ئۇيغۇر ، مانجۇ ۋە شىۋە تىللىرى ئارسىدىكى ئوخشاشلىقلار
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا
ئۇيغۇر ، مانجۇ ۋە شىۋە تىللىرى ، ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى تىللار بولۇپ ، تارىختىن بۇيان مەلۇم رايون ۋە ھەر خىل ئىجتىماى سەۋەپلەر تۈپەيلى ، بەزى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار جۈملە تۈزۈلىشى ، مورفولوگىيە ، سىنتاكىسلىق تۈزۈلۈش ، لېكسىكىلىق قۇرۇلما ۋە سۆزلەرنىڭ بوغۇملۇق تۈزۈلۈشى جەھەتتە ، مۇئەييەن ماسلىقلارغا ئىگە دىيىشكە بولىدۇ .
مانجۇ تىلى ئالتاي تىلى سېستىمىسىدىكى بىر تارماق تىل بولۇش بىلەن بىرگە ، ‹‹توڭغۇس ›› ( يەنى ‹ شەرىقى غۇز ›، بۇنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى ‹ دوڭخۇ › ) تىللىرىنىڭ بىر شېخىدۇر . ھازىر مەمىلىكىتىمىزدە ئۆزىنى ‹‹ مانجۇ ›› دەپ ئاتىغان ئادەملەرنىڭ سانى 25 مىلىيون بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ئانا تىلى بولغان مانجۇ تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىكەن ... مانجۇ تىلى 36 مانجۇ قەبىلە تىللىرىنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن ، يېپىشقاق تىل ئالاھىدىلىكىگە ۋە تاۋۇشلۇق يېزىقى بولۇشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تۇركي تىللارغا يېقىن كېلىدۇ . ئۇندىن باشقا مانجۇ تىللىرىدا 6 سوزۇق تاۋۇش مەسىلەن : ‹‹ ئا ، ې ، ئى ، ئو ، ئۇ ، ئۈ ›› ، 22 ئۈزۈك تاۋۇش بولۇپ ، يېزىق تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەرىپ 31 ، ئومۇمىي ھەرىپ سانى بولسا 38 ئەتىراپىدا . بۇ تىلدىكى كۆپلىگەن ھەرىپلەر يېزىقتا ‹‹ باش ھەرىپ ، ئوتتۇرا ھەرىپ ، ئاخىرىقى ھەرىپ ›› بويىچە ئىشلىتىلىپ ، سۆز قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ . بۇ خۇددى ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرىپلەرنىڭ : باش ‹‹ ئا ››، ئوتتۇرا ‹‹ ا ›› ۋە ئاخىرىقى ‹‹ ىا ››... دەپ ئىشلىتىلگىنىگە ئوخشاشتۇر .
بۇلاردىن باشقا ، مانجۇ تىلىدا ئۇيغۇرچىغا شەكىل جەھەتتىن مەلۇم پەرىقلەرنى ھاسىل قىلغان ، ئەمما مەنە جەھەتتە تامامەن ئوخشاش بولغان سۆزلەرمۇ مەۋجۇتتۇر مەسىلەن : ‹‹ ئورخو ›› ( مانجۇچە ) ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ ئوت ـ چۆپ ›› دىگەنلىك بولۇپ ، بۇ سۆزدىكى ‹‹ئور›› سۆز تومۇرى بولۇپ ، بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ‹‹ئوت ›› سۆزى بىلەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە ، پەقەت ‹‹ ر ›› ۋە ‹‹ ت ›› تاۋۇشلىرىنىڭلا ئورنى ئالماشقان ؛ ‹‹ مىنى ›› ( مانجۇچە ) ، ‹‹ مىن + ى = مىنى ›› نىڭ سۆز تومۇرى ‹‹ مىن ›› بولۇپ ، ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹مىنىڭ ياكى مېنىڭ ›› . ئۇيغۇرچە ‹‹ مېنى+ ڭ = مېنىڭ ››بىلەن مانجۇچە ‹‹مىنى ›› ، بۇ ئىككى سۆزنىڭ مەناسى تامامەن ئوخشاشتۇر ؛ ‹‹ماسې ›› ( مانجۇچە ) ، بۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹مايسا ياكى بۇغداي ›› دۇر ، بۇ يەردىكى ‹‹ ماسې ›› بىلەن ‹‹ مايسا ›› مەنىداش سۆزلەردۇر ؛‹‹گىندا›› ( مانجۇچە ) قەدىمىقى ئۇيغۇرچە مەنىسى : ‹‹ گۇندا ، گۇندا خانا ›› يەنى ‹‹ زىندان ـ تۈرمە ›› دىگەنلىك ، قەدىمدە بۇنداق يەرلەرگە قارىغۇچىلار ‹‹ گۇندىپاي ›› دىيىلەتتى ؛ ‹‹ئاگې ›› ( مانجۇچە ) ، ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ ئاكا ›› ، قازاقچە مەنىسى ‹‹ ئاغا ›› ؛ ‹‹ئۇفا ›› ( مانجۇچە ) ، ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ ئۇن ›› بۇنىڭدىكى پەرىق ‹‹فا ›› بىلەن ‹‹ن ›› نىڭ ئورنى ئالماشقان ، بۇلار مەنىداش سۆزلەردۇر ؛ ‹‹ سىنى ›› ( مانجۇچە ) ، ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ سېنى+ ڭ = سېنىڭ ›› بۇنىڭدىكى ‹‹ سېنى ›› بىلەن ‹‹ سېنىڭ ›› مەنىداش سۆزلەرگە مەنسۇپتۇر ...
بۇلاردىن باشقا ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى شىۋە تىلىمۇ ، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا قېرىنداش تىللار بىلەن ئوخشاشلىقلارغا ئىگىدۇر . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ تىللار ئارسىدا مەلۇم پەرىقلەر شەكىللەنگەن بولسىمۇ ، ئەممە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە ماسلىقلار يەنىلا مەۋجۇتتۇر . 2000 ـ يىلىدىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، مەمىلىكىتىمىزدە شىۋەلەرنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 189مىڭ بولۇپ ، 1993ـ يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، ئىلى ۋىلايىتىنىڭ چاپچال شىۋە ناھىيەسىدە ، شىۋەلەرنىڭ نوپۇسى 20364 ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان ، بۇلار مەزكۈر ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 18 %نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ ، ھازىرغىچە يەرلىك شىۋە تىلىدا سۆزلىشىدىكەن .
مەمىلىكىتىمىزنىڭ تارىخى سالنامىللىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ، شىۋەلەر ‹‹ توڭغۇس›› ( شەرىقى غۇزلار ) نىڭ يەنى سىيانپى ، قىتان ، ئوغان ...لارنىڭ ئەۋلادى ئىكەن . شىۋە تىلشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە ، ھازىرقى شىۋە تىلى ، مانجۇ تىل دىيالىكتىنىڭ ، يەنى قەدىمىقى مانجۇ تىلىنىڭ داۋامى بولۇپ ، ئۇ ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكى ، ‹‹ شەرىقى غۇز ›› ( توڭغۇس ) تىل گۇرۇپپىسىنىڭ مانجۇ تىل تارمىقىغا مەنسۇپ بولۇپ ، ھازىر بۇ تىلدا جەمي 21 ئۈزۈك تاۋۇش بارلىقى مەلۇم ... شىۋە تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ بوغۇملۇق تۈزۈلىشى ، سوزۇق ئۈزۈك تاۋۇشلارغا بۆلىنىش ئالاھىدىلىكى بويىچە ، ئۇيغۇرچى ۋە باشقا قېرىنداش تىللارنىڭ تۈزۈلۈش قانۇنىيىتىگە ئوخشايدۇ . مەسىلەن : شىۋە تىلىدا قوش لەۋ تاۋۇشى ‹‹ پ ، ب ، م ›› قاتارلىقلار بولۇپ ، ئۇيغۇرچىدىكى ‹‹ڭ ، م ، ن ›› قاتارلىق دىماق تاۋۇشلىرىمۇ شىۋە تىلىدا باردۇر . ئۇندىن باشقا شىۋەچىدە ‹‹ ف ، ۋ ›› لار بولسا لەۋ چىش تاۋۇشى دىيىلىدۇ ، ئۇندىن باشقا تىل ئۇچى تاۋۇشى ‹‹ د، ت ›› ، سۈركۈلىشچان تاۋۇش ‹‹ س ›› ، قايرىلما تىل تاۋۇشى ‹‹ج ›› ، ‹‹ چ ›› ، ‹‹ش ›› قاتارلىقلار بار . تىل يۈزى تاۋۇشى ‹‹ ج ›› ؛ تىل يۈزى ياكى تىل ئاستى تاۋۇشى ‹‹ ك ، گ ››؛ كىچىك تىل تاۋۇشى ‹‹گ ، غ››؛ سۈركەلمە تاۋۇش ‹‹ خ ›› ... شىۋە تىللىرىدىكى بۇ خىل تۈزۈلۈش ، ئۇيغۇرچىدكى ۋە باشقا قېرىنداش تىللاردىكى ‹‹ تىل ئالدى سوزۇق ›› ، ‹‹ تىل ئارقا سوزۇق ›› ‹‹ لەۋلەشكەن ›› ‹‹ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش ›› ... قاتارلىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . ياكى بۇلارنى ئۇيغۇرچىدىكى بۇخىل ئاتالمىلارنىڭ ئوخشاش تىل تەلەپپۇزىدىكى باشقىچە ئاتىلىشى دىيىشكە بولىدۇ .
شىۋە تىلىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللاردىكىگە ئوخشاش ، سۈپەتلەرگە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ ، مەسىلەن : ‹‹ئىچە + سىكەن = ئىچەسكەن ›› بۇنىڭدىكى تۈپ سۈپەت ‹‹ ئىچە ›› ( ئۇيغۇرچە مەنىسى يېڭى ) بولۇپ ، ئۇنىڭغا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچى ‹‹ سىكەن ›› ئۇلىنىش ئارقىلىق ، يېڭى بىر سۈپەت ‹‹ ئىچەسكەن ›› (ئۇيغۇرچە مەنىسى يېپ ـ يېڭى ›› دىگەن سۈپەت ياسالغان ؛ ئۇندىن باشقا ‹‹ ئامبۇ + كەندى = ئامبۇ كەندى ›› ، تۈپ سۈپەت ‹‹ ئامبۇ ›› ( ئۇيغۇرچە مەنىسى چوڭ ) غا ، سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە ‹‹ كەندى ›› ئۇلىنىش ئارقىلىق ، سۈپەت ‹‹ ئامبۇ كەندى ›› ( چوپ ـ چوڭ ) سۈپەت ياسالغان .
بۇندىن سىرىت جۈملە تۈزۈلۈش جەھەتتە ، شىۋە تىلى ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن كېلىدۇ مەسىلەن : ‹‹ بى تاچخۇد گەنەم ›› ( مەن مەكتەپكە بارمەن ) ، بۇ جۈملىدە بىزنىڭ تىلىمىزدىكىگە ئوخشاشلا ، ئىگە باشتا خەۋەر ئاخىرىدا كەلگەن .
ئىسىملارغا ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئۇلۇنىشى جەھەتتىمۇ ، بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن شىۋە تىلى ماسلىققا ئىگىدۇر . مەسىلەن : ‹‹ ئوشىشى( دېھقان ) + س( لار ) = ئوشىشىس ( دېھقانلار )›› .بۇنىڭدىكى تۈپ ئىسىم ‹‹ ئۇشىشىس ››(دېھقان ) ، ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە ‹‹س ›› دۇر .
بۇلاردىن سىرىت شىۋە تىلىدا ، ھازىرمۇ قەدىمىقى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللاردا مەۋجۇت بولغان سۆزلەر ئۇچۇرايدۇ ، مەسىلەن : ‹‹توس ›› ( شىۋەچە ) ، ‹‹ توگوس ـ تووس ››( موڭغۇلچە ) ، ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ توزاڭ ›› ، بۇ سۆزلەردىكى ‹‹ تووس ›› ، ‹‹ توس ›› سۆزلىرى ئۇيغۇرچىدىكى ‹‹ توزاڭ ›› نىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولۇپ ، بۇلار مەنىداشلىققا ئىگەدۇر . ‹‹پاراڭ ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ پاراڭ سېلىش ، پاراڭلىشىش ›› ؛ ‹‹ كاستائۇ ›› ( شىۋەچە )، ئۇيغۇرچە مەنىسى ‹‹ قىشلاق ›› ، قازاقچىسى ‹‹ قىشلاۋ ›› بولۇپ بۇلارمۇ مەنىداش سۆزلەرگە تەۋەدۇر . ‹‹ پاخا ›› ياكى ‹‹ پاغا ›› (شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ پاكار›› ؛ ‹‹ بەئىگە ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ بەيگە ›› ؛ ‹‹ كاۋاب ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ كاۋاپ ›› ؛ ‹‹ قاس ›› ( شىۋەچە ) ، تۈرۈكچە ‹‹ قاس ›› ، ئۇيغۇرچە ‹‹ قىزا ›› ؛ ‹‹ گەل ›› ( شىۋەچە ) ، تۈرۈكچە ‹‹ ئەل ›› ، ئۇيغۇرچە ‹‹ قول ›› ؛ ‹‹ ئامە ››(شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ ئاتا ›› ؛ ‹‹ ئەنى ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ ئانا ›› ؛ ‹‹ سال ››( شىۋەچە )، ئۇيغۇرچە ‹‹ ساقال ) ؛ ‹‹ چىرا ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ چىراي ›› ؛ ‹‹ بوس ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ بوز ـ رەخىت ) ؛ ‹‹ توخۇن ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ تۈگمە ››؛ ‹‹ كەمۇن ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ كەملىمەك ، ئۆلچىمەك››...
‹‹ چوگۇ ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ توخۇ ›› ؛ ‹‹سۇن ›› (شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ سۈت ›› ؛ ‹‹ سامەن ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ شامان ›› ؛ ‹‹سۇن ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچىسى ‹‹ كۈن ›› ؛ ‹‹تالمەن ››(شىۋەچە )، ئۇيغۇرچىسى ‹‹ تۇمان ›› ؛ ‹‹ مۇنى ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ مايمۇن ›› ؛ ‹‹ گاخا ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچىسى ‹‹ قاغا ›› ؛ ‹‹ گۇككۇ ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ كاككۇك ›› ؛ ‹‹ تۇمەن ›› ( شىۋەچە ) ، ئۇيغۇرچە ‹‹ تۈمەن ›› ؛ ‹‹ مىڭان ››( شىۋەچە )، ئۇيغۇرچە ‹‹ مىڭ ›› ...
يۇقارقىلارنى خۇلاسىلىغان چېغىمىزدا ، ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تىللار بىلەن مانجۇ ۋە شىۋە تىللىرى خېلىلا قويۇق ئوخشاشلىقلارغا ئىگەدۇر ، يەنى بۇ تىللار قەدىمدىن بۇيان ئۆز ئارا قويۇق ئالاقىلەر جەريانىدا گىراماتىكىلىق تۈزىلىش، لېكسىكىلىق قۇرۇلما ۋە مورفولۇگىيە جەھەتتىن روشەن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ، يۇقارقىلاردىن ئېنىق بىلىپ يېتەلەيمىز.