ئابدۇرېشىت مۇئەللىمگە بىلەت تاشلاپ قويۇڭ!!!
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدا «مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» نى باھالاش-تاللاش توردا ئاشكارە بىلەت تاشلاش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلاردىن 100 نامزات بېكىتىلگەن بولۇپ، بىلەت تاشلاش ئارقىلىق ئالدىنقى قاتاردىكىلەر تاللاپ چىقىلىدىكەن. ھازىر بىلەت تاشلاش ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.
بۇ قېتىمقى «مەكتەپنى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» نامزاتلىرى تىزىملىكىدە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىپىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى، دوتسېنت ئابدۇرېشىت ھېلىمھاجى مۇئەللىممۇ بار. ئابدۇرېشىت مۇئەللىم ئادىمىيلىك يولىدىكى ئانا يۇرتقا، ئەل-ئاۋامغا بولغان ئەمەلىي چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتى، ھەرقانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىلغار ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپتىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايون بويىچىمۇ ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ، غوللۇق مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە، ئۇمىد قۇرۇلىشىدىكى ئون چوڭ ساخاۋەتچى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىپ كېلىۋاتقان ئەخلاق نەمۇنىسى. ئابدۇرېشىت مۇئەللىمنىڭ ئايلىق مائاشى 2000 يۈەن ئەتراپىدا بولسىمۇ،ئاپتونوم رايونلۇق خەير-ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىكا قىلىشىچە، 2006 -يىلدىن ھازىرغا قەدەر بولغان يەتتە يىل ئىچىدە ياردەمگە مۇھتاج بولغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىللىق كوڭلىنى نامايان قىلىپ، 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە قىلغان.
تورداشلارنىڭ مائارىپ سېستېمىسىدىكى تۆھپىكار باغۋەن، ئېسىل پەزىلەتلىك ساخاۋەتچىمىز __ ئابدۇرېشىت مۇئەللىمگە بېلەت تاشلىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز!
بېلەت تاشلاش ئادېرىسى :
http://www.xjedu.gov.cn/jgsz/sxzzgzc/pingxuan/11013.htmبېلەت تاشلاش بېكىتىگە كىرگەندىن كېيىن 2-بەت سول تەرەپ ئاستىدىن سانىغاندا 3-ئورۇندىن 姓名:阿布都热西提·艾力木阿吉
推荐单位:新疆教育学院
编号:069
مۇئەللىمنىڭ ئارخىپىنى كۆرەلەيسىز :كاتەكچىگە توغرا بەلگىسىنى قويۇپ، شۇ بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى提交 دېگەن خەتنى چېكىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ھەر مىنۇتتا بىر بىلەت تاشلىيالايسىز، بىلەت ئىناۋەتلىك بولماي قالسا، بىكەت ئادرېسنى يېڭىلاپ تۇرۇپ تاشلىغايسىز، قوللىغىنىڭىزغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز!