ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر يۇپۇرماق.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ— ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەر شائىر، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزىمغا ۋە فاشىست مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئاۋانگارت رول ئوينىغان قەھرىمان جەڭچى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922– يىلى 11– ئاينىڭ 16– كۈنى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1933– يىلى غۇلجا شەھىرىگە كېلىپ، تاتار باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇدى. 1939– يىلى 8– ئايدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئۇقۇدى. 1942– يىلى 6– ئايدا ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە ئورۇنلاشتى. 1943– يىلى شېڭ سىىسەي ھۆكۈمىتى لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تېخىمۇ قاتتىق نەزەربەنت قىلىش ئۈچۈن ئاقسۇغا يۆتكىۋەتتى. 1945– يىلى 9– ئاينىڭ 18– كۈنى ئازاتلىق يولىدا ئاقسۇدا مەرتلەرچە قۇربان بولدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1936– يىلنىڭ بېشىدا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەنىدى. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى 1937– يىلدىن تارتىپ ‹‹ئىلى گېزىتى›› دە ئەركىلەتمە ئىسمى— ‹‹لۇتۇن››نامى بىلەن ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. كېيىن ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› دە ‹‹خەلقىمگە››، ‹‹بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى››، ‹‹بىز شىنجاڭ ئوغۇل– قىزلىرى››، ‹‹جۇڭگو پارتىزانلىرى››، ‹‹كۈرەش››، ‹‹جانان ئەيلەر››، ‹‹جۇڭگو››، ‹‹چوڭ كۈرەش قوينىدا››، ‹‹كۈرەش دولقۇنلىرى›› قاتارلىق شېئىرلارنى ‹‹قاينام ئۆركىشى›› دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلغان. لۇتپۇللا مۇتەللىپ شىنجاڭ گېزىتىدە تەھرىرلىك قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ‹‹ئەدەبىيات نەزىرىيىسى››ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ‹‹سانايى نەفس›› (سەنئەت ئۆمىكى) نىڭ خىزمىتىگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ‹‹چىمەنگۈل››، ‹‹كۆرەش قىزى››، ‹‹چىن مۇدەن›› (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بىلەن بىرلىشىپ يازغان)، ‹‹سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ›› قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى يازدى.
لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھاياتى— ئىنقىلابى ھايات، ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ۋە خەلقنىڭ ھۈرلۈك، سائادىتى ئۈچۈن ھارماي– تالماي كۈرەش قىلغان جەڭگىۋار ھايات. ئوت يۈرەك شائىر، ئىنقىلابىي جەڭچى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان ئوغلانى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 23 يىللىق ھاياتىدا پەقەت 9 يىل ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، ۋەتىنى، خەلقىگە قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇ يالغۇز شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شوغۇللىنىپلا قالماي، بەلكى دراما– تىياتىر، ھېكايە، ئەدەبىي ئوبزور، نەسىر ۋە فېليەتون ئىجادىيىتى بىلەنمۇ ئاكتىپ شوغۇللىنىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆلمەس تۆھپە قوشتى.
