<<قىزىل ماي>>دا سەنمۇ كۈلگىن جان ئانا؟!
قاراخان
<<قىزىل ماي>>دا يېشىل مەيدان راسلاندى،
ئەمگەكچىنىڭ نام -شۆھرىتى يادلاندى .
قەددىڭنى سەن تىك تۇتقاندا چىناردەك ،
سىياقىڭدىن قەلبىم چەكسىز شاتلاندى .
سەنسىز كۈلكەم چىقماس ئەسلا ئەۋجىگە،
ھارارەت يوق سەنسىز ئوتلۇق لەۋزىدە.
باھار چىللاپ تۇرسا روھىڭ تۆت پەسىل،
تولسا قەلبىم ھاياجاندىن لەرزىگە.
كۆك چۈچۈرگە تۈگۈپ بەردىم مېھرىمنى ،
كۆكلەمدىن رەڭ ئالسۇن دىدىم چېھرىڭنى.
مۇڭلىرىڭنىڭ ۋارىسى مەن بىر ئۆمۈر ،
تەشۋىش يىمە چاچما پىكىر - زېھنىڭنى .
مېھنىتىڭگە گۈۋاھ بۈگۈن قۇياش- ئاي،
قان تەرىڭدىن زىمىن ئاچتى خۇشچىراي.
ئايازدا چوغ ،تومۇزدا بۈك سايىۋەن ،
ساڭا ئېيتار سۆزلىرىم بار بىر تالاي...
باغلىرىمدا سېنىڭ پەرۋىش ئىزىڭ بار،
ئىزلىرىڭغا ئىزچى ئوغۇل- قىزىڭ بار .
ئەمگەك سۆيۈپ ئۆتتى ياشلىق قىسمىتىڭ،
خورىساڭمۇ نىشان، قۇت يىلتىزىڭ بار .
سېنى <<چۈشەپ >>قويسا نەۋرە جاپاسى،
ياكى خاپا قىلسا كېلىن تاپاسى.
تۆت تاممۇ ھەم ساڭا بولسا كۈشەندە،
ساڭا زادى نەدە غەمنىڭ داۋاسى.
بىر كۈن كۈلگىن بىر يىل كۈلدى دەپ قالاي،
بىز بايۋەچچە ؟سەن ئەمەسقۇ يا مالاي؟
سېنى قاچان خاتىرجەم بوش كۆرىمەن ،
بايرىمىڭنى ئوينىساڭچۇ خوش بولاي؟!
سۇپۇرگەڭنى قويۇپ تۇرغىن جايىغا،
ئۆزۈڭنى ئال بىردەملىككە سايىغا.
نانمۇ ياقما قاش- كىرپىكىڭ كۆيمىسۇن!
باقما ئەندى ئاسارەتنىڭ رايىغا؟
2012-يىلى 26-ئاپېرىل
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-04-26 17:11قايتا تەھرىرلىدى ]