ئەمدىلا دۇنياغا كۆزئاچقان ئۇماق قۇش باللىرى ئانىسى ئىزدەپ ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى يەپ چوڭ بولۇۋاتاتتى. ئانىسى بۇلارنىڭ تەييارتاپ،ھورۇن بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر نەچچە كۈن ئۇلارغا ئوزۇقلۇق ئېلىپ
كەلمەي،ئۇۋىغا يىقىنراق بىر جايدا ئۇلارنى كۆزەتتى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇلار ئۇۋىسىدىن چىقىپ ياشاش قارارىغا كەلدى.بۇلارنىڭ بىرى :«ئادەم بار يەردە چوقۇم ئوزۇقلۇق بولىدۇ، بىز ئادەملەر ئارىسدا ياشايلى، ئادەملە بار يەردە ئۇزۇقلۇق تاپىمىز دەپ جاپا تارتمايمىز » دەپتۇ .
يەنە بىرى بولسا :«بىز ئورماندا ياشايلى، ئورمان بىزنىڭ ھەقىقي ئۆيىمىز، ئورماندا بىز ئۆزىمىزنىڭ ھالدىن ئۆزىمىز خەۋەر ئېلىشنى ئۆگىنىمىز» دەپتۇ. ئىككىسنىڭ پىكرى بىرـ بىرىگە زادىلا ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلار ئاخىرى ئۆزلىرى
ئايىرىم ياشاش قارارىغا كەپتۇ. بىر قۇش ئۇچۇپ ـ ئۇچۇپ بىر كەنىتكە كېلىپ قاپتۇ، ئويلىمغان يەردىن ئۇ بىر ئادەمنىڭ
قولىغا چۇشۇپ قېلىپ، قەپەسكە سولۇنۇپتۇ. ئۇ قەپەس ئىچىدە ئەركىن ھەركەت قىلالماي، خوجايىن ئېلىپ كەلگەن ئازراققننە يىمەكلىك ئارقىلىق قورسقىنى تويغۇزىدىكەن.
ئورمانلىقتا ياشاشنى قارار قىلغان قۇش كەڭ تەبىئەت قوينىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ، ھەرخىل ھاشارەتلەرنى تۇتۇپ يەپ ، كۈنلىرىنى خۇشال ـ خۇرام ئۆتكۈزۈپتۇ.
كۇنلەر ئۆتۈپتۇ،ئايلار ئۆتۈپتۇ.بۇ قۇشلارنىڭ ئانىسى بالىلىرىنىڭ قانداقراق تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى
بولۇپ ئىككى بالىسىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ.ئانىسى بالىلىرىنى كۆرۈپ ھەم ھەيران قاپتۇ ھەم ئەنسىرەپ قاپتۇ.چۈنكى
قۇش ئانىنىڭ ئادەملەر ئارىسىدا ياشىغان بالىسى ئاجىز ھەم ۋىجىك بولۇپ قاپتۇ. ئورمانلىقتا ياشىغان بالىسى يوغان
ھەم بەسىتلىك چوڭ بولۇپتۇ.ئانىىسى چوڭقۇر ئۇھسىنىپ مۇنداق دەپتۇ:«قەپەس ئىچىدە چوڭ بولغان بىلەن بولمايدۇ،
ئورمانلىقتىكى تۇرمۇش جاپالىق بولسىمۇ ئورمانلىق بىز قۇشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان زىمىنى، بالىلىرىم ئېسىڭلاردا
بولسۇنكى، قۇش بولغاندىكىن ئۇچىشى كېرەك!»
بورتالا شەھەرلىك 5-دىۋىزىيە ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى مەنزىرە جېلىل
[ ھونتەرىپىدىن2011-08-05 18:36قايتا تەھرىرلەندى ]