ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 933 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى نېمىشقا تەس؟
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 261
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە261دانە
تۆھپىسى: 76
پۇلى: 435 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 152
ياخشى باھا: 415
توردا: 70(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2012-05-14
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 10:06

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى نېمىشقا تەس؟

ياۋ شىنيوڭنىڭ ئىلاۋىسى :

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ئېنگلىزچە نەشرى» نىڭ گاۋ فامىلىلىك مۇخبىرى ماڭا ماقالە بۇيرۇتقانىدى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان« 1-قول»نىڭ كەملىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانىكەن.ئۇ مەن بېلەن يەنە بىر ئۇيغۇرغا ھەر بىرىمىزگە تەخمىنەن 1400خەت كېلىدىغان بىردىن ماقالە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيىتتتى.يەكشەنبە كۈنى گېزىتتىن ئىككىمىزنىڭ ماقالىسىنى كۆردۈم.ئەمما، ئېلان قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا ئۇلار ئەشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئۇنۋېرساللاشتۇرۇپ خەۋەر قىلغاندەك تۇراتتى. ھازىر مەن ئەشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىشىڭلارغا سۇنماقچىى . ئىككى پارچە ماقالە كۆز قاراش جەھەتتە زور پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ماقالىسى بىر قەدەر كونكىرىتنى يېزىلىپتۇ، سان-سىفىرلارمۇ خېلى كۆپكەن. مېنىڭ ماقالەم بولسا ئەقلى تەپەككۇرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى ماقالە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دەپ قارايمەن.
     ئۇنىڭدىن باشقا «يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئېنگلىزچە نەشرى» گە بېسىلغان ماقالىلارنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم. تەرجىمىدە بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئەينەن يەتكۈزۈلدىمۇ -يوق ، ئېنگلىزچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېرىشىنى سورايمەن.
-------------------------------------


       ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى نېمىشقا تەس؟

                                    تۇرغۇنجان تۇرسۇن

       دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.2008-يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت  كادىرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 363مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي كادىر سانىنىڭ %51.25 نى ئىگىلىدى.ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكى، ھەر قايسى ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئوبلاسىت باشلىقلىقى، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىقى ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى خەلق قۇرۇلتۇيى دائىمىي كومېتىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ  باشلىقلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ  باشلىقلىقىنى ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزگۈچى مىللەت گىراژدانلىرى ئۈستىگە ئالدى؛ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرلەرنىڭ ۋالىيلىقى، ئوبلاسىت باشلىقلىقى ۋە شەھەر باشلىقلىقى ھەمدە ھاكىملىقى ۋە رايون باشلىقىلىقىنى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆتۈگەندىن سىرىت،  ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانىلىرىدىمۇ  نۇرغۇن نازىر ، مۇدىرلار بار بولدى.
      ئەمما، بۇنىڭ بېلەن مۇنداق بىر پاكىتنى ياپقىلى بولمايدۇ: ۋىلايەتتىن ناھىيىەگىچە ، ئاندىن يېزىغىچە بولغان مەمۇرىي رايونلارنىڭ دەرىجە قاتلىمىدا يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىقى ئادەتتە يەرلىك ھاكىمىيەت-باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى «1-قول» دەپ قارىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتتىن «1-قول» بولغانلار يوق دېيەرلىك.
2010-يىلىدىن ئىلگىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 865يېزا –بازاردا يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ساناش خۇددى كۈندۈزى يۇلتۇز سانىغاندەكلا ئىش ئىدى، ھەتتا ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى بولغان ئۇيغۇردىن بىرىمۇ يوق ئىدى، ۋىلايەتلىك پرتكومنىڭ شۇجىلىقىدىنغۇ ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايىتتى. نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى شۇنچە تەس؟  بۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ مەسىلە ھېساپلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئامىللىرى بولۇشىى مۇمكىن :
      1- ئىقتىدار ئامىلى
       يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى شۇ رايوننىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى باشقۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. مۇشۇ ۋەزىپىنى ئاتقۇرغۇچىنىڭ سېياسىي ساپا، بىلىم سەۋىيە، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە دادىل،تەدبىرلىك ، كەسكىن بولۇشىغا قارىتا خېلى يۇقۇرى تەلەپلەر قويۇلىدۇ. شۇنى ئېتراپ قىلىش كېرەككى، مۇشۇنداق شەرىتكە توشۇدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى خېلىلا ئاز، بولۇپمۇ بەزى ئاساسىي قاتلاملاردا تەلەپ بېلەن ئىقتىدار ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق نىسبەتەن زور.
        2- تىل ئامىلى
       ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نىسبەتەن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىمۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان موھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىدار بېلەن ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار.شىنجاڭدا ئىزچىل تۈردە خەنزۇ تىلى بېلەن مىللىي تىل ئايرىۋېتىلگەن مائارىپ تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى «مىللىي تىلىدا ئىمتاھان بېرىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار»، خەنزۇ تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى «خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بېرىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يۇقۇرى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ فاڭجېن-سېياسەتلىرى، زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى، بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈششىگە دائىر بىلىملەرنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش ۋە سېياسىي جەھەتتىن ئۆسىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئىچىدە ئىچكىرىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ياكى ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ يېتىشكەن  خەنزۇ تىلىغا پىششىق قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بولسىمۇ ئەمما ، ئۇلار سان جەھەتتىن ئاز، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلاملاردا تېخىمۇ ئاز.
         3-پارتكوم ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق تەقسىمات ئامىلى
       شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن  يەرلىكتە پارتكوم شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقانلارنىڭ بەك ئاز بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ يەرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاتقۇرغانلىقىدىندۇر. شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرنىڭ ۋالىي (ئوبلاسىت باشلىقى، شەھەر باشلىقى ) سىدىن 13 ئى ئاز سانلىق مىللەتتىن. 99 ناھىيە، شەھەر،  رايوننىڭ ھاكىم  (شەھەر باشلىقى ، رايون باشلىقى) نىڭ 81 ئى ئاز سانلىق مىللەتتىن. شۇڭا پارتكوم شۇجىلىقىنى خەنزۇلارنىڭ ئۆتۈشى لازىم بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال شىنجاڭدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.  شىنجاڭدىمۇ باشقا ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارغا ئوخشاشلا ھوقۇقنىڭ پارتكوم شۇجىسىغا ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ قېلىش ھادىسىسى مەۋجۇت. ئەمما شىنجاڭدا بولسا بۇ خىل ھالەت تېخىمۇ ئېغىر. شۇڭا بۇ ھەقتىكى سۆز-چۆچەكلەر ناھايتى كۈچلۈك بولماقتا. يەرلىك پارتكوم بېلەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن ھوقۇق ئايرىش تۈزۈمىنى رېئاللىقتا ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايتى تەس.قانداق ئەھۋالدا ھوقۇقنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق تەقسىماتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشماسلىقى كېرەك ئىدى.
         4-ئىشەنىچ ئامىلى
         بۇ شىنجاڭدا خېلىلا يامان كۆرۈدىغان سۆز تېمىسى ھېساپلىنىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تونۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى ئۇلار دائىرىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەر «1-قول »بولالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.بۇنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ۋاقتىنچە مۇلاھىزە قىلمايمىز.ئەمما ئوبىيېكتىپ ئەھۋال دەرۋەقە دەتالاشسىز شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن «1-قول »لارنىڭ ئاز بولۇشى ھادىسىسىنى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئادەتتىكى ئاممىسىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ نەزەرىيە ۋە چوڭقۇرلۇق نۇقتىسىدىن چۈشىنىش تەس بولسىمۇ ئەمما رېئاللىقتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەردىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمىگەچكە ئاز سانلىق مىللەتلەر «1-قول » بولالمايدۇ، دېگەن يەكۈن كېلىپ چىققان.
ھازىرقى رېئاللىقنى مەيلى قانداق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر كىشىنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ.ئىسلاھات –ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30يىلدىن بۇيان دۆلەت شىنجاڭغا زور تۈركۈمدە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلاردىن بىر نەپەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، 10نەپەر يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى يېتىشتۈرۈپ بېرەلمىگەنلىكىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.بەلكىم بىزنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىمىزدا زور كەمچىللىكلەر باردۇ، يەنە بەلكىم  ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى دادىللىق بېلەن ئىشلىتىشتە ئېغىر دەرىجىدە شۈبھىلىنىشلەر مەۋجۇتتۇ . ئىش قىلىپ ئاۋامنىڭ تالاش-تارتىشلىرى بىكاردىنلا پەيدا بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا قارىتا ئىنتايىن پايدىسىزدۇر.
تارىختىن قارىساق، تۆمۈر داۋامەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا توقسۇن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان ئۇيغۇردۇر، شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان بىردىن بىر ئۇيغۇردۇر.سەيفىدىن ئەزىزىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەپ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا قانداق توغرا قاراش ۋە ئىشلىتىشتە.
2010-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ سېياسىي مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا دائىر سېياسەت-تەدبىرلەر ئۈزلىكسىز يېڭىلانماقتا. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن «1-قول »لارنى تاللاپ ئۆستۈرىدىغان يېڭى ھاكىمىيەتچە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۆۋەن مۇقامدا بولسىمۇ باشلاندى. نۆۋەتتە جەنۇبى-شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت-ئوبلاسىتلاردا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار يېزا-بازارلىق پارتكوم شۇجىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشكارىلىشىچە ، كېيىنكى قەدەمدە سىناق نۇقتىسى ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىكىگىچە كېڭەيتىلىدىكەن. «سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى » بۇنىڭغا «بۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىك ھېسىياتىنى يوقۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدۇر » دەپ باھا بەردى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، بۇ ئىنتايىن موھىم پائال ئەھمىيەتكە ئىگە تەدبىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە يېڭى رەھبەرلەرنىڭ سېياسىي ئەقىل-پاراسىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھوقۇقنىڭ سىرتىغا ، سېياسىينىڭ چېتىگە چىقىپ قالغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويماسلىق لازىم.بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەتنىڭ سېياسىي ئەمەلىيىتى جەريانىغا قاتناشتۇرۇپ، مىللەتلەر سېياسىتى ۋە «مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگۈلىمىلىرى بويىچە ئۇلارنى ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن قىلغۇزۇپ، يەرلىكنىڭ ئىشلىرىنى بىرلىكتە باشقۇرغۇزۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەتنىڭ سېياسىي ئەمەلىيىتى جەريانىغا قاتناشتۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنى دۆلەتنى ئورتاق ئېتىراپ قىلغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان 2-ئۇيغۇرنىڭ، كەلگۈسى بەش يىلدا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان تۇنجى ئۇيغۇرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

------------------------------------

http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102dw9y.html
    





  «ئاز سانلىق مىللەتتىن 1-قولنىڭ يوقلۇقى نەزەرىيىسى» گە باھا

                                   ياۋ شىنيوڭ

         جۇڭگودىكى مىللىي مەسىلىنىڭ بەزى رايونلاردا ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىل.بۇنىڭ ئىچىدىكى دائىم سەل قارىلىدىغان موھىم سەۋەب ئاددىي كاللا بېلەن تەپەككۇر قىلىش ۋە ئىش كۆرۈشتۇر. ئۇ ھۆكۈمەتنى ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگۈلەش ۋە خىزمەت ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئاددىي-قوپاللىققا يېتەكلەپ، ئوخشىمىغان مىللەت توپىغا تەۋە قوۋىمنىڭ كونكىرىتنى مەسىلىلەر ھەققىدە ئوبىيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئارىلىققا ھاڭ پەيدا قىلىپ، مىللىي توپنىڭ ئۆچمەنلىكىنىڭ داۋام قىلىشى ۋە قارا نىيەتلەرنىڭ توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.نۆۋەتتىكى «شىنجاڭدىكى 1-قوللار ئارىسىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر يوق» دېگەن نارازىلىق ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
        ئاۋال شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، مەيلى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈزۈم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ ئىگىلىرى پارتىيە شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان خەنزۇلاردۇر.بۇ ئاللىقاچان ماھىيەت خاراكتىرىنى ئېلىپ، مىللەت تەركىبىگە ئاساسەن ھوقۇق تەقسىم قىلىشنىڭ مونوپولىغا –چەتكە قېقىش خاراكتىرىنى ئالغان مېخانىزىمغا ئايلىنىپ بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ نارازىلىق ۋە گۇمان پەيدا قىلىشى تەبىئىي. بۇ ج ك پ نىڭ ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۆزى ھەىققىدە قايتا ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مەسىلىدۇر.ئەمما مۇبادا بىزنىڭ تونۇشىمىز پەقەت ھوقۇققا بولغان مىللىي توپ تەقسىماتىنىڭ نىسبەتسىزلىكى ئۈستىدىكى نارازىلىقتىلا توختاپ قېلىپ مەسىلىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى كۆرۈپ يەتمىگەندە بىر تەرەپلىمىلىك پەيدا بولۇپ ، ئۆزىمىز كەلتۈرىۋاتقان پاكىتلارمۇ كۆڭۈلدىكىدەك مېۋە بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
  مەسىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زاتلارنىڭ نارازىلىقىنى ئاڭلىغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ سۆزى  خۇددى شىنجاڭدا ئەزەلدىن ھەرقانداق بىرەر ئازسانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان كادىرنىڭ ھەرقانداق دەرىجىدىكى بىرەر پارتىيە شۇجىلىقىنى ئۆتەپ باقمىغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ئەلبەتتە پاكىتقا ئۇيغۇن ئەمەىس.سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ 1-سېياسىي كومېسسارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش –قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 1- سېياسىي كومېسسارى بولغان. سەيپىدىن ئەپەندى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ موھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.ئەشۇنداق كەچمىشى بار ئادەمگە مالىمانچىلىق قاپلىغان مەدەنىيەت  زور ئىنقىلابى دەۋرىدە دۆلەت شىنجاڭنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت-ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىكىنى ئۇنىڭغا قورقماي بېرەلىگەن. ئەجىبا بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەلبەتتە بۇ ھازىرقى ج ك پ دە ئۆزىگە بولغان ئىشىنىشنىڭ كەملىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئۇنداقتا بۇنىڭدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن كومپارتىيە ئەزالىرى يوق، كىشىنى توللۇق خاتىرجەم قىلىدىغان ئاپتونوم رايوننىڭ 1-قولى بولالىغۇدەك ئۇيغۇر يوق دېگەن ھۆكۈم كېلىپ چىقامدۇ قانداق؟ بۇنداق دېسەم خاتا چۈشىنىش پەيدا بولۇپ قالمىسۇن. دېمەكچىمەنكى ، ئىشىنىش نوقۇل بىر تەرەپتىن ئەمەس بەلكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدۇ.
       يەنە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا  ، ئازسانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان كادىرلاردىن 1-قولنىڭ چىقماسلىقىغا  نوقۇل بىر تەرەپلىمە قاراش بېلەن نارازى بولۇش تازا ئاقىلانىلىق ئەمەس.
         1-جۇڭگونىڭ يولغا قويۇۋاتقىنى پارتىيە شۇجىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى.ئەمما بۇ قانداقتۇر مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك ياكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى موھىم ئەمەس دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ.يەنە كېلىپ مەمۇرىي رەھبەرمۇ سېپى ئۆزىدىن پارتىيىنىڭ ئادىمىدۇر. شۇڭا ساناقلىقلا مىللىي كادىرلارنىڭ 1-قول بولۇشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشقا راستىنلا قاتناشمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.ھازىر ھوقۇق پارتىيە شۇجىسىگە مەركەزلىشىپ قالغانلىقتىن مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ قىسمەن ئاجىزلاپ قالغانلىقى راسىت. ئەمما بۇ ئايرىم ماھىيەتلىك مەسىلىدۇر.
        2-پارتىيىنىڭ يادرولۇق رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى بېلەن مىللىي ئاپتونومىيە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ئەمما بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەن، پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا «مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە»نىڭ پىرىنسىپلىرى يولغا قويۇلمىغان.ئەينى ۋاقىتتا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغان لېنىن سوۋېت كومپارتىيىسىنىڭ ئىچىدە مىللەت تەركىبى بويىچە ھوقۇق تەقسىم قىلىشقا ئۆكتە قوپقان. شۇڭا مىللىي رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن مىللەتلەر توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە پارتكوم شۇجىلىرىنى سەپلەشنى تەلەپ قىلىش ھېچ بولمىغاندا تۈزۈم جەھەتتىكى سەۋەبىنىڭ كەملىكىدىن بولغان .
           3-تېخىمۇ موھىمى تالاي ئۇيغۇر زاتلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى نارازىلىقى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ يېتەرلىك دېمىگراتىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغانلىقىدىغا گۇمان قىلىۋاتقانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئوخشىمىغان مىللەت توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتى بويىچە ھوقۇق تەقسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىدا ئىپادىلىنىدۇ. كۆپ مىللەتلىك زامانىۋى دۆلەتتتىكى ھوقۇقنىڭ قانۇنلۇق بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ مىللەت توپىنىڭ نوپۇس نىسبىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى )بۇ پەقەت نەتىجە ،سەۋەب ئەمەس (دە ئەمەس بەلكى ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە ئەل رايى بويىچە تاللانغانمۇ-يوق، قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ-يوق، ھەقىقى مېخانىزىم خەلقنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالىشىنى ئۆزىدە ھازىرلىدىمۇ -يوق قاتارلىق تەرەپلەردە گەۋداىلىنىدۇ.مۇبادا مۇكەممەل بولغان نازارەت مېقىانىزىمى ئورنىتىلمىسا شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوملىرىنىڭ 1-قوللىرى خەنزۇدىن ياكى ئۇيغۇردىن بولمىسۇن ياكى نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتىمىسۇن ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت توپىدىكى خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولالامدۇ؟ يەنە كېلىپ بۇ باشقا مىللەت توپىدىكىلەر ئۈچۈن ئادىللىق  ھېساپلىنارمۇ؟ بۇ خىل تەپەككۇر يولى بېلەن بۇ ھەقتىكى گەپ-سۆزلەر ھوقۇق تەقسىماتىنىڭ ئادىل،دېمىگراتىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىپادە قىلىنىشى كېرەككى، ھوقۇق-مەنپەئەت تەقسىماتىدىكى مىللەت پۇشتىنىڭ باراۋەرسىزلىكى قاتارلىق ھادىسىلەردىلا توختاپ قالسا مەقسەت ئارىلىشىپ كېتىشى ھەتتا سىنىپىي خارەكتىرلىك باراۋەرسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن.
          ئېيتىشلارغا قارىغاندا، جاڭ چۇنشىيەن شىنجاڭدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن مىللىي كادىرلاردىن 1-قولنىڭ كەم بولۇش مەسىلىسىگە ئېتىبار بېرىشكە باشلىغان ھەم يېزا دەرىجىلىك پارتكوملارغا ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان پارتكوم شۇجىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە تۈرۈتكە بولغان. بۇنى ئەلبەتتە ئىجابىي تەرەپتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولسىمۇ ئەمما چوڭ يۈزلىنىشتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش بوپ كېتىشى ناتايىن. جۇڭگو سېياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ دېمىگراتيەلىشىشى ، سۈرئىتى، سالمىقى قاتارلىق ئاساسىي يۆنىلىشى جەھەتتىن ئېيىتقاندا نۆۋەتتە ئاۋال مۇنۇ ئۈچ تەرەپتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك : بىرىنچىدىن ، تۈزۈلمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تەقسىماتى ، نازارەت قىلىشنى دېمىگراتىيەلەشتۈرۈش ، تۈزۈملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ؛ بۇنىڭ ئىچىدە ھوقۇقنىڭ پارتكوم شۇجىلىرىگە مەركەزلىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا تۈپتىن ئۆزگەرتىش.ئىككىنچىدىن، گىراژدانلار ھوقۇقنى نازارەت قىلىدىغان ئۈنۈملۈك مېخاينىزىمنى پائال بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.ئۈچىنچىدىن ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھوقۇق ياكى قىسمەن ھوقۇقلارنى ئاۋام سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنىڭ سىناق نۇقتىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا بەرپا قىلىپ، ئۇنى پەيدىن-پەي كېڭەيتىشنى قولغا كەلتۈرۈش. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھوقۇق تەقسىماتىنى دېمىگراتىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ پاك، يۇقۇرى ئۈنۈم بېلەن يۈرگۈزىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولغان سېياسىي دېمىگراتىك تۈزۈمنىڭ ئەڭ ئاخىردا ۋۇجۇتقا كېلىپ ، تۈرلۈك تۈزۈم خاراكتىرلىك ھوقۇق-مەنپەئەت باراۋەرسىزلىكى قاتارلىقلارنى يوقۇتۇش ۋە ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە شەرت-شارائىت ھازىرلايدۇ.

附《环球时报》发表样式:
http://blog.sina.com.cn/s/blog_60f25ed70102dw9y.html

يۇقۇرقى ئۇلىنىشتىن بوزقىر تەرجىمە قىلدى

تېما تەستىقلىغۇچى : ھون
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-26, 03:29
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 12:52

يولداش تۇرغۇنجان تۇرسۇننىڭ ماقالىسىدا:<<ئىقتىدار ئامىلى،تىل ئامىلى ،ھوقۇق تەقسىمات ئامىلى ،ئىشەنچ ئامىلى>> ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ يەنە مۇناسىۋەت ئامىلىدىن ئىبارەت بىر مۇھىم ئامىل چۈشۈپ قالغان .جوڭگۇدا <<مۇناسىۋەت>>تورى ۋەئۇنى ئورنىتىش  چارىسى پۇل ئارقىلىق ۋە ئاياللارنى ۋاستە قىلىش يولى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدىغان ئىشلار بەزى جايلاردا خېلى گەۋدىلىك.

1.<<ئىقتىدار ئامىلى >> بىزدىكى ئىقتىدارسىزلىق ئامىلىنى كۆرسىتىدۇ دىيىلسە مۇۋاپىق ئەمەس ،بەزى جايلار بەك ئىقتىدارلىق بولۇپ كەتكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارنى ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن ياكى كۆزدىن يىراق قىلىشقا چارە كۆرۈشكە ئۇستا بولۇپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ بار...
2.تىل ئامىلىغا كەلسەك ئازسانلىق كادىرلار دۆلەت تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمىسىمۇ  مەقسىدىنى ئاۋامغا تولۇق ئۇقتۇرالايدۇ .ئەمما خەنزۇ كادىرلارنىڭ بىر قىسمى بىر ئېغىز تىل بىلمىگەننى ئاز دەپ قانداقلارچە 1-قول خىزمەتنى ئاتقۇرالىدى دىگەندە  ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاتارمەن -چاپارمەنلەر نىڭ تۆھپىسى يوق ئەمەس ۋە باشقىلار...
3.ھوقۇق تەقسىمات ئامىلى بولسا نوپۇس توپىنىڭ نىسبەت تەلىپى ۋە مەركەزنىڭ قوللاش ،ھېمايىسىدىن ئايرىلالمايدۇ .مىللى تېرىتورىيەلەك ئاپتونومىيەنىڭ قانۇن پۇنكىتسىيەسىنىڭ  ئەمەس سىياسى شۇئار پۇنكىتسىيەسىنىڭ  تۈسىنى ئېلىپ قالغانلىقىىنىڭ ئالامىتى بولسا كېرەك ،
4.ئىشەنچ ئامىلىغا كەلسەك ئاز سانلىق مىللەتلەردە  بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردا  ئېتىقاد ۋە ئىشەنچ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ،ئۇلارنىڭ دىنىمىستىك كاللىسىدا  ئاللاغا ،پەيغەمبەرلەرگە ،ساماۋى كىتاپلارغا ،قىيامەتكە،دوست بۇرادەرلەرگە ،رەھبەرلەرگە  ھەتتا پالغا ئىشىنىشتەك روھ ھۆكۈمىران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن .ئەندى ئىشەنمەسلىككە كەلسەك ئۇ  بىر قىسىم  ھېچنىمىگە ئىشەنمەيدىغان خەنزۇ  كادىرلارنىڭ  باشقىلاردىن ئىشىنىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھېچكىمگە ،ھېچنىمىگە ئىشەنمەيدىغان ئوغرى -گۈمانخورلۇقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ،بىز تارىختا ھەتتا دىنى قېرىندىشىمىز بولغان تۇڭگان يولداشلارغىمۇ ئىشىنىپ كۆپ خاپىلىققا خېرىدار بولغان مىللەت ،بۇرۇن ئىشەندۇق ،ھازىرمۇ ،كەلگۈسىدىمۇ ئىشىنىۋېرىمىز ،چۈنكى بىز ئىشەنگەنلەر ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىگىمىزنى تونۇپ يېتىدۇ ،تونۇتىمىز.
مەن قوشۇمچە قىلغان <<مۇناسىۋەت ئامىلى>> غا ،كەلسەك   خەنزۇ مىللىتى ئىچىدە پارا بېرىش ،پارا ئېلىش ،پارا تونۇشتۇتۇرۇش  ياكى جۇروڭجىنىڭ گېپى پويىچەئېيتقاندا چىرىكلىشىش زامان ،ماكان ھەتتا دىنى ئېتىقاد چېگرىسىدىنمۇ ھالقىغان ،مەسىلەن  غەرپتىن نوم ئالغىلى بارسىمۇ پارا ئالغان -پارابەرگەن،زىنداندىن بىرەيلەننى ئازاد قىلماقچى بولسىمۇ تۆۋەندىن -يۇقۇرغىچە مايلاپ بولغان ،بىرەر ئەمەلگە پۇل خەجلىمەي  ئېرىشىش خىيالىدا بولۇپ باقمىغان..
بۇندىن باشقا ئاقىل ئىختىساسلىقلارنى  بىلمەسلىك ،بىلسىمۇ ئىشلەتمەسلىك ،ئىشلەتسىمۇ جايىغا ئىشلەتمەسلىك   بەزى كەسپى، مەمۇرى ،ھەربى رايۇن كان -كارخانىلاردا خېلى ئېغىر؟....داۋامى بار
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-04-26 13:29قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 13:03

بىزدە بىر خىل دىنى ئېتىقاد چەكلىمىسى ۋە ھالال -ھارام تۇيغۇسى ئۇستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ياكى ئۇ كىشىنىڭ ھەققىنى يىمەسلىككە بېرىپ تاقىلىدۇ ،يىتىمنىڭ ،<<كىشىنىڭ ھەققىنى يىگۈچە يەلكەڭنى كېسىپ يە >>دەيدىغان گەپمۇ بار.كىشىنىڭ ھەققى ئاددەتتە ماۋزىدوڭ ئېيتقان خەلقنىڭ يىپ يىڭنىسىدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرگە قارىتىلغان .بىزدىكى پارا يىگەن ،كىشىنىڭ ھەققىنى يىگەنلەر <<ھارام >>يىگەنلەر ياكى قېرىندىشىنىڭ گۈشىنى يىگەنلەر دەپ قارىلىدۇ ، بۇ شۇ ئادەمگە نىسبەتەن ئۆلگەن بىلەن باراۋەر قىسمەت ئەلۋەتتە .ئۇنداق كىشىلەر ئۆزىنى  مۇسۇلمانلىق سالاھىيەتكە ئىەە دەپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايدۇ، باشقا مىللەتتە بۇنداق قاتتىق قائىدە ئىنتىزام يوق دىيەرلىك بولغاچقا ئۇلار باشقىلار سۇۋغات ئەمەس پارىنى بىمالال يەۋېرىدۇ...مانا بۇ مۇناسىۋەت پەيدا قىلىدىغان كۆۋرۈك ئەلۋەتتە ،بەز يىمەيدىغان مۈشۈك ،قاشقۇر يوق دىگەندەك ، بىز بەزنى ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ رىسقى دەيمىز دىمەك ئۇلار ھايۋاننىڭ رىسقىنىمۇ يىدى دىگەن گەپ!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 13:27

ياۋشىنيوڭ ئەپەندى ئۆز ماقالىسىدا ئەجەللىك بىر خاتالىققا يول قويغان .ئۇ شۇنداق دەيدۇ :<<سەيپىدىن ئەزىزىدەك  <<ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى >>گە قاتناشقان << كەچمىش>>ى بار كىشىگە ئىشىنىپ 1-قل ھوقۇق ئۆز ۋاقتىدا بېرىلگەن ،دەپ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا ئىشەنمەسلىكتەك رىئاللىقنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىگە  پاكىت  قويماقچى بولغان . بۇ توغرا قاراش ئەمەس. يولداش ماۋزېدوڭ :<<شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى>>نى جوڭگۇ ئىنقىلابىنىڭ  بىر قىسمى دىگەن تۇرسا  رەئىس سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئىنقىلاپ <<كەچمىش>>ى قانداقلارچە گۇمان قىلىش قىلماسلىقنىڭ چەك چېگرىسى قىلىنىدۇ.پار تىيە ئۆزى بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشقان گومىنداڭچىلارغائىشىنىپ ئۇلارغا دىۋزىيە ۋە بىڭتۇەنلەرنى قۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىشىغا  پۇرسەت يارىتىپ  بەرگەن ئەھۋالدا  جوڭگو ئىنقىلاۋىنىڭ بىر قىسمى بولغان <<ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى>> غا قاتنىشىشتەك كەچمىشنىڭ شاھىدى سەيپىدىن ئەزىزىنى،ھەم مەزكۇر ئىنقىلاپنى  نىمە ئۈچۈن ئىشىنىش- ئىشەنمەسلىكنىڭ ،قورقماستىن مالىمانچىلىق دەۋرىدە ھوقۇق تۇتقۇزۇپ قويۇشنىڭ ئۆلچىمى دەپ بىزگە تارىخى پاكىت قىلنىپ كۆرسىتلىىدۇ؟  بۇ مەندىكى خاتا سەزگۈنىڭ ئوقىنى تاپالماسلىقتىن  كېلىپ چىققان ئىزتىراپىمۇ؟-يا!
دوستلىشىش
تاقەت315
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1403
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 97 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 97
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-05
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 13:43

ئەڭ ئاۋال مۇشۇنداق بىر تېمىنىڭ ئوتۇرغا قويۇلغانلىغىدىن سۆيۈندۇم .يۇقارقى تېمىنى يازغان ھەر ئىككى كىشىنىڭ قارشلىرى ياخشى بولاپتۇ .ئىنكاسمۇ بەلەن .مېنڭچە ئەگەر بېرىشنى خالىسىلا ئۇيغۇرلاردا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ھۆدىسىدىن چىققۇدەك كاللىنىڭ بارلىغىدا گەپ يوق . دۆلىتىمىز رەھپەرلىرى كان ئېچىش بىلەنلا بولۇپ كەتمەي ، 56 مىللەتنىڭ كاللىسىنىمۇ تەڭ ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك .
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 168
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە168دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 299 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 120
ياخشى باھا: 299
توردا: 106(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-05-14
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 16:11

ھازىر مەملىكىتىمىزدە يۇقارقى دوستلار دەپ ئۆتكەندەك ، پارىخورلىق ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك
پەقەت مەمۇرى ساھادىلا چەكلەنمەيدۇ ، ھەممە ئىشقا ئېقىپ كىرگەن ،پۇل بىلەن ئۆلچەم ، بولىدۇ ھەرقانداق ئىش ، ۋىجدان ئېتىقاد ساپا دىگەن نەرسىلەر يوقاشقا يۈزلۈنۋاتىدۇ ،بۇنىسى ئازدەپ پۇل ئۆلچەملىكى بىزنىڭ مەدنىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا ،توي بولسا ئالدىڭىزغا كېلىپ پۇل ئالىدۇ ،ئۆلۈم-يېتىم بولسىمۇ خالىس نەزىردە مېھمانلارنىڭ پەتىگە ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىمۇ تاماق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ شۇنى دەپتەر كۆتۈرەپ ئالدىغا كېلىپ تىزىملايدىغان بولۋلدى ، مۇشۇنداق يامان ئىللەتلەر ئارىمىزدا كۈرمىڭ ،ھازىرقى جەمېئيەت مەسىلىسى بىزنىڭلا بىشىمىزنى قاتۇرغېنى يوق ،پۈتۈن مەملىكەتتىكى يولداشلار ھەممىسى بەك زېرىكتى بۇنداق سىياسى تۇرمۇشلاردىن.......   
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 165
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
تۆھپىسى: 27
پۇلى: 225 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 54
ياخشى باھا: 226
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-05-07
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 16:18

ئاخشام بىر چۈش كۆرۈپتىكەنمەن ئالما يەپ. ئويغانسام شۇ چۈشۈم ئېسىمدە قاپتۇ. بىراق قوساقتا ھېچنېمە يوق.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
تۆھپىسى: 87
پۇلى: 984 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 164
ياخشى باھا: 919
توردا: 227(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-05-14
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 17:08

<<ئانا يۇرت>>:
-چۈش كۆرگەننى دەپ   <<قارا>>باسقاننى دىيەلمەيۋاتقاندەك كۆرىنىسىز ؟
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 519
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە519دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 323756 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 119
ياخشى باھا: 626
توردا: 141(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-05-12
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 17:44

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى qarxan نىڭ 2012-04-26 17:08 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
<<ئانا يۇرت>>:
-چۈش كۆرگەننى دەپ   <<قارا>>باسقاننى دىيەلمەيۋاتقاندەك كۆرىنىسىز ؟

كۈلۈپ دۇمىلاپ كەتتىم ماۋۇ گەپكە.
ئۇستاز قاراخان بىزگە دەرس سۆزلەۋىتىپ بىر پادىشاھنىڭ قاتتىق كۈلۈپ كەتكەنلىكتىن ، پوتلىسى چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىر ئىشقا مىسال قىلغانلىقىڭىز ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ تاس قالدى مېنىڭمۇ ......................
كۆزۇڭنى ئاچ
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 165
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
تۆھپىسى: 27
پۇلى: 225 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 54
ياخشى باھا: 226
توردا: 6(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-05-07
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-26 18:23

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ئىمران نىڭ 2012-04-26 17:44 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

كۈلۈپ دۇمىلاپ كەتتىم ماۋۇ گەپكە.
ئۇستاز قاراخان بىزگە دەرس سۆزلەۋىتىپ بىر پادىشاھنىڭ قاتتىق كۈلۈپ كەتكەنلىكتىن ، پوتلىسى چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىر ئىشقا مىسال قىلغانلىقىڭىز ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ تاس قالدى مېنىڭمۇ ......................




قاراخان ئەپەندى بۇ يەردە پىسخىلوگىيەگە بىمۇنقاسىپ پىكىر قىلىپ قويغان. چۈنكى چۈش كۆرگەن ئادەمنى قارا باسمايدۇ. قارا باسقان ئادەم چۈش كۆرمەيدۇ. ئىمران دوستىمىز نەقىل قىلغان كۈلۈپ كېتىش بولسا بۇ بىر خىل ئامالسىزلىق. تۆۋەندىكىلەر ھامان يۇقۇردىكىلەرنىڭ ئالدىدا كۈلۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر.