ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2735 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قەشقەردىكى قىيىن تېمىلار ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىتراتېگىيىسى
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-04 17:21

قەشقەردىكى قىيىن تېمىلار ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىتراتېگىيىسى





قەشقەردىكى قىيىن تېمىلار ۋە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىتراتېگىيىسى


خېنەن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى : ۋاڭ خوڭتاۋ


بوزقىر تەرجىمىسى




« 5-ئىيۇل » ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن «18-ئىيۇل،»،«30-ئىيۇل»، «31-ئىيۇل» ۋە  «28-فېۋرال» زوراۋانلىق-تېرورلۇق ۋەقەلىرى پۈتكۈل مەملىكەتنى چۆچۈتتى.كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرى قەشقەردىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەھەرگە مەركەزلەشتى.2003-يىلى ج خ مىنىستىرلىقى 1-تۈركۈمدە بېكىتكەن 11نەپەر تېرورچى ئۇنسۇرنىڭ 6نەپىرى قەشقەردىن . 2008-يىلى 16نەپەر قوراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «4-ئاۋغۇسىت» زوراۋانلىق ۋەقەسىدىكى ئىككى نەپەر قاتىلمۇ قەشقەردىن .2009-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت 12 تېرورلۇق شايكىسىغا زەربە بەرگەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا گەرچە ھۆكۈمەت قەشقەرغە غايەت زور ياردەم مەبلىغى سېلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا خاس نۇرغۇن ئېتىبار بېرىش سېياسەتلىرىنى بەرگەن ، ھەر قايسى ئورۇنلاردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلارنى قەشقەرگە سەپلەپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما قەشقەر يەنىلا زوراۋان تېرورچىلار ۋە مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەركىتى ئەڭ كەسكىن رايون بولۇپ كەلمەكتە.جوڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان ئورتاق تونۇشنىڭ كەملىكى، خەنزۇ مەدەنىيىتىگە بولغان چەتكە قېقىش پوزىتسىيىسى، مەركەزنىڭ بەزى سېياسەتلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىك قەشقەر ۋەكىللىكىدىكى ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىدىكى «كەسسە كېسىلمەيدىغان، تۈزىگەنسېرى قايمىقانچىلىق ئۈزۈلمەيدىغان» قىيىن تېمىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

«قەشقەردىكى قىيىن مەسىلىلەر» نىڭ سادىر بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى مۇرەككەپ بولۇپ  ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ :

1-قەشقەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۇيغۇرلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان ئەڭ چوڭ رايون بولۇپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسى تەخمىنەن %80نى ئىگىلەيدۇ. خەلقئارادىكى «پانتۈركىزىم»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا جوڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان ئورتاق تونۇش كەم . قەشقەردىكى ئوسمان، مەنسۇر قاتارلىق دائىم ئۇچرايدىغان ئىسىملاردىن پانتۈركىزىم ئىدىيىسىنىڭ بۇ رايونلارغا بولغان تەسىرىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.ئەمەلىيەتتە يالغۇز جۇڭگودىلا ئەمەس ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەر توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ئازدۇر-كۆپتۇر مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

2- قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ خىل دىن ناھايتى كۈچلۈك بولغان سىرىتقا قارىتا ئىنتىلىشچانلىق خاھىشىغا ئىگە بولۇپ بەيئەت مەركىزى مەككە. ئۇنى يەرلىكلەشتۈرۈش مۇمكىن بولمىغاچقا مەدەنىيەت جەھەتتىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ كەلگەن.ئىسلام دىنى يەھۇدىي دىنىدىن ھامىلە بولغاچقا يەھۇدىي دىنىنىڭ كونسېرۋاتىپلىق دىنىي ئەھكاملىرىغا ۋارىسلىق قىلغان. يات دىندىكىلەر بېلەن نىكاھلىنىشنى تەشەببۇس قىلمايلا قالماي يەنە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ يەھۇدىي دىنىغا ئوخشىمايدىغان يېرى مۇسۇلمانلارنىڭ يات دىندىكىلەرگە «غازات قىلىش» مەجبۇرىيىتى بەلگۈلەنگەن، شۇڭا ئۇ خېلى كۈچلۈك بولغان زەربە بېرىش خاراكتىرىگە ئىگە.

3- چېگرا سىرتىدىكى تېرورچى تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقاتى ۋە سىڭىپ كىرىشى. 1933-يىلى يامان نىيەتلىك ئەنگىلىيە قەشقەردىكى يەرلىكلەر قۇرغان ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نى قوللاپ، بىر قىسىم مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەننى بۆلۈۋېتىشكە ئۇرۇنغان.«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى »، «ھېزبوت»، «ھىجرەت» قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتلار چېگرا سىرتىدا رادىئو ئىستانسىلىرىنى قۇرۇپ، تەشۋىقات بويۇملىرىنى بېسىپ، ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا ئىچىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى ئاتالمىش«غازات قىلىش» قا قۇيراتماقتا. قەشقەر ۋىلايىتى بولسا ئەشۇ سادالارنى ناھايتى ئاسان ئاڭلىيالايدۇ.

4-ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق قول سېياسىتىدىن بىر قىسىم ئەكسىيەتچىلەر پايدىلىنىپ كەتمەكتە. قەشقەردە ئۆستەڭبويى ، چاسىدىن ئىبارەت ئىككى كونا شەھەر رايونى بار.بۇ يەردە 120مىڭ ئۇيغۇر ياشايدۇ. كونا شەھەر رايونىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، قارىماققا سىرلىق قەسىرگىلا ئوخشايدۇ. قورولار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن، يەر ئاستى گەمىلىرى بار. بۇ ھال ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرىشىنى قىيىنلاشتۇرىۋەتكەن. كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى چېقىپ كۆچۈرۈشكە قارشى. ھۆكۈمەت زور مىقداردا تۆلەم بېرىشنى ئېيىتسىمۇ ئەمما، ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىشقا ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى مەركەز بۈگۈنگە قەدەر يەرگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن ئىبارەت قاتتىق قول سېياسەتنى بوشاتمىغاچقا تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئاران 70يىل قىلىپ بېكىتىلگەن. گەرچە ۋەزىيەت تەرەققىياتىدىن ئېيىتقاندا ئاخىر ئۇنىڭ خۇسۇسلۇشۇش ئېھتىمالى بولسىمۇ ئەمما سېياسەتتە بەرىبىر كونا ئۆيلەرگە ئالماشتۇرىلىدىغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى 70يىل دەپ بېكىتىلگەن.چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىدىن كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ كونا تۇرالغۇسىدىن ۋاز كېچىشنى خالىماي كەلمەكتە. يەنە كېلىپ بۇ ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان تۇرالغۇ بولغاچقا ھۆكۈمەتمۇ ئۇلارنى مەجبۇرىي چېقىپ كۆچۈرۈشكە ئامالسىز.يەنە بىر سەۋەب كونا شەھەر رايونىنىڭ ھېيىتكا جامەسىنى مەركەز قىلغان سودا رايونى بېلەن بولغان ئارىلىقى يېقىن، كونا شەھەرنى ئۆزگەرىتكەندىن كېيىنكى دۇكانلارنىڭ باھاسى ناھايتى يۇقۇرى بولغاچقا شۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۇنى قوبۇل قىلىپ بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ  يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ساپلا شەھەر ئەتراپىدىكى رايونلارغا بەرپا قىلىنىدىغان بولغاچقا ئۇلار بىر خىل شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىلغاندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن سودا قىلالماسلىق ۋە ئىشسىز قېلىشتىن ئەندىشە قىلىشتەك ئىچكى تەشۋىش ئىچىدە تۇرۇپ كەلمەكتە.بۇ ئەھۋال مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەرمەكتە.بۇنداق ئەھۋالدا ۋەزىيەت كونتۇرۇلسىز قالغان ھامان زور كۆلەملىك قان تۆكۈلۈش ۋەقەلىرى  كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.  

5-شىنجاڭنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى شىمالغا مايىللاشقان.بۇ ھال جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنى ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسىغا دۇچار قىلغان.خەرىتىگە قارىساقلا شۇنى بىلەلەيمىزكى، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئۈرۈمچى، تاشئېقىن(شىخەنزە)،كۇيتۇن قاتارلىق شىمال لېنىيىسىدىكى شەھەرلەردىن ئۆتىدۇ؛ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ باش شىتابى تاشئېقىن(شىخەنزە) دە ؛ دۆلەتنىڭ 211نۇقتۇلۇق قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى بېلەن تاشئېقىن(شىخەنزە) ئۇنۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت بارى يوقى ئىككىلا ئۇنۋېرسىتېتنىڭ بىرى ئۈرۈمچىدە ، يەنە بىرى تاشئېقىن(شىخەنزە) دە . بۇ خىل ھالەت تارىختىكى سېياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۆپ ھاللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدا بولۇش ئەھۋالى بېلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. 10-11-ئەسىرلەردە قەشقەر قاراخانىيلار سۇلاسىلىنىڭ شەرقىي ئاستانىسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان، يەنە كېلىپ ئۇ يىپەك يولىدىكى مەشھۇر قەدىمىي دۆلەت ھېساپلىنىدۇ. يەكەندىمۇ مەدەنىيىتى تەرەققىي قىلغان سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغان. سېياسىي مەركەزنىڭ شىمالغا يۆتكىلىشى ، خوتەن، يەكەنلەرگە تا بۈگۈنگە قەدەر تۆمۈر يولنىڭ تۇتاشماسلىقى ، شۇنچە چوڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا پەقەت قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ۋە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن ئىبارەت كەسىپ تۈرلىرى ئاز، دەرىجىسى تۆۋەن ئىككىلا ئالىي مەكتەپ نىڭ تەسىس قىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ھالەتلەرنى تارىختىكى كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە جەنۇبىي شىنجاڭلىقلار قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن؟

6-ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ، ئىسلام دىنى چۈشەنچىسىگە بولغان چۈشۈنىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى بويىچە باشقۇرىۋاتىدۇ.ھۆكۈمەت قارغۇلارچە GDPقوغلۇشۇپ ، قانۇنسىز ئۇسۇللار بېلەن كونا ئۆيلەرنى چېقىپ كۆچۈرۈپ، شەھەر كۆلۈمىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ ، يەر-زېمىن سودىگەرلىرىگە يۇقۇرى باھادا ساتىدىغان «تىجارەت شەھرى »قۇرىۋاتىدۇ. بۇ خىل زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان چېقىپ كۆچۈرۈش تۆلەم پۇلى بېرىش، ياكى بىردىن ئىككى يۈرۈشكىچە ئۆي بېرىش ئۇسۇلى بېلەن ھەل قىلىنغاندەك قىلسىمۇ ئەمما شۇ يەرلىك ئاممىنى ئىشسىزلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت كادىرلىرى بېلەن سودىگەرلەرنىڭ ئېغىز- بۇرۇن يالىشىشى، زورلۇق كۈچ بېلەن مەنپەئەت ئېلىشى ، تۇرمۇشتا چىرىكلىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا خەنزۇلار رايونىدىكى ئاممىنىڭ ئاللىقاچان سەۋىر قاچىسى توشتى.شۇڭا بۇنداق ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ ئايىغى يىلبويى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ. مۇبادا بۇنداق ۋەقەلەر ئۇيغۇرلار رايونىدا يۈز بېرىپ قالسىچۇ؟

7-جۇڭگو نېفىتچىلىكى ،  جۇڭگو نېفىت-خېمىيەچىلىكى قاتارلىق دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ كارخانىلار ھەر يىلى شىنجاڭدىن زور تۈركۈمدە نېفىت ۋەتەبىئىي گاز قېزىۋاتىدۇ.«غەرىبنىڭ نېفىتىنى شەرىققە يەتكۈزۈش»،«غەرىبنىڭ گېزىنى شەرىققە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ نېفىت-تەبىئىي گازلىرى شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەرىقتىكى شەھەرلەرگە توشۇلىۋاتىدۇ.ئەشۇ شىركەتلەر چەتئەللەردە نېفىت قازسا زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىپ خەيرى ساخاۋەت، مەكتەپ ئېچىش، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى يولغا قويماي قالمايىتتى.ئەمما شىنجاڭدا بۇنداق قىلماقتا يوق ھەتتا ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنىمۇ ئىچكىرىدىن ئەكىلىشىۋاتىدۇ.شۇڭا يەرلىكلەر ئۇلارنىڭ پايدىسىنى كۆرمەك تۈگۈل ئەكسىچە مۇھىت بۇلغۇنىشنىڭ زىينىنى تارتىدۇ.بۇنداق ئىشلار شۇ يەرلىكتىكىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتەرمۇ؟

يۇقۇردىكى مەسىلىلەرگە چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر.مۇبادا ئەشۇ  مەسىلىلەرنىڭ بىرەرسى ياخشى ھەل قىلىنمىسا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن.سېياسىي ساھەدىكىلەر چوقۇم بۇ مەسىلىلەرنى ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىشىشى ، باش ئاغرىسا پۇتقا دارا قىلماي كېسەل نەدە بولسا شۇ يەرنى داۋالىشى كېرەك. ئاپتور يەنە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك پىلان-تەدبىرلەرنى سېياسىيونلارنىڭ پايدىلىنىغا سۇنماقچى:

1-              قەشقەر، خوتەن، لوپ، چەرچەن، ماڭلىڭخا ، نىڭشىيانى لىنيە قىلغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى توللۇق تونۇپ يېتىش كېرەك. بۇ قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ چىڭخەي لېنيىسى بولۇپ، شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىكى سوڭ يۈن ، خۇي شېڭ قاتارلىق راھىبلار چىڭخۇ خانىشنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئەنەتكەك(ھىندىستان)كە نوم ئالغىلى باراشىدا مۇشۇ يول بېلەن ماڭغان. بۇ يول چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يولىدىن موھىم تۇرسا تۇرىدۇكى ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ. بۇنى يالغۇز ئىقتىساد، نوپۇس، تەبىئىي شارائىت نۇقتىسىدىنلا ئەمەس ئەڭ موھىمى دۆلەت بىخەتەرلىك نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئويلىنىش كېرەك. تۆمۈر يول تۇتاشسا ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ سىرىتقا چىقىشى، سودىگەرلەرنڭمۇ بۇ رايونغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىلىپلا قالماي يەنە شۇ جاينىڭ دىنىي كەيپىياتىنى زور دەرىجىدە سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە مىللەتلەر ئارا ئالاقە ۋە يۆتكۈلۈشكە  ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بېكىنمىچىلىكىنى ئاجىزلىتىشقىمۇ پايدىلىق.

2-شىنجاڭ رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سېياسىتىنى قويۇۋېتىش كېرەك.جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭرى، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ۋە ھەرخىل ، نوپۇسنىڭ جايلىشىشى تەكشى ئەمەس . شەرقىي قىسىم رايونلاردا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ، ئەمما يېرى كەڭ نوپۇسى شالاڭ شىنجاڭ رايونىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا پىلانلىق تۇغۇتقا چەك قويۇۋالماسلىق كېرەك ئىدى، گەرچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاساسىي جەھەتتىن پىلانلىق تۇغۇتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي كەلگەن بولسىمۇ.

3-قاتتىق قول سېياسەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك. چېقىپ كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يەر ئىگىدارلىق كېنىشكىسى بېلەن بىرگە  مەڭگۈلۈك قىلىپ بېرىش؛ ئۆيى كۆچۈرۈلگەن، چېقىلغان ئائىلىلەردىكى ئىشسىزلارنى سودا رايونىدىن ھەقسىز دۇكان ياكى تۆۋەن باھالىق دۇكانلار بېلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تىرىكچىلىك يولىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

4-جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدا خىرىستىيان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىي قىشىغا رۇخسەت قىلىش ۋە ئۇنى قوللاش كېرەك.ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان شامان دىنى، بۇددا دىنى ، ئاتەشپەرەسلىك دىنى ، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنغا ئېتىقات قىلىپ كەلگەن. نۆۋەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنى ئاز-تولا تەرەققىياتلارغا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ ئەممە توقۇنۇشتىن قورقۇپ بېسىش؛ چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلارنى سېلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق ئەھۋاللىرى ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ پەقەت مۇقىملىقتىن ئىبارەت كۆز ئالدىدىكى تار دائىرنىلا ئويلىغانلىق بولۇپ،دۆلەتنىڭ دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكى سېياسىتىگە ماس كەلمەيدۇ. خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنى گەرچە ھۆكۈمەت تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتېزىمغا ئوخشاپ كەتمىسىمۇ ئەمما ئۇلاردا ھېچبولمىسا باشقا مىللەتلەر بېلەن نىكاھلىنىشقا چەك قويۇش  ۋە غازات قىلىشتەك دىنىي قانۇنلار يوق، ئىدارە قىلماقمۇ نىسبەتەن ئاسان.

5-چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم.جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بېلەن ئەتراپتىكى ئۇششاق دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان چوڭ-كىچىك بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىپ ، كەسكىن تەدبىر قوللۇنۇپ ئەشۇ تەشكىلاتلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىش ، زۆرۈر تېپىلغاندا قورال كۈچى ئىشلىتىپ ھەل قىلىشقا تامامەن قادىر.

6- دۆلەت كارخانىلىرى ئۇيغۇرلار رايونىدا زاۋۇت قۇرۇپ، شۇ يەرلىكلەرنى ياللاپ ئىشلىتىپ، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەيرى-ساخاۋەت ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بېلەن قوللاپ، ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلىشى كېرەك.بەزىلەر شىنجاڭنىڭ  مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا تەبىئىي شارائىت جەھەتتىن ئىسرائىلىيە بېلەن ئىنتايىن ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى،بولۇپمۇ ئۇلار ياراتقان قۇملۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئەڭ كاتتا مۆجىزە ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ، شۇڭا ئىسرائىلىيىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭغا 100مىليون كۆچمەن يۆتكەپ، 100ئىسرائىلىيە قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. مەن بۇ تەكلىپنى قاتتىق قوللايمەن.شۇنچە يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتە ئازراقمۇ تەۋرەپ قويمىغانلىقى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. مەن شۇنداق قارايمەنكى، ھېچ بولمىسا جانۇبىي شىنجاڭدا چوڭ-كىچىكلىكى 10ئىسرائىلىيىگە باراۋەر كەلگۈدەك قۇملۇق يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلسا شۇ يەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشۇش ۋە تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بولاتتى.

7- شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنى قەشقەر ۋە خوتەنگە يۆتكەش كېرەك. جۇڭگودا قەدىمدىن بۇيان «چېگرانى تەڭرىقۇتلار ساقلايدۇ» دېگەن ئەنئەنە  بار. شۇڭا پايتەخىتنى بېيجىڭدىن قەشقەرگە يۆتكەشنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك.سۇن جوڭشەن ئەپەندىمۇ پايتەخىتنى قەشقەرگە كۆچۈرۈشنى ئويلىشىپ باققان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قەشقەر پامىر ئىگىزلىكىگە جايلاشقان ، ئاسىيانىڭ يۈرىكى ھېساپلىنىدۇ. بۇ يەردىن ئاسىيانى چۈشەنگىلى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.قەشقەر شىمالدا شىمالىي يىپەك يولى لىنىيىسىگە؛ شەرىقتە جەنۇبىي يىپەك يولى لىنىيىسىگە ؛ غەرىبتە غەربىي يىپەك يولى لېنىيىسىگە تۇتىشىدۇ. غەربىي يىپەك يولى لېنىيىسى ئارقىلىق غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىغا بارغىلى بولىدۇ.جەنۇبتا پاكىستانغا تۇتىشىدىغان جەنۇبىي يىپەك يولى تارماق  لېنىيىسىگە تۇتىشىدۇ. قەشقەرنى ئاسىيا ھەتتا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چاسا يول ئېغىزى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.جۇڭگو تارىخدا تېخىچە غەيرى يۇرت مەدەنىتىنى ئاساس قىلىدىغان پايتەخىت بېكىتىلىپ باقمىدى.ئەمما دۇنيا تارىخىدىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن قەدىمقى دەۋىردىكى ھون ئىمپىرىيىسى ، ئوسمان ئىمپىرىيىسى دېگەندەك. ھازىرقى زاماندا قازاقىستان بېلەن بىرازىلىيىمۇ غەيرى يۇرت مەدەنىتى رايونىنى پايتەخىت قىلىپ بېكىتىش ئۇسۇلى بېلەن ئەشۇ زېمىنلاردا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مۇستەھكەم قوغداشقا ئىرادە قىلىپ كەلمەكتە. ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى ئېلىپ ئېيىتساق، كونىستانتونپول ئەسلى شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولۇپ، خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلاتتى.سۇلتان مۇھەممەد ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆز پايتەختىنى قوغداپ قېلىش ئۇرۇشىدا گەرچە ئىمپىرىيە مەغلۇپ بولۇپ زېمىنىنىڭ يېرىمى قولدىن كەتكەن بولسىمۇ ئەمما ئىستانبولنى ساقلاپ قالغان . ئىستانبول ساقلاپ قېلىنغانلىقى ئۈچۈنلا تۈركىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىمۇ ئوخشاشلا ساقلاپ قېلىنغان. مۇبادا قەشقەر پايتەخىت قىلىنسا زاۋۇدلارنىڭ ھەممىسىنى كۆچۈرىۋېتىپ  ، يالغۇز مەمۇرى مەركەز بولۇش سۈپىتى بېلەنلا نوپۇسنىڭ 100مىليوندىن  كۆپىيىپ كەتمەسلىك ھالىتىنى  ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى  بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا سۇ بايلىقىمۇ ئىشلىتىشكە تامامەن يېتىدۇ. پايتەخىتنى قەشقەرگە كۆچۈرۈش تەكلىپىنىڭ سەۋەبلىرى ناھايتى ئاددى. مۇبادا پايتەخىت كۆچۈرۈلمىسە مەركىزىي ھۆكۈمەتتە زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ (ھازىرقى ھالەتتىن قارىغاندا بۇ خىل ئېھتىماللىقنى يوق دېگىلى بولمايدۇ) جۇڭگو ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم بولغان شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ رايون ئەڭ ئاخىردا قولدىن كېتىشى مۇمكىن.

(ئەسكەرتىش: ئاپتورنىڭ ئىزاھاتىچە بۇ كۆز قاراش پەقەت ئاپتورنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغىلا ۋەكىللىك قىلىدىكەنكى تور مۇنبەرلىرىنىڭ مەيدانى ياكى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدىكەن)


http://www.chinaelections.org/NewsInfo.asp?NewsID=224532



تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-04, 10:23
خەلقېم مەن بىلەن
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 141
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
تۆھپىسى: 88
پۇلى: 555 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 176
ياخشى باھا: 506
توردا: 11(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2013-03-20
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-04 23:41

مۇجىمەللىك ۋە بىر تەرەپلىمىلىككە تولغان ماقالىكەن بۇ. بىر قارىسا ئاۋامغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقاندەك يەنە بىر قارىسا ھۆكۈمەتكە كۆڭۈل بۆلىۋاتقاندەك نۇقتىنەزىرى بىر - بىرىگە ئارلىشىپ كېتىپتۇ.
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1198
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1198دانە
تۆھپىسى: 126
پۇلى: 1505 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 252
ياخشى باھا: 1455
توردا: 238(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2013-05-30
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-05 11:56

ئاللا ھ ساقلىسۇن. تىنچلىق ھەممىدىن مۇھىم،  شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەككى ھەرگىزمۇ.....
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
تۆھپىسى: 71
پۇلى: 328 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 132
ياخشى باھا: 323
توردا: 110(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2013-05-21
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-05 19:21

ياخشى يېزىلىپتۇ ،ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ، قوش بىسلىق نۇقتىنەزەر دېگەن مانا شۇ ...........
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 646
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
تۆھپىسى: 114
پۇلى: 994 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 174
ياخشى باھا: 890
توردا: 321(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2013-05-08
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-05 23:32

شۇڭا پايتەخىتنى بېيجىڭدىن قەشقەرگە يۆتكەشنى ئويلىشىپ كۆرۈش كېرەك
==================================================
پايتەختىدە ياشاركەنمىز
ئىچىمدىكى دەرتلەرنى ناخشام بىلەن تۈگەتتىم .
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-06 01:59

شىنجاڭ رايونىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سېياسىتىنى قويۇۋېتىش كېرەك(ما گەپ ھەجەپ خوشياقتى!)
************************************************************
تۆمۈر يول تۇتاشسا ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ سىرىتقا چىقىشى، سودىگەرلەرنڭمۇ بۇ رايونغا كىرىشىگە قولايلىق يارىتىلىپلا قالماي يەنە شۇ جاينىڭ دىنىي كەيپىياتىنى زور دەرىجىدە سۇسلاشتۇرغىلى بولىدۇ(بىچارە بايقۇشنىڭ خېلى بېشى قېتىپتۇ ھە!)
*************************************************************
جۇڭگودا قەدىمدىن بۇيان «چېگرانى تەڭرىقۇتلار ساقلايدۇ» دېگەن ئەنئەنە  بار.(قالقان تەڭرىقۇتلار)
********************************************************************
دۆلەت كارخانىلىرى ئۇيغۇرلار رايونىدا زاۋۇت قۇرۇپ، شۇ يەرلىكلەرنى ياللاپ ئىشلىتىپ، يەرلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەيرى-ساخاۋەت ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بېلەن قوللاپ، ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلىشى كېرەك.(ئوبراز ئۈچۈن مەقسەتلىك قىلىنغان خەيىر ساخاۋەت ئارقىلىق بىزنى مىننەتتارلىق تۇيقۇزىغا غەرىق قىلاي دەپتۇدە !!)
ئىجتىھاد
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-06 02:02

ما ئاداش بىر باشقۇرۇپ باقسا بىر يىلدىلا ۋاڭ ئاكىسىدىن دەشنام يەمدۇ نىمە !؟
ئىجتىھاد
دوستلىشىش
سالمان888
تۇرمۇش ئاچا يولغا ئوخشايدۇ، تاللاش موھىم مەسلە.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1371
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1077
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1077دانە
تۆھپىسى: 287
پۇلى: 1765 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 564
ياخشى باھا: 1659
توردا: 242(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-19
ئاخىرقى: 2013-05-30
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-06 12:01

3-قاتتىق قول سېياسەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك. چېقىپ كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى يېڭى ئۆيلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى يەر ئىگىدارلىق كېنىشكىسى بېلەن بىرگە  مەڭگۈلۈك قىلىپ بېرىش؛ ئۆيى كۆچۈرۈلگەن، چېقىلغان ئائىلىلەردىكى ئىشسىزلارنى سودا رايونىدىن ھەقسىز دۇكان ياكى تۆۋەن باھالىق دۇكانلار بېلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تىرىكچىلىك يولىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.   ماۋۇ گەپ قۇلاققا خىلى خۇش ياختى .
خەلقېم مەن بىلەن
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-06 13:12

تەرجىمان دىگەن مانداق قىلمامدۇ! ئەجرىڭىزگە رەھمەت بوزقىركا!
ئىجتىھاد
دوستلىشىش
تاقەت315
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1403
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
تۆھپىسى: 22
پۇلى: 97 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 44
ياخشى باھا: 97
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-03-22
ئاخىرقى: 2012-05-05
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-04-06 23:24

بۇ ماقالىنىڭ كۆپ قىسمى ئەندىشە پۇراپ تۇردىغۇ ؟مەملىكەت خەۋەرلىرىدە جاھان تىنىچ ئەل ئامان دەپ ۋەز ئېيتىۋاتسا .