مۇشۇ يېقىندىن پات-پات غەلىتە چۈشلەرنى كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. يېقىندا شۇنداق بىر چۈش كۆرۈپتىمەن، چۈشۈمدە مۇنداق قىزىق بىر ئىش كۆرۈپتىمەن:
ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئىسلاھاتىمىش، يېزىلاردىكى يەرلەرنى ھۆددىگە بېرىش ئاساسەن ئەمىلىيلەشكەن زامانلار دەرمىشمەن، باي-كەمبەغەللىك پەرقى چوڭايغانمىش. شەھەرلىكلەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ، خىزمەت بېسىمى ئاستىدىكى تۇرمۇشتىن قېچىپ يېزىغا بارغانمىش. يېزىدىكى ھالەت ئۇلار 80-يىللاردا يېزا تۇرمىشى تەسۋىرلەنگەن تېلۋىزىيە فىلىملىرىدىكى كۆرۇنىشلەردىن جىق پەرىقلەنمىگەن. بىچارە دېھقان يەنىلا 19-،20-ئەسىردىكى مىراس كەتمەنلىرىنى كۆتۈرشۈپ ھاشارغا ماڭغانمىش.
-نەگە ماڭدىڭلار؟
-ھاشارغا.
-نەدىكى ھاشاركەن ئۇ؟ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدىكى، ھۆددە يەرلىرىڭلارنى تېرىپ بولدۇڭلارمۇ؟
-ئاز قالدى، قالغىنى يەرنى ئاغدۇرۇش نەق مەيدان يىغىنى ئاچقاندا بىر گەپ بولار.
-ئەمىسە ھازىر نەگە بارىسلەر؟
شەھەردىكى ## سېكىرتار دەمدۇ، ھاكىم دەمدۇ، بىزنىڭ يېزىنىڭ ئايىقىدىكى يايلاق زىمىندىن 1000مو يەر «ھۆددىگە» ئاپتىكەن، شۇ كىشىنىڭ يەرلىرىگە ئىشلەشكە ماڭدۇق.
-ھە ئەسلىدە مۇنداقكەندە، ئۆزىڭلارنىڭكىنى قىلىپ بولۇپ، باشقىلارنىڭكىگە پۇل تاپقىلى دەڭلار؟
-ياقەي بۇ دىگەن ھاشار، پۇل ئالمايمىز، ھەقسىز ئە.....
- ھە لېي فىڭدىن ئۆگەنگىلى دەڭلا.
_ قوپۇڭلار ۋاق بولۇپ كەتتى،_ چۆچۈپ ئويغاندىم. ئالدىراپ ئايالىمدىن سورىدىم، بۈگۈن نورۇز ئېيىنىڭ نەچچىنچى كۈنى؟
_نورۇز ئېينىڭ ئاخىرقى كۈنى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى._ جاۋاپ بەردى ئايالىم ئەجەپلىنىپ.
_ ھە، دىدىم ئىچىمدە- ھازىر دېھقانلارمۇ بوش ئەمەستە، لېي فىڭدىن ئۆگىنىش ئېيىنى ئۆتكۈزىۋەتمەپتۇ.
ئىشخانىغا كىرىپ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشىمغا مېنىڭ سىردىشىم، كۆڭلىمدىكىنى تېپىپلا ئىش بىجىردىغان يېزا باشلىقى بۇرادىرىمدىن تېلېفون كەلدى.
- ## ھاكىم خاتىرجەم بولسىلا ، دېھقانلار بۈگۈن سەھەردىلا ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، سىلىنىڭ«ھۆددە» يەرلىرىگە لېي فىڭدىن ئۆگىنىشكە ماڭدى.
-ھە، ھە ياخشى بوپتۇ. ئويلاپ قالدىم چۈش دېگەنمۇ بەزىدە راسقا ئايلىنىدىكىنا. يېڭى چۈشلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن بالدۇرراق كەچ بولۇشىنى تىلەپ تەستە كۈننى كەچ قىلدىم.
بۈگۈن يەنە قانداق چۈش كۆرەرمەن ھە......
مەنبە: كۆڭۇل خاتىرە دەپتىرىم