داستان
ساڭا باقسام
ھەربىر دەقىق
ئىلھاملىرىم مىسالى فونتان.
يىلتىزىڭدا بىخلىغان،
ياپيېشىل ئارمان...
تەكرار كۆرگەن چۈشۈمدىكىدەك،
ئولتۇرىدۇ ساڭا يۆلۈنۈپ،
ئاق ساقاللىق ھارغىن بىر بوۋاي.
ساڭگىلىغان شاخلىرىڭ،
ياپراقلىرىڭ،
يەلپۈمەكتە ئۇنى
قىلىپ غەزىپىنى ئوقيا
تومۇز ئىسسىققا
بوۋاي گەز باغلىغان لەۋلىرىنى،
تەككۈزگىچە قاپاققا
پىچىرلىدى ئۆزىگە؛
ئەي توغراق !
تارتىۋالدىڭ مېنى بۈگۈنمۇ
ئەزرائىلنىڭ سوغۇق قولىدىن،
سەن بولغاچقىلا
توختىمىدى كارۋان يولىدىن.
مەنبە؛ <<بورتالا گېزىتى>> 2012.5.4