رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈرمىدە يېتىشىغا سەۋەپ بولغان شېئىر
تۆۋەندىكىسى ئۇ ئەينى چاغدا ئوقۇغان شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىسى:
قولۇمدا مىلتىق، كۆڭلۈمدە ئىمان،
تىلىكىم ئىككى: دىن بىلەن ۋەتەن…
كۈچۈمدۇر ئارمىيەم، بۈيۈكىم سۇلتان،
سۇلتانغا ياردەم ئەيلىگىن يا رەب!
ئۆمرىنى زىيادە ئەيلىگىن يا رەب!
دىنىمىز ئىستەر ساداقەت، خىزمەت،
ئانىمىز ۋەتەن، دادىمىز مىللەت،
ۋەتەننى مەمۇر ئەيلىگىن يا رەب
مىللەتنى خۇشھال ئەيلىگىن يا رەب!
تۇغۇڭدۇر تەۋھىد، بايرىقىڭ ھىلال،
بىرسى يېشىل، يەنە بىرسى ئال ( قىزىل).
ئىسلامغا ئىچ ئاغرىت، دۈشمەندىن ئۆچ ئال،
ئىسلامنى ئاۋات ئەيلىگىن، يا رەب!
دۈشمەننى بەرباد ئەيلىگىن يا رەب!
جەڭ مەيدانىدا تالاي قوچقار يىگىت،
دىن ۋە يۇرت ئۈچۈن بولۇشتى شېھىت،
ئوچىقى يانسۇن، ئۆچمىسۇن ئۈمىت،
شېھىتنى مەھزۇن ئەتمىگىن يا رەب!
نەسلىنى زەبۇن ئەتمىگىن يا رەب!
قۇماندان، ئوفىتسېر دادىلىرىمىز،
سېرژانت، ئون بېشى ئاغىلىرىمىز،
تەرتىپ ۋە ھۆرمەت قانۇنلىرىمىز
قوشۇننى سەرخىل ئەيلىگىن، يا رەب!
بايراقنى ئۈستۈن ئەيلىگىن، يا رەب!
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يۇقارقى شېئىرنى ئوقۇغاندا بەزى يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى ئۆزى قوشۇپ ئوقۇغان:
مۇنارلار نەيزە، قۇببىلەر قالقان،
مەسجىدلەر گازارما، مۆئمىنلەر ئەسكەر،
بۇ ئىلاھى قوشۇن دىنىمنى قوغدار
ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!
CNNTÜRKتورىنىڭ 7-ئاينىڭ 12 كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، باشباقان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە 61- ھۆكۈمەتنىڭ پروگراممىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر كېڭەشتە بۇ شېئىرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغان ۋە پۈتۈن پارتىيىداش مىللەت ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئالقىشلىغان.
تۈركچىدىن ئايپالتا ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.
مەنبە : ئوكيان قامۇسى
ئىلاۋە: تۈركىيەنىڭ ھازىرقى باشباقانى( زۇڭلى) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە (1994-1998) ، تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى شۇ چاغدىكى « سائادەت » پارتىيىسىنى تارقىتىۋىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەردوغان 1997- يىلى دېكابىردا پارتىيىداشلىرى بىلەن تەشكىللىگەن نارازىلىق يىغىلىشىدا ئوقۇغان تۆۋەندىكى شېئىرى تۈپەيلىدىن 10 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ( لېكىن 4 ئاي ياتىدۇ). بۇ شېئىر زىيا كۆكئالىپنىڭ شېئىرى بولۇپ، ئەردوغاننىڭ شۇ چاغدا ئۆزىنى ئاقلاپ دېيىشىچە، تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىگە قاراشلىق بىر نەشىرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بىر كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن بىر شېئىر ئىكەن. لېكىن ئەردوغاننىڭ بۇ ئىشى « دىنىي ۋە ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى تەرغىپ قىلغان» دەپ قارىلىپ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان ۋە ئەردوغاننىڭ شەھەر باشلىقىلىق ۋەزىپىسىمۇ قالدۇرۇلغان. << ماكان مۇنبىرى>>