ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 720 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەردوغاننىڭ تەپسىرنى ئاڭلىغانمۇ ؟
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
تۆھپىسى: 23
پۇلى: 294 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 46
ياخشى باھا: 294
توردا: 60(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-05-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 14:45

ئەردوغاننىڭ تەپسىرنى ئاڭلىغانمۇ ؟



چىقمىسا بۇ ئادىرىستىن كۆرۈڭ
http://v.youku.com/v_show/id_XMzc5MjI1OTI4.html

·   رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلى يۇرتى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ،1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان.1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى،1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم ئالغان.ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنىۋىېرستىتى ئېقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان. ياش چاغلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان ،مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى  ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982)ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن  دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە  كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى. تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP)ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى.1980-يىلىغا قەدەر ،بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سياسي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى،يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى. 1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيسى بىلەن ئاكتىپ سياسى ھەرىكەتكە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1984-يىلىدا رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ رايون باشلىقى،1985-يىلىدا بولسا،رەفاھ پارتىيسى ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى (MKYK ) ئەزاسى بولدى.ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئەسناسىدا،باشقا سياسى پارتىيلەر ئۈچۈن مودىل بولغان يېڭى بىر تەشكىلى قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان ئەردوغان ،بۇ مەزگىلىدە مەخسۇس ھالدا  ئاياللار ۋە  ياشلارنىڭ سياسىيغا قاتنىششنى ئىلگىرى سۇرىدىغان يىتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئشلىدى.سياسەتنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبارغا ئېىلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.بۇ خىزمەتلەر ئەدرغان مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىسيگە 1989-يىلى بەيئوغلۇ يەرلىك سايلىمىدا چوڭ غەلبە ئەكىلىپ،يۇرتقا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ بەردى. 1994-يىلى 27-مارت يەرلىك سايلىمىدا ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،سياسى ئېقتىدارى ،ھەمكارلىشپ ئشلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئېقتسادى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئستانبۇلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسللىرىگە توغرا دىئاگنوز قويدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يۈز كىلومترلىق يىڭى تۇرۇبا يوللىرى ياتقۇزۇش بىلەن،كىرەكسز ماتىريال ۋە ئەخلەت مەسىلىسى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغان قايتا پايدىلىنىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ھەل قىلىندى. ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققى قىلدۇرۇغان تەبئى گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ،ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئنشا قىلىندى.مەنپەئىتى كىينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئشقا كىرىشتۇرۇلدى.شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقستى بىلەن  ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۇزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆربەك بولۇش بىلەن بىرگە،بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۇيۇك بىر ئشەنچكە ئېرىشتى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە ختاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا ،مىللى مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كىين جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى›› ( Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti) )نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى. مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تىخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا  تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئىلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى. ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان ،قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېر ناھىي ،ىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى.بۇ سايلامدا 85%ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرر ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامنىتقا كىردى. 2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلاق ۋە سىجىل تەرەققى قىلىدىغان بىر تۈركىيە ئارزۇسى بىلەن ھاياتىنى مۇھىملىققا ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار ئسلاھات تەدبىرلىرىنى قسقا مۇددەت ئىچىدە يولغا ويدى. دىموكراتىيلىشش،ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،دۆلەت ئېقتىسادى ۋە خەلق پسخىسكىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كىلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى.تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى.دۆلەتتىن قەرز ئىلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى.كېشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىللى كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى.دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى،تۇرالغۇلار،مەكتەپ،دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقېتىش زاۋۇتلىرى ئشقا كىرشتۇرۇلدى.ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كىڭەيتىلىشنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۇچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ‹‹ئاۋاسسز ئنقىلاپلىرى››سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئېتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۇلۇك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى. بەرپا قىلغان ئومۇمى مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھكرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى.تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سياسىى كۈچى،پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس،خەلقئارادا ھىس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئيۇلىكى ئاساسى سايلامدا 46.6% ئاۋاز بىلەن بۇيۇك بىر غەلبە قازانغان ئادالەت پارتىيەسنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى.ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى  12-سىنتەبىردە ئۆتكۇزۇلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا 58%‹‹قوللايمىز››ئاۋازىغا ئېرىشپ ،رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى. 2011-يىلى 12-ئيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى سايلاملاردىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سايلام بېلىتىنىڭ 49.8%گە ئېرىشپ قايتا بۇيۇك بىر زەپەر قازاندى.3-نۆۋەت باش مىنىستىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرغان ئەردوغان پارتىيسنىڭ سايلام بىلىتىنى ئارقىمۇ-ئارقا 3 قىتىم ئۆستۈرۈپ تۈرك سياسى تارىخىدىكى بىر يېىڭىلىققا ئىمزا قويغۇچى بولۇپ قالدى.تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەت ئارىسدا ھۆرمەتلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر دۇنيا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايان بولدى.ھازىرمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيتى باش مىنستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆيلەنگەن ۋە 4 بالىنىڭ دادسى.
[ بۇ يازمىنىھىدايەت 2012-04-30 14:53قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 15:07

ھەرجەھەتتىن تولۇق يىتىلگەن تالانتىلىق رەھبەر. بۇكىشىگە ئاللا يار بولسۇن.
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 210 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 210
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-05-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 19:40

ھەقىقەت مۇشۇ ئادەمدە كۆپىرەك ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ.
تۇرۇپلا بۇ ئادەمنىڭ دىننى ئېڭى بىلەن ئەرەپلەرنىڭ دىننى ئېڭىنى سېلىشتۇرغۇم كەپ قالدى.
ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا قۇرئان دىن ئىبارەت مۇقەددەس كىتاپنىڭ ياقىلىغۇچىللىرى.كىمنىڭ تەسىرى چوڭ بولىۋاتىدۇ،زادى قايسىسى بىزگە ھەققەت تۇيغۇسى بېرىۋاتىدۇ؟سەۋەبىچۇ؟
ئىجتىھاد
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-30 20:20

بۇنى مانداق چۇشەنسەك بولامۇ؟ ئەرەپلەردە ھازىر ئىقتىسات بار لىكىن ئۇلاردا بۇرۇنقى ئەرەپلەردەك ئۇملۇك ،ئسلام روھى كەمچىل. كۆپ ئەرەپ دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ تەختى ھاكىمىيىتىنى ساقلاش ئۇچۇن باشقا ئەرەپ قىرىنداشلىرىنى قۇربانلىق قىلىۋاتىدۇ. تۇرۇكلەرگە كەلسەك بۇرۇن يوقاتقانلىرىنى ھازىر تىپىشقا تىرىشۋاتقاندەك...................            لىكىن بۇئشلارغا تارىخ بىرنىمە دىسۇن .سىياسى بەك مۇرەككەپ بولىدىكەن.
خەلقېم مەن بىلەن
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 929
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 1123 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 145
ياخشى باھا: 1073
توردا: 154(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-05-11
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-07 12:27

  _ دۇنيا ئىشلىرىنى تۈرۈك تۈزەر...

                         _ ھېردوت
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 765
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
تۆھپىسى: 104
پۇلى: 975 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 975
توردا: 111(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-05-13
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-11 12:27

ئەرەبلەرنىڭ تارىختىن بۇيان ئىناقلىقىنى كۈرۈپ باقمىدىم ھەم ئاڭلاپ باقمىدىم ، بۇلارنىڭ مىجەزى ياۋا ئىشەكنىڭ مىجەزىگە ئوخشايدۇ .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-11 12:33

سىياسى ئەمەس دىنى داھى بولۇشقىمۇ مۇناسىپكەن!
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 929
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 1123 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 145
ياخشى باھا: 1073
توردا: 154(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-05-11
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-11 13:08

<< ۋىدالىشىش ھەجى>> مەزگىلىدە ئەرەپلەرنىڭ ئۆملىكى ئالتۇن دەۋرىگە ئىگە ئىدى...