ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 199 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خۇراپاتتىن قاچ!
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 09:41

خۇراپاتتىن قاچ!

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

قېرىنداشلار! ئاللاھ تەئالا: «ئىززەت ئاللاھغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇب، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[1]دېگەن ئايىتىدە مۇئمىنلارغىمۇ ئىززەت ۋەدە قىلغان؛ «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، چوقۇم غالىب كېلىسىلەر»[2] دېگەن ئايىتىدە بولسا، مۇئمىن بولغانلارنىڭ غالىبلىق ماقامىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مۇئمىنلار خېلى ئۇزۇن تارىختىن بېرى ئىززەتتە ئەمەس خورلۇقتا، غالىبلىقتا ئەمەس، مەغلۇبلۇقتا ياشاۋاتىدۇ. بۇنى تارىخ ۋە ئەمەلىيەت ئىسپاتلايدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ ۋەدىسىگە ئىمانىمىز كامىل. ئۇنداقتا بىزنىڭ «مۇئمىنلار» نىڭ كىملەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
«مۇئمىنلار»، «مۇئمىن» نىڭ كۆپلۈكىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ «مۇئمىن» كەلىمىسى ئۆتكەن ئايەتلىرىگە ۋە لۇغەت كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىگە قارايدىغان بولساق، «مۇئمىن» دېگەن سۆزنىڭ ئىسىم ئەمەس، سۈپەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. يەنى مۇئمىنلىق بىر كىشىنىڭ، ھاياتى بويىچە ھېچ ئۆزگەرمەيدىغان ئىسمى بولماستىن، بەلكىدە ئۆزىدىن ھەر ئان ئاجراپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان بىر سۈپىتىدۇر.
دەرۋەقە تارىخ بويىچە ئىززىتى ۋە غالىبلىقى، خورلۇق ۋە مەغلۇبلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان مۇئمىنلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان مۇئمىنلار ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز.
ئاللاھ تەئەلا: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا[3] مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار»[4]دېسە، مۇسۇلمانلار مەزھەبلەرگە بۆلۈنۈپ، ھەر مەزھەپ مەنسۇپى ئۆز مەزھىپىنىڭ مۆتىۋەر كىتابلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يۇقىرى تۇتۇۋاتقان ۋە ئۇ كىتابلارغا (قۇرئان كەرىمگە خىلاپ كەلسىمۇ) چىڭ ئېسىلىۋالغان. ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا چاقىرىلسا، «بىزگە ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇتقان يولى يېتەرلىك» دېيىشكەن ياكى بۇنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىتابىغا چاقىرغانلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا «تېگىشلىك زەربە» بېرىشكەن.
ئاللاھ تەئالا: «سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى ئۈلگىدۇر»[5] دەۋاتسا، ھەر مەزھەب مەنسۇپى ئۆز مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى ۋە ئۆز مەزھىپىنىڭ «چوڭ ئالىم» لىرىنى ۋە تەرىقەت پېشۋالىرىنى ئۈلگە قىلىۋالغان.
ئەنە شۇلار قۇرئاندا ۋەدە قىلىنغان ئىززەتكە ئېرىشەلمىگەن ۋە ھېچبىر زامان ئېرىشەلمەيدىغان مۇئمىنلاردۇر. دېمەك، ئاللاھ تەئالا ۋەدە قىلغان ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇئمىن ھېسابلاش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن مۇئمىن دەپ تونۇلۇش ۋە ياكى مۇئمىنلارنىڭ ئەۋلادى بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ. مۇھىم بولغىنى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان مۇئمىنلىقتۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساقمۇ ئەھۋال ئوخشاش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دىنلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئىسلام دىنىغا سىڭدۈرۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەت ئىبادەت ھېسابلانغان، ئەنئەنە سۈننەت دەپ قوبۇل قىلىنغان، زالالەت ھىدايەت دەپ بىلىنگەن. ئىسلام دىنىنى قۇرئان – سۈننەتتىن ئۆگىنىشنى ۋە قۇرئان-سۈننەتتە ئاساسى بولمىغان دىنى ئىشلارنى تەرك ئېتىشنى تەشەببۇس قىلغانلار ئەيىبلىنىپ چەتكە قېقىلغان، ھەتتا بەزىلىرى سۇيىقەستكە ئۇچرىغان.
يېقىن زامان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش؛ ئىسلام باشقا بىر ۋادىدا، مۇسۇلمانلار باشقا بىر ۋادىدا. ئىسلام مۇسۇلمانلارنى، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ئىكەنلىكىنى ھەر دايىم ئىپادىلەپ تۇرۇشقا بۇيرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ھەر زاماندا، ھەر ماكاندا ۋە ھەرقانداق شارائىتتا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ.
ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا شۇنداق «ئۆلىمالار» باركى مۇسۇلمانلارنى مەلۇم بىر قىياپەت بىلەن يۈرۈشكە، مەلۇم بىر شەكىلدىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە جەمىئىيەتتە باشقىلاردىن پەرقلىق ياشاشقا بۇيرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئۆز دىيارىدا خاتىرجەم ياشىيالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.
مۇسۇلمانلار تەكچىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە ھەدىس شەرىپلەرنىڭ تەرجىمىلىرىنى قولىغا ئېلىپ دىققەت بىلەن ئوقۇپ ساغلام بىر دىنى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئۆلىمالارنىڭ «تەبلىغ» لىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئەمر – پەرمانلىرى دەپ تونۇپ قېلىۋاتىدۇ.
ئۇ ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە دىنى ئىش قۇرئان – ھەدىسقا ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ياكى باشقا «زاتلار» نىڭ كۆزقارشلىرىغا ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا بىرقانچە «يېڭى ئېقىم» چىقماقتا. ھەر يولنىڭ ئىگىسى ئۆز يولىنى قوبۇل قىلمىغان مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمان ئەمەس دەپ قارىماقتا.
مەزكۇر «ئۆلىمالار» بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- مەدرىسە/مەكتەپلەردىن ئوقۇيالماي چىقىپ كەتكەن ياكى ئۇستازلار «بىر نېمە بولالمايدۇ» غانلىقىنى بايقاپ مەكتەپ/مەدرىىسدىن ھەيدىۋەتكەن ۋە جەمىيەتتە دىنى قىياپەت بىلەن جان ساقلاۋاتقان چالا موللىلار.
2- بىرەر دىنى مەدرىسە/مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن، لېكىن ئوقۇغان يەرلىرىدىن، ھاياتىدا يولۇققان دىنى مەسىلىلەرگە قۇرئان – ھەدىس پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشنى ئەمەس، «شەيخلىرى» نىڭ ئۇ توغرىدىكى كۆزقاراشلىرىنى نەقىل قىلىشنى ئۆگىنىپ چىققان «دىنى زىيالى» لار.
3- قۇلاق موللىلىرى، يەنى ئۆز كۆڭلىدە «دىنى ئالىم» دەپ ھېسابلىنىدىغان كىشىلەردىن ئاڭلىغان ۋە بىلگەنلىرىنى «دىنى ئىلىم»، ئاتا – بوۋىلىدىن قالغان ئۆرپ – ئادەتلەرنى «دىن» دەپ چۈشىنىپ قالغان «بىلەرمەن» لەر.
كۈنىمىزدە قۇرئان – ھەدىستىكى ئىسلام بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا توسالغۇ بولۇۋاتقانلار، ئەنە شۇلاردۇر ۋە ئۇلارنىڭ ھەمنەپەسلىرىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، دىن نامىدىن ھەر كىم بىلىپ- بىلمەي بىر نېمىلەرنى دەۋاتقان، ھەر خىل كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتقان، تۈرلۈك – تۈرلۈك دىنى ئېقىملەر پەيدا قىلىنۋاتقان، كىمنىڭ نېمىگە ئاساسەن يازغانلىقى مەلۇم بولمىغان يېڭىدىن – يېڭى دىنى كىتابلار نەشىر قىلىنىۋاتقان ۋە «ئىسلام دۆلەتلىرى» دە قۇرۇلۇپ يىللاردىن بېرى ھاكىمىيەت يۈزى كۆرۈپ باقمىغان «ئىسلامىي پارتىيە» لەرنىڭ پروگراممىلىرى تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قۇرئان – ھەدىسكە مەھكەم ئېسىلىشلىرى كېرەك. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە ئالدانماسلىقلىرى لازىم.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ شۇنى بىلىشلىرى لازىمكى: مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر جامائەتكە قېتىلىش ياكى مەلۇم بىر گۇرۇھقا ئەزا بولۇش ۋە ياكى مەلۇم بىر مەزھەپنى قوبۇل قىلىش كېرەك ئەمەس. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىغا بويسۇنۇش، ئاللاھ تەئالانىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىش كۇپايە قىلىدۇ.
«قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نىڭ ۋە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى تەرجىمىسى»، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «ياخشىلار باغچىسى»… قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بولۇشى ناھايىتى چوڭ نېمەتتۇر.
ھەر مۇسۇلمان بۇلارنى ناھايىتى دىققەت بىلەن ئوقۇپ، ئايەت – ھەدىسنى بىرلىكتە ئاساس قىلىپ، ئۆز يولىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك. دىن نامىدىن گەپ قىلغانلار قۇرئان – ھەدىسقا ئاساسلانغان بولسا قوبۇل قىلىشى، ئەكسى تەقدىردە قوبۇل قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ھەر كىشىگە ئايرىم – ئايرىم ئەقىل ئاتا قىلغان. «ئۇلۇغلىرىمىز نېمە دېگەن بولسا، ئۇنىڭدا بىرھېكمەت بار» دەپ ئىمانىنى شەيتانغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئولتۇرماي، «ئاللاھ ۋەئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇبدان بىلىدۇ» دەپ ئىمانىغا ئۇيغۇن ئىش قىلىشى كېرەك!
———————————————————–
[1]- مۇنافىقۇن 63/8.

[2]- ئال ئىمران 3/139.

[3]- بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى»، «ئاللاھنىڭ كىتابى» دېگەن بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قۇرئان، ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن. بۇ ھەدىسنى دارىمى سۇنەن ناملىق كىتابىدا، ھاكىم ئەلمۇستەدرەك ئەلەسسەھىھەين ناملىق كىتابىدا، بەيھەقى شۇئەبۇلئىمان ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلىدۇ.

[4]- ئال ئىمران 3/103.

[5]- ئەھزاب 33/21.(مۇسۇلمانلارتورى)
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-27, 02:03
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
تۆھپىسى: 23
پۇلى: 294 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 46
ياخشى باھا: 294
توردا: 60(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-05-13
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 11:13

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 168
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە168دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 299 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 120
ياخشى باھا: 299
توردا: 106(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-05-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 11:14

تۇرمۇشتا ئېزىقىپ بۇزۇلۇپ كەتكىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئازدۇرۇشى ئەمەس ، بەلكى قەلبىڭدە مۇقەددەس روھ ، مۇقەددەس ئېتىقاد بولمىغانلىقىدىندۇر.

تەرمىلەردىن:
سىنىڭ ئىرادەڭ بۇيىچە بولسۇن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 765
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە765دانە
تۆھپىسى: 104
پۇلى: 975 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 215
ياخشى باھا: 975
توردا: 111(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-05-13
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 12:47

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى ھىدايەت نىڭ 2012-04-27 11:13 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز .

ئەھمىيىتى نەدە ، بىلىۋالساق بوپتىكەن؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 34
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 93
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
تۆھپىسى: 6
پۇلى: 104 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 14
ياخشى باھا: 104
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-19
ئاخىرقى: 2012-05-04
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-27 21:43

مېنىڭچىمۇ بىر قىسىم تەقۋادار ئۆلىمالىرىمىز بىر تاياقتا ھەيدەلگەن ،پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان تېما بولاپتۇ .
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 05:18

مىنىڭچە ھىچقانداق پىتنىگە سەۋەپ بولالمايدۇ.ئەھمىيىتى تەپەككۇرگە قالسۇن.
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-28 12:55

قۇرئان ۋە سەھى ھەدىسلەردىن باشقىسىغا ئالدىراپ ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ھازىر بىر قىسىم زەئىپ ھەدىسلەرنىڭ بېرىۋاتقان تەسىرىمۇ خېلى بار .
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 929
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە929دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 1123 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 145
ياخشى باھا: 1073
توردا: 154(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-05-11
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-08 17:06

  ھەددىس بىلەن پەددىس ئارلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە مۇھەممەد سالى قارھاجى تەرجىمە قىلغان قۇرئانى كەرىمنى كۆپ ئوقۇساق ئوقۇغاندىمۇ چۈشۈنۈپ تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇساق ئەڭ ئەۋزىلى شۇ...كەمىنە ئاجىز بەندەڭنى كەچۈر ئاللاھ !!!