سېغىنىپ كۈتتۈم، ئەزىزىم كەلمىدىڭ ،
چەككەن ئاھۇ-پىغانىمنى بىلمىدىڭ .
بۇ ئۆمرۈمدە پاك  قەلبىم چۈشەنمىدىڭ ، 
غەمگۇزارىڭ ئەجەپ كۆزگە ئىلمىدىڭ .
كېلىمەن دەپ ۋەدىلەر بەرگەن ئېدىڭ ،
بەرگەن ۋەدەڭگە سەن  ۋاپا قىلمىدىڭ .
كېرەك ئەمەس باشقا ھېچنىمەڭ سېنىڭ ،
تەشنا قىلار مىنى پەقەت بىر كۈلگىنىڭ .
ئىككىمىزنى ئايرىدى تەغدىرىمىز ،
قالمىغاچ ھېچ كۆرمىگەن كۈنلىرىمىز .
دەرتلەرگە توشۇپ كەتتى يۈرۈكىمىز ،
مەن ئۈچۈن بەخىت ئەمەسمۇ كەلگىنىڭ .
مېنى ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ دەمسەن ،
بوسۇغام ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىپسەن .
مېنى ئۆچ كۆرگەنلەرگە دۈشمەن بولۇپسەن ،
ئەمەسمۇ بۇ يۈرەگىمنى تىلغىنىڭ .
مەن ھەرگىزمۇ بۇنى سەندىن كۆرمەيمەن،
ئۇنىڭ ئۈچۈن زارى – يىغلاپ يۈرمەيمەن ،
نىمە دەرتلەر تارتقىنىمنى ھىچ بىلمەيسەن ،
شۇ بولدىمۇ ئاھ،مېنى  ياخشى كۆرگىنىڭ ؟
 
ئاپتورى:تۇرسۇنئاي رەھىم.